سۈن جيەنچىڭ
بۇ ئۆتۈپ كەتكىنىگە 32 يىل بولغان ئىش، لېكىن بۇ ئىشنى ئويلىساملا، نەنجىڭ ليۇخېدىكى نامسىز بىر موماينى ئەسلەيمەن، قەلبىم ئىللىقلىققا تولىدۇ.
بۇ ئىش 1991- يىلى دېھقانلار كالېندارى بويىچە 1- ئايدا يۈز بەرگەن ئىدى، ئايالىم بوشىنىپ ئىككىنچى يىلى، ئۇنىڭ بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پولتىيىپ چىقىش كېسىلى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ، كارىۋاتتىن چۈشۈپ ھەرىكەت قىلالمايدىغان بولۇپ قالدى، كېيىن تونۇشلىرىمىزنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن نەنجىڭ 1- ئاۋغۇست دوختۇرخانىسىغا كېلىپ ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ داۋالاتتۇق. ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىمدە، ئاشۇ يىلى، دېھقانلار كالېندارى بويىچە 1- ئايدىكى نەنجىڭ خېلىلا سوغۇق ئىدى، يەنە تېخى بىر قېتىم قار يېغىپ، باھار بايرىمىدىن كېيىن ئۆيدىن ئايرىلىپ باشقا جايغا بېرىپ دوختۇرغا كۆرۈنۈۋاتقان بىز تولىمۇ غېرىبسىنغانىدۇق.
«سىلەر قەيەردىن كەلدىڭلار؟ نېمە كېسەل بىلەن دوختۇرخانىدا يېتىۋاتىسىلەر؟» قوشنا كارىۋاتتىكى 60 نەچچە ياشلىق بىر موماي بىز بىلەن قىزغىن پاراڭلاشتى، پاراڭلىشىش جەريانىدا مەن موماينىڭ نەنجىڭ ليۇخې يېزىسىدىن ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ بارمىقىنى ماشىنا مىجىۋەتكەچكە دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغانلىقىنى بىلدىم. ئۇ يەنە بىزگە دوختۇرخانا ئاشخانىسىدا قاچان تاماق چىقىدىغانلىقىنى، قايناقسۇخانىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى، قاچان قايناقسۇ ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. ئايالىم ئوپېراتسىيە قىلىنىپ، ئەمدىلا كېسەلخانىغا كىرىشىگە موماي ياندا تۇرۇپ: «ئاغرىقنىڭ تېنى ئاجىز بولىدۇ، يوتقاننى ياخشى يېپىڭلار، سوغۇق ئۆتۈپ قالسا بولمايدۇ»، دېدى. كەچ كىرگەندە مەن پاختىلىق جۇۋىنى كىيىپ، ئايالىمنىڭ كارىۋىتىنىڭ يېنىدا بېشىمنى قويۇپ، ئايالىمغا ھەمراھ بولۇپ كېچىنى ئۆتكۈزمەكچى بولۇۋىدىم، موماي مەندىن: «كېچىنى مۇشۇنداق ئۆتكۈزمەكچىمۇ؟» دەپ سورىدى، مەن بېشىمنى لىڭشىتتىم، موماي: «ھاۋا شۇنچە سوغۇق تۇرسا، بۇنداق بولسا قانداق بولغىنى؟» دېدى. ئەينى چاغدىكى دوختۇرخانىنىڭ كېسەلخانىسىدا تېخى ھاۋا تەڭشىگۈچ يوق ئىدى، موماي ئالدىراپ: «سىز مېنىڭ كارىۋىتىمدا ئۇخلاڭ، ئاياغ تەرىپىمدە يېتىڭ» دېدى. مېنىڭ ھاڭ- تاڭ قالغىنىمنى كۆرۈپ، موماي ئالدىراپ- تېنەپ: «نېمىگە ھاڭۋىقىپ تۇرىسىز، مېنىڭ ئوغلۇممۇ سىزدىن چوڭ» دېدى. موماينىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، بىردىنلا پۈتۈن بەدىنىمگە بىر خىل ئىللىقلىق تارقالغانلىقىنى ھېس قىلىپ، دەرھال چاپىنىمنى سېلىۋېتىپ، موماينىڭ كارىۋىتىغا چىقىپ ياتتىم.
ئەپسۇسلىنارلىقى، موماي دوختۇرخانىدىن چىققان چاغدا، ئايالىم كارىۋاتتا ئۇخلاپ قاپتۇ، مەن سىرتقا مېۋە سېتىۋالغىلى چىقىپ كېتىپتىمەن، مەن قايتىپ كەلگىنىمدە، موماي دوختۇرخانىدىن چىقىپ بولغان بولۇپ، قوشنا كارىۋات بوش قالغان ئىدى.
مەن دوختۇرخانىدا ياتقان كۈنلەردە موماينىڭ ئىسىم- فامىلىسى ۋە ئائىلىسىنىڭ ئالاقىلىشىش نومۇرىنى سورىۋېلىش خىيالىمغا كەلمىگەنلىكىگە پۇشايمان قىلدىم، 32 يىل ئۆتۈپ كەتتى، ئاقكۆڭۈل موما، سىز ياخشى تۇرۇۋاتامسىز؟
ئاپتورنىڭ ئادرېسى: جياڭسۇ ئۆلكىسى يەنچېڭ شەھىرى جيەنخۇ ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)