قەلبنى ئىللىتقان دەملەر| سېرىق توپىلىقتىكى «موزدۇز» ساياھەت يېتەكچىسى
18:31:30 2024-03-07 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

سۈن چېڭدۇڭ 

 شەنشى ئۆلكىسى تۇڭچۇەن شەھىرى يىنتەي رايونىدا، مەن ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان چېنلۇ دەپ ئاتىلىدىغان بىر قەدىمىي بازارنى تاسادىپىي ئۇچراتتىم، شۇنداقلا دۇنيادا بىردىنبىر «ياۋجوۋ فارفۇرى» رىۋايىتىنى ئوقۇدۇم. 

 مەن غەربىي قىسىم مەدەنىيىتىگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىم، پىنھان سىرلار ئۈستىدە ئىزدىنىش ئىستىكىم بىلەن چېنلۇ قەدىمىي بازىرىغا كىرىپ، خۇددى ساپال ۋە فارفۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئۇزۇن يۆگىمە رەسىمىگە كىرىپ قالغاندەك بولدۇم. ماڭا سەپەرداش بولغىنى ۋۇ خۇەنشى ئىسىملىك شۇ يەرلىك ساياھەت يېتەكچىسى ئىدى. بۇ چىرايى ياداڭغۇ، يېشى 60 تىن ئاشقان بوۋاي ئىدى. 

 پېشقەدەم ساياھەت يېتەكچىسى گەرچە بىر ئۆمۈر تاغ ئىچىدە ياشىغان بولسىمۇ، ئەمما خېلى ساپ پۇتۇڭخۇادا سۆزلەيتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىلىمى مول بولۇپ، بەئەينى ھەقىقىي «چېنلۇ قامۇسى» ئىدى. ئۇ يول بويى سۆزلەپ ماڭدى، يا كلاسسىك ئەسەرلەردىن نەقىل كەلتۈرەتتى، يا ئاجايىپ- غارايىپ ئىشلارنى بايان قىلاتتى، يا قەدىمىي بۇيۇملارنى تونۇشتۇراتتى ... ئاغزىدىن گەپ تۆكۈلۈپلا تۇراتتى، ئەدەبىيات ۋە تارىخنىڭ ئەستايىدىللىقى، نەسىرنىڭ گۈزەللىكى، شېئىرنىڭ لىرىكىلىقى، قوشاقلارنىڭ مۇڭى، چۆچەكلەرنىڭ ئاممىبابلىقى، دېكلاماتسىيەنىڭ جاراڭلىقلىقى، مەدداھلىقنىڭ راۋانلىقى ئۇنىڭدا بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كەتكەن بولۇپ، كىشىنى ئۇزاققىچە چوڭقۇر ئويغا سالاتتى، شۇنداقلا چېنلۇنى قەلبلەرگە چوڭقۇر سىڭدۈرەتتى.

 كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى، گەرچە قەدىمىي بازارنىڭ ھەممە يېرى جىلغا بولسىمۇ، پىشقەدەم ساياھەت يېتەكچىسى ئويمان- دۆڭلەردە تۈز يەردە كېتىۋاتقاندەك بىمالال ماڭاتتى. يول بويى ھېلى سىلكىنىپ، ھېلى ئېگىلىپ، ھېلى يامىشىپ، ھېلى سېيرىلىپ مېڭىپ، ھېرىپ ھالىمدىن كەتتىم، ئۇنىڭ ئاۋازى، چىراي ئىپادىسى، ئىنتوناتسىيەسى ئادەتتىكىدەك ئىدى. بوۋاي يىل بويى سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكتە چېپىپ يۈرۈپ، پۇتى تالماس، تېنى ھارماس بولۇپ بولغان ئىدى. 

 سەپەر ئارىلىقىدا ھەمراھ بولغان خادىملار ماڭا بۇ پېشقەدەم ساياھەت يېتەكچىسىنىڭ ئەسلىدە موزدۇز ئىكەنلىكىنى، چېنلۇ ساپال ۋە فارفۇر بۇيۇملار زاۋۇتىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا ئولتۇرۇپ موزدۇزلۇق قىلغانلىقىنى، كۈندە ئاڭلاۋېرىپ، كۆرۈۋېرىپ، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن چېنلۇ ساپال ۋە فارفۇر بۇيۇملىرىغا ئائىت ئىشلارغا ئاستا- ئاستا پىششىق بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى. ئۇ سىرتتىن كەلگەنلەرنىڭ، ھەتتا چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ چېنلۇنىڭ ساپال ۋە فارفۇرلىرىنى ئالاھىدە قىزىقىپ قالغانلىقىنى كۆرگەندە ناھايىتى پەخىرلىنىپ، ئاياغ يامىغاندىن باشقا ۋاقىتلاردا ساياھەتچىلەرگە چېنلۇنىڭ، ساپال ۋە فارفۇرلارنىڭ ئۆتمۈشىنى سۆزلەپ بېرىدىغان بوپتۇ. ئەنە شۇ چاغدىن باشلاپ، ئۇ بارا- بارا چۈشەندۈرگۈچىلىكنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ ھەمدە چېنلۇ مەنزىرە رايونىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسىگە ئايلىنىپ، بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە قەدىمىي بازارنىڭ بۇلۇڭ- پۇچقاقلىرىغىچە بېرىپ، چېنلۇ ساپال ۋە فارفۇرچىلىقىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى، گۈللىنىشى ۋە خارابلىشىشىنى ساياھەتچىلەرگە، دۇنياغا سۆزلەپ بېرىدىغان بوپتۇ. 

 مۇشۇ سۆزلەش بىلەن 20 نەچچە يىلنى ئۆتكۈزۈپتۇ؛ مۇشۇ سۆزلەش بىلەن زادىلا توختاپ باقماپتۇ. 

 «چېنلۇ ھېكايىسى»، «ساپال ۋە فارفۇر ھېكايىسى»نى ياخشى سۆزلەش ئۈچۈن، ئۇ ساپال ۋە فارفۇرچىلىق نەزەرىيەسىنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، قەدىمكى ئەسەرلەر ۋە ماتېرىياللارنى كۆرۈپ، چۈشەندۈرۈش سۆزىنى كۆڭۈل قويۇپ پىششىقلاپ، ۋاقىتنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى ساپال ۋە فارفۇرغا ئائىت مەزمۇنلارنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قېزىپ چىقىپتۇ. ئەجىر يەردە قالماپتۇ، ئۇ ئاخىرى ئۆزگىچە، كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان چۈشەندۈرۈش سۆزىنى يېزىپ چىقىپتۇ ھەمدە ئەمەلىيەت داۋامىدا ئۆزىنىڭ خاس ئۇسلۇبىنى شەكىللەندۈرۈپتۇ. ئۇ يەنە ساياھەتچىلەر ياقتۇرىدىغان ئۇسۇل ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىنى چېنلۇغا كىرىشكە، ئۇنى چۈشىنىشكە، ئۇنى بىلىشكە، ياخشى كۆرۈشكە جەلپ قىپتۇ.

 پېشقەدەم ساياھەت يېتەكچىسىنىڭ بوم ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ تېتىك سىماسىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان ھاياتىنى ئويلاپ، ئىختىيارسىز قاتتىق تەسىرلەندىم. مېنىڭ قەلبىمدە، پېشقەدەم ساياھەت يېتەكچىسى چېنلۇنىڭ ساپال ۋە فارفۇر بۇيۇملىرى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ، قەدىمىي بازارنىڭ بىر قىسمىغا، يېزىقسىز، ئەمما قاپىيەلىك ئىسىم كارتوچكىسىغا ئايلانغانىدى. 

 مىڭ يىللىق خۇمدان ئوتىنىڭ ئۆچۈپ قالماي يېنىپ تۇرۇشىدىكى سەۋەب شۇكى، پېشقەدەم ساياھەت يېتەكچىسىگە ئوخشاش مىڭلىغان- تۈمەنلىگەن كىشى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ھارماي- تالماي ئەجىر سىڭدۈرىدۇ، ئۈن - تىنسىز تۆھپە قوشىدۇ.

 ئاپتورنىڭ ئادرېسى: جياڭسۇ ئۆلكىسى يەنچېڭ شەھىرى تىڭخۇ رايونلۇق يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى 

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125