شى فېڭ
ئانىنىڭ مۇھەببىتى شەخسىيەتسىز، ئۇلۇغ بولىدۇ، شۇنداقلا جاۋاب قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلمايدۇ، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ھاياتىمىزنىڭ پۈتۈن جەريانىنى دېگۈدەك قاپلىغان، ئېسىمدە قېلىشىچە، «سەرگەردان يەر شارى» ناملىق كىنودا بىر ئالىم ئەڭ ئاخىرقى لىنىيەنى تەتقىق قىلىشتىن بۇرۇن، تاماكا قېپىنى ئېچىپ، ئەڭ ئاخىرقى بىر تال تاماكىنى چىقارغان چاغدا، ئانىسى ئۇنىڭغا قالدۇرۇپ قويغان باغاقچىدىكى: «ھاۋا سوۋۇپ كەتتى، ئىچىڭىزگە قېلىنراق كىيىۋېلىشنى ئۇنتۇماڭ» دېگەن خەتنى كۆرگەنلىكىنى كۆرۈپ، بىردىنلا كۆزلىرىمگە ياش ئالغانىدىم، شۇ پەيتتە «ئانا بولغاندىلا، ئاندىن ئائىلە بولىدۇ» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى ھەقىقىي چۈشەنگەنىدىم.
كىچىك ۋاقتىمدا دائىم ئانامدىن بىزار بولاتتىم، كوتۇلدايدۇ، ھەممىنى باشقۇرىدۇ، دەپ ئويلاپ، بالدۇرراق چوڭ بولۇپ، ئەركىن پەرۋاز قىلىشنى ئارزۇ قىلاتتىم. ھەقىقىي چوڭ بولغاندىن كېيىن، ئۆي - ئوچاقلىق بولدۇم، ئەينى چاغدا ئانامغا ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدىم، ئۇ ئۆزى يېيىشكە كۆزى قىيماي ماڭا يېگۈزۈپتۇ، ئۆزى ياخشى كىيىم- كېچەكلەرنى ئېلىشقا قىيماي، ماڭا ياخشى كىيىم- كېچەكلەرنى ئېلىپ بېرىپتۇ. كونىلاردا: «بالا سەپەرگە چىقسا ئانا غەم يەيدۇ، ئانا سەپەرگە چىقسا بالا غەم يېمەيدۇ» دەيدىغان گەپ بار، بىز ئانىمىز ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىپ بەردۇق؟ مەن زادى ئانام ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيمەن؟
2020- يىلى 9- ئاينىڭ 7- كۈنى، مېنىڭ ئۆمۈرۋايەت ئۇنتۇيالمايدىغان كۈنۈم، شۇ چاغدا مەن خىزمەت ئورنۇمدا پۈتۈن كۈچۈم بىلەن مەملىكەت بويىچە مەدەنىي شەھەرلەر تەكشۈرۈشىنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئىدىم، ئەتىگەندە دادام قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى، تېزراق بېرىشىم كېرەكلىكىنى ئېيتىپ تېلېفون قىلدى. مەن بىردىنلا گاڭگىراپ قالدىم، چۈنكى جىددىي ئىش بولمىسا دادام بۇنداق گەپ قىلمايتتى. مەن دەرھال ئاپتوموبىل ھەيدەپ ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا باردىم، بىر نەچچە ئادەم ئانامنى كۆتۈرۈپ تاشيول بويىدا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپتۇ، دادامنىڭ ئاپتوموبىلى كېرەكتىن چىقىپتۇ، قورقۇپ كەتكىنىمدىن ماڭالمايلا قالدىم، ئەتراپقا نۇرغۇن ئادەم ئولىشىۋالغانىدى، مەن گەپ قىلمايلا ئانامنى كۆتۈرۈپ قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىغا چىقاردىم، ئانامنىڭ بىرقانچە قوۋۇرغىسى سۇنۇپ كەتكەچكە، ياتالمايتتى، مەن ئانامنى باغرىمغا بېسىپ ئولتۇردۇم، شۇ ھالەتتە يەنچېڭ شەھەرلىك بىرىنچى خەلق دوختۇرخانىسىغا باردۇق، ئۇدۇللا ICU بۆلۈمىگە ئەكىرىپ كېتىلدى، يولدا يۈرىكى 28 مىنۇت سوقۇشتىن توختاپ قالدى، ئاخىرىدا يەنچېڭ شەھەرلىك 1- خەلق دوختۇرخانىسىدىكى دوختۇرلار ئاپامنى ئۆلۈم ئاغزىدىن قۇتۇلدۇرۇپ ئەكەلدى، ئاپام ICU بۆلۈمىدە 48 كۈن تۇردى، ئاپام ئادەتتىكى كېسەلخانىغا يۆتكەلگەندە، مېنىڭ «ئانا» دەپ چاقىرغىنىمغا جاۋاپ قايتۇرۇۋېدى، كۆز ياشلىرىم ئىختىيارسىز تۆكۈلۈپ كەتتى، بۇ ھايات- ماماتلىق ئايرىلىش سىنىقى ئىدى، بۇ ئۆمرۈمدە ئۇنى قايتا كۆرەلمىگىلى تاسلا قالغانىدىم، ئانام مېنىڭ ئىسمىمنى چاقىرغىنىدا، ئاشۇ خىل ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان ئىللىقلىق ماڭا ھەسسىلەپ يېقىملىق تۇيۇلدى. «چوڭ بالا- قازادىن ئامان قالساڭ، كېيىن ئامەت كېلىدۇ» دېگەندەك، ئانامنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئىزچىل سالامەت بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەن ئوتتۇرا ياشقا كېلىپ قالدىم، ئىككى بالىنىڭ دادىسى بولدۇم، كۆڭلۈمنىڭ ئەڭ تەسكىن تاپىدىغىنى، ھېرىپ- چارچاپ ئۆيگە كەلگىنىمدە يېقىملىق ھالدا: «ئانا» دەپ چاقىرالايمەن، بۇ مېنىڭ بىر كۈنلۈك ھارغىنلىقىمنى تۈگىتىپ، بارلىق باش قېتىنچىلىقىمنى ئۇنتۇلدۇرالايدۇ، شۇنداقلا بۇ چاغدا ئانامنىڭ چەككەن جاپالىرىنى ۋە بىزگە كۆيۈنۈشىنى چۈشىنەلەيمەن.
دۇنيادىكى ئانىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ساغلام، خۇشال- خۇرام، غەم- ئەندىشىسىز ياشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، سۆيۈملۈك ئانا، مەن سىزنى مەڭگۈ سۆيىمەن.
ئاپتورنىڭ ئادرېسى: جياڭسۇ ئۆلكىسى يەنچېڭ شەھىرى يەندۇ رايونى جاڭجۇاڭ كوچا باشقارمىسى
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)