«95- يىلى تۇغۇلدۇم، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى تاپشۇرغىنىمغا تولۇق 15 يىل بولدى، يەنە تاپشۇرۇشۇم كېرەكمۇ؟» يېقىندا جېجياڭ خاڭجوۋلۇق بىر يىگىت ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، تورداشلارنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغىدى.
بۇ يىگىت ئۆزىنىڭ خىزمەت قىلغانلىقىغا ئالتە يىل بولغانلىقىنى، ئالتە يىل ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرغانلىقىنى، چېقىش- كۆچۈرۈش تۆلىمى بىلەن 10 يىللىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى تولۇقلىغانلىقىنى ئېيتتى. تورداشلارنىڭ ئۆزىگە ھەۋەس قىلىۋاتقانلىقىغا قارىتا، يىگىت تۇرمۇشۇمدا ئۆزگىرىش بولمىدى، روھىي بېسىمىم سەل ئازايدى، ئىستىپا بېرىپ ئۆزۈم قىلماقچى بولغان ئىشلارنى قىلماقچى بولۇۋاتىمەن، دېدى.
ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى 15 يىل تولۇق تاپشۇرغان بولسا، «پېنسىيەگە چىقىپ ياشانغاندا كۈتۈنۈش»كە بولامدۇ؟
15 يىل بولسا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرۇش ئارقىلىق ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ئەڭ تۆۋەن يىل چېكى. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئەگەر ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرغىنىغا 15 يىل توشۇپ، پېنسىيە يېشىغا توشقاندىن كېيىن ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى ئالالايدۇ، تۇرمۇشىمۇ ئاساسىي كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ.
بىر تورداش دەرھال: «خىزمەت قىلىپ 15 يىلغا توشقاندىن كېيىن، ئىدارىنىڭ مېنىڭ ئۈچۈن يەنە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرماسلىقى، ئۆزۈم تاپشۇرغان قىسمىنى ماڭا بىۋاسىتە نەق پۇل قىلىپ بېرىشى توغرىسىدا ئىدارە بىلەن كېڭەشسەم بولامدۇ- بولمامدۇ؟» دەپ ئويلىدى.
بولمايدۇ! ئىجتىمائىي سۇغۇرتا دۆلەت قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق مەجبۇرىي ئورناتقان ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى بولۇپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچىلەر جەزمەن قانۇن بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىشى كېرەك.
چېقىش- كۆچۈرۈش تۆلىمى بىلەن 10 يىللىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى تولۇقلاش بەلگىلىمىگە ئۇيغۇنمۇ؟
بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن! قانۇندا يېزا كوللېكتىپ يېرىنى ئالغاندا ئادىل، مۇۋاپىق تۆلەم بېرىپ، يېرى ئېلىنغان دېھقانلارنىڭ ئەسلىدىكى تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتمەسلىكىگە، ئۇزاق مۇددەتلىك تىرىكچىلىكىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش بەلگىلەنگەن. ئەمەلىيەتتە، چېقىش- كۆچۈرۈش تۆلىمى بىلەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى تولۇقلاش ئايرىم ئەھۋال ئەمەس.
ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇقرالارنى ياشانغان، كېسەل بولغان، ئىشسىز قالغان، تۇغقان، ئىشتا يارىلانغان ئەھۋالدا كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. شەھەر- بازارلاردىكى كۆپ قىسىم ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسى خىزمەت ئىستاژىغا ئەگىشىپ ئاي بويىچە تاپشۇرۇلىدۇ.
ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرۇشتىن ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ۋاز كەچسە، ئاقىۋىتىنى كىم ئۈستىگە ئالىدۇ؟
1. ئەمگەكچى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرۇشتىن ۋاز كېچىشكە يازما ۋەدە بەرگەندىن كېيىن، شىركەتتىن تولۇقلاپ تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
2. ئەمگەكچىلەر ئىجتىمائىي سۇغۇرتىدىن ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ۋاز كېچىش كېلىشىمىگە ئىمزا قويغاندىن كېيىن ئىشتا يارىلانسا، داۋالىنىش خىراجىتىنى شىركەت ئۈستىگە ئالىدۇ.
ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى يۆلەك تېپىپ ۋاكالىتەن تاپشۇرۇشنىڭ قانداق خەتىرى بار؟
خىزمەت ئورنى يوق بىر قىسىم كىشىلەر ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇش، ئۆي، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرۇشنى ئۈزۈپ قويۇشتىن ساقلىنىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ۋاكالىتەن تاپشۇرىدىغان شىركەتنى تېپىپ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا يۆلەك قىلىدۇ، لېكىن بۇ خىل ئۇسۇل ئەمەلىيەتتە قانۇنغا خىلاپ!
2022- يىلى 3- ئاينىڭ 18- كۈنىدىن باشلاپ «ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى مەمۇرىي نازارەت قىلىش چارىسى» رەسمىي يولغا قويۇلدى. نۇرغۇن جايدىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ئاشكارا خەۋەر ئېلان قىلىپ، سۇغۇرتىغا يۆلەك تېپىپ قاتنىشىش، سۇغۇرتىغا قاتنىشىش شەرتىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ سۇغۇرتىغا قاتنىشىشنىڭ قانۇن- بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇردى.
جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى قانداق تاپشۇرىدۇ؟
ئۆز تاراتقۇ كەسىپكارلىرى، ۋەيمەي توشۇغۇچىلار، ھەميول ئاپتوموبىل شوپۇرلىرى ... نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 200 مىليون ئەتراپىغا يەتتى، ئۇلار ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى قانداق ئۇسۇل بىلەن تاپشۇرسا بولىدۇ؟
ئەمەلىيەتتە، يەرلىكنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسىدا جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقان شەخسلەرگە قارىتىلغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرۇش چارىسى بار، شەخسلەر ئەمەلىيەتتە پۈتۈنلەي ئۈچىنچى تەرەپنى ئىزدەپ يۆلەك قىلىپ ۋاكالىتەن تاپشۇرمىسىمۇ بولىدۇ، ئۆزى بىۋاسىتە تاپشۇرسا بولىدۇ، ھەق تېخى ئازراق بولىدۇ. جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ھەق نىسبىتى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئورۇن بىلەن شەخس بىرلىشىپ تاپشۇرىدىغان ئومۇمىي ھەققىدىنمۇ ئاز بولىدۇ، شۇنداقلا ئارتۇقچە رەسمىيەت ھەققىمۇ كەتمەيدۇ.
پايدىلانغان مەنبە: جۇڭگو ئالاقە تورى بىرلەشمە رەددىيە بېرىش سۇپىسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)