ئىشچى- خىزمەتچىلەر شەخسىي سەۋەب تۈپەيلىدىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىستېپا بەرسە، ئادەتتە ئىقتىسادىي تۆلەم پۇلى بېرىلمەيدۇ. ئەمما «ئەمگەك توختامى قانۇنى»دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، تۆۋەندىكى ئالتە خىل ئەھۋالدا ئىشچى- خىزمەتچىلەر «ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان» بولسا، شىركەت يەنىلا ئىقتىسادىي تۆلەم بېرىشى كېرەك: ئەمگەك توختامىدىكى پۈتۈم بويىچە ئەمگەك مۇھاپىزىتى ياكى ئەمگەك شارائىتى بىلەن تەمىنلىمىگەن بولسا؛ ئەمگەك ھەققىنى ۋاقتىدا، تولۇق بەرمىگەن بولسا؛ ئەمگەكچىلەر ئۈچۈن قانۇن بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرمىغان بولسا؛ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ قائىدە- تۈزۈمى قانۇن- نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ بولۇپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇق- مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزگەن بولسا؛ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەك توختامى تۈزگەندە ئالدامچىلىق قىلىش، مەجبۇرلاش، قىيىن ئەھۋالدا قالغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، ئەمگەك توختامى كۈچكە ئىگە بولمىغان بولسا؛ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ياكى جىسمانىي ئەركىنلىكنى قانۇنسىز چەكلەش ۋاسىتىلىرى بىلەن ئەمگەكچىنى ئەمگەك قىلىشقا مەجبۇرلىغان ياكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن قائىدىگە خىلاپ قوماندانلىق قىلىپ، قاراملىق بىلەن مەشغۇلات قىلىشقا زورلاپ، ئەمگەكچىنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن بولسا.
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)