رادىياتسىيە، ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، بىر خىل ئېنېرگىيەنىڭ يەتكۈزۈلۈشى بولۇپ، ئادەتتە ئىيونلۇق رادىياتسىيە ۋە ئىيونسىز رادىياتسىيە دەپ ئايرىلىدۇ.
ئىيونلۇق رادىياتسىيە دېگىنىمىز، رادىياتسىيە ئېنېرگىيەسىنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە يۇقىرى بولۇپ، ئاتومنى ئىيونلاشتۇرالايدىغان، مەسىلەن، يادرو رادىياتسىيەسى، CTدا تەكشۈرۈش قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇلار بەدىنىمىزنى ئاسانلا زەخىملەندۈرىدۇ، مەسىلەن، ھۈجەيرىنىڭ راكقا ئۆزگىرىشى، ھامىلىدار بولالماسلىق ياكى ھامىلىنىڭ ئۆلۈشى ۋە غەيرىيلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئىيونسىز رادىياتسىيەنىڭ ئېنېرگىيەسى بىرقەدەر تۆۋەن بولۇپ، ئاتومنى ئىيونلاشتۇرالمايدۇ، شۇڭا ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيىنى بىرقەدەر كىچىك بولىدۇ، بۇ مىكرو دولقۇن، سىمسىز ئېلېكتىر دولقۇنى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
يان تېلېفوننىڭ رادىياتسىيەسى بار، ئۇ ئىيونسىز رادىياتسىيەگە تەۋە، رادىياتسىيە چاستوتىسى ناھايىتى تۆۋەن، يان تېلېفون رادىياتسىيەسىدىن زىيادە قورقۇپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق.
پايدىلانغان مەنبە: ئىلمىي رەددىيە بېرىش سۇپىسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)