قەلبنى ئىللىتقان دەملەر| يول باشلىغۇچى
12:21:06 2024-03-12 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

شۈ خۇڭمېي

 مېنىڭ جياڭسۇ سۇجوۋغا بولغان تونۇشۇم ئەڭ دەسلەپتە دەرسلىك كىتابتىكى «يەر يۈزىدە ئەڭ گۈزەل جاي بار دېيىلسە، ئۇ دەل سۇجوۋ بىلەن خاڭجوۋ» دېگەندىن كەلگەن. ئاپتور ئاددىيغىنە بىر نەچچە ئېغىز سۆز بىلەنلا نۇرغۇن ئوقۇرمەنگە تەلپۈنۈشكە ئەرزىيدىغان جاينى كۆرسىتىپ بەرگەنىدى.

 2022- يىلى يازلىق تەتىلدە،  سۇجوۋ مەنزىرىلىرىگە مەپتۇن بولۇپ قالدىم. بىلىپ- بىلمەيلا سۇجوۋدىكى پەنمېن قوۋۇقى ئالدىغا كېلىپ قاپتىمەن. ماڭا يېقىنلا جايدىكى ساياھەت يېتەكچىسى 20 نەچچە ياشلىق يىگىت بولۇپ، يەڭگىل ھەرىكەتلىرىدىن ياشلىق ھاياتىي كۈچى بالقىپ تۇراتتى. ساياھەتچىلەر ئۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا ئەگىشىپ ئۆزلىرىنىڭ نەزەرى ۋە قەدىمىنى تەڭشەپ تۇراتتى. 

 ساياھەت يېتەكچىسىنىڭ مۇبالىغىلىك بايانلىرىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، يالغۇز ئايلىنىشقا باشلىدىم. قەدىمىي سېپىلنى بويلاپ ئاستا ماڭغاچ، شامالدا جىرىڭلاۋاتقان قوڭغۇراقلارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىپ، ئالا- بۇلىماچ داغ باسقان كۆك خىشلارغا نەزەر سېلىپ، قەلبىمنى ئىختىيارسىز قەدىمكىنى سېغىنىش تۇيغۇسى چۇلغىدى. پەلەمپەيدىن يۇقىرىغا ئۆرلىدىم، قارا خەتلىك قەدىمكى سېرىق ھەربىي تۇغلار كۆزۈمگە چېلىقتى، ئۇلار شامالدا لەپىلدەپ، كىشىدە ھۆرمەت، ئەيمىنىش تۇيغۇسى قوزغايتتى. سېپىل تېمىغا نەزەر سالغاچ، يولنى بويلاپ ماڭدىم، سېپىل ئۈستىدىكى پورەكلەپ ئېچىلغان گۈللەر ئىختىيارسىز دىققىتىمنى جەلپ قىلدى. تومۇزغىنىڭ چىرىلدىشى قۇلاق تۈۋىمدە  ناھايىتى ئېنىق ئاڭلانغاندا، قەدىمىمنى توختىتىپ بېشىمنى كۆتۈرۈپ، بىر دەريانىڭ ماڭار يولۇمنى توسۇۋالغانلىقىنى بايقىدىم. مەن ئەزەلدىن بىر «يول قارىغۇسى» ئىدىم، زىيادە كۆپ سۈرەتكە تارتىش سەۋەبىدىن يان تېلېفونۇمنىڭ توكى تۈگەپ ئېتىلىپلا قالغانلىقتىن، يول باشلاش دېتالىنى ئىشلىىتىشكىمۇ ئامالسىز قالدىم. قاراڭغۇ چۈشۈشكە باشلىدى، سوغۇق شامال بەدىنىمنى قورۇشقا باشلىدى. يار- يۆلەكسىزلىك، ئۆزۈمنى ئەيىبلەش، ئالاقزادىلىك ئىلكىدە، قىلچە نىشانسىز ھالدا بىر قەۋەتلىك بىر ئۆينى تولا ئايلىنىپ، يەنىلا چىقىپ كېتىدىغان يولنى تاپالمىدىم.

 «گۈلدار ئارغىماق ئاستىمدا،  ئۆتكۈر شەمشەر قولۇمدا، پايانسىزدۇر تاغ- دەريا....»  كۆز ئالدىمدىكى بۇ بىر قەۋەتلىك ئۆيدىن ناخشا ئاۋازى ئاڭلاندى، ناخشىچىنىڭ نەپەس- تىنىقلىرى سىلىق، مۇقىم، ھېسسىياتى تولۇپ تاشقان ئىدى. ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، مەن ئۇنىڭ ئۆي ئىچىدە چاسا قەدەم تاشلاپ، كىيىمىنىڭ ئېتىكىنى قايرىپ مېڭىۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلدىم. مەن ياردەم تەلەپ قىلماقچى بولۇپ تاقەتسىزلىك بىلەن ئىشىك چەكمەكچى بولۇۋاتقىنىمدا، ئىشىك «غىچ» قىلىپ ئېچىلىپ، كۆك رەڭلىك سەھنە كىيىمى كىيگەن ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئەر چىقىپ كەلدى. مەن ئۇنىڭغا دۇچار بولغان قىيىنچىلىقىمنى ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇ خۇشخۇيلۇق بىلەن كۈلۈپ قويۇپ: «يۈرۈڭ، مەن بىلەن مېڭىڭ» دېدى. ئۇ مېنى باشلاپ ماڭغاچ، كۆز ئالدىمدىكى سېپىلنىڭ تارىخىنى تونۇشتۇردى. دەرۋەقە، بۇ يەرنىڭ ھەقىقەتەن  «ئالدى  شەھەر، كەينى دەريا» بولۇپ، يەر شارائىتى ياخشى جاي دېيىشكە بولاتتى، شۇڭا ئۇنىڭ گەپ- سۆزلىرىدىن مەمنۇنلۇق تۇيغۇلىرىنىڭ ئايان بولۇپ تۇرۇشىمۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس ئىدى. 

 «كۆك كىيىملىك» مېنى باشلاپ تەخمىنەن يۈز قەدەم مېڭىپ، ياپيېشىل بامبۇكزاردىن ئۆتكەندىن كېيىن، سۇجوۋ قەدىمىي شەھىرىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك «يالغۇز ئاياغ كۆۋرۈك، ئېقىن سۇ، ئۆي» پەيدا بولدى. كۆز ئالدىم بىردىنلا يورۇپ كەتتى، ھەتتا ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى مېترو بېكىتىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىمۇ كۆردۈم. ھەش- پەش دېگۈچە قەلبىم ئۈمىدكە تولدى، چەكسىز خاتىرجەملىك ھېس قىلدىم. كۆۋرۈك ئۈستىدە تۇرۇپ تۆت ئەتراپقا نەزەر سالغاچ چېھرىمدە «خەتەردىن قۇتۇلغان»دىن كېيىنكى تەبەسسۇم جىلۋىلەندى. مەن بۇرۇلۇپ رەھمەت ئېيتماقچى بولغىنىمدا، ئۇ  ماڭا قاراپ يېڭىنى پۇلاڭلىتىپ قويۇپلا، بۇرۇلۇپ كېتىپ قالدى، سەھنە كىيىمىنىڭ پەشلىرى ۋە يېڭىنى لەپەڭلەتكەچ تېز- تېز چامداپ، كەچكى شەپەق ئىچىدە ئاستا- ئاستا يىراقلاپ كەتتى.

 يول باشلاش ياخشىلىقى ماڭا «ئىللىقلىق» دېگەن سۆزنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى، شۇنداقلا سۇجوۋدىن ئىبارەت بۇ شەھەر توغرىسىدا كۆڭلۈمگە تېخىمۇ كۆپ ياخشى تۇيغۇ بېغىشلىدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشىمدا، مەن «ئۇ»نىڭ ياخشىلىقىنى دوراپ، كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە باشقىلارغا ياخشىلىق قىلدىم. بىر ئېغىز سۆز، بىر قول ئىشارىتى، بىر قېتىم ئىئانە بېرىش... گەرچە ئانچىكىم بىر ئىشلار بولسىمۇ، جۇغلانسا يىغىلىپ بىر پارچە ئوت بولۇپ ، سامان يولىغا يۇلتۇزدەك چېچىلىدۇ.

 ئاپتورنىڭ ئادرېسى: جياڭسۇ ئۆلكىسى يەنچېڭ شەھىرى بىنخەي ناھىيەلىك تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتەپ شىنجيەن جەنۇبىي يولى مەكتەپ رايونى

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125