غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بىلەن ئۇچرىشىش | نازىركوم ئۇسسۇلى ئويناپ، خۇشاللىقنى ھەر بىر كىشىگە يەتكۈزىمەن
16:43:53 2024-03-14 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سۇڭ خەيبو) 3- ئاينىڭ 10- كۈنى، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى ئاستانە يېزىسىنىڭ يېڭىتۇر كەنتىدە، تۇرسۇن پەتتار ئەتراپىدىكى ياشلارغا ئۇسسۇل ھەرىكىتىنى ئويناپ كۆرسەتمەكتە ئىدى، ئۇنىڭ ھەرىكىتى تېتىك، رىتىمى تېز بولۇپ، بۇ خىل ئۇسسۇلنىڭ ئۆزگىچە رىتىم تۇيغۇسىنى نامايان قىلماقتا ئىدى.

mmexport1710228998308

تۇرسۇن پەتتار (سولدىن 4- كىشى) نازىركوم ئۇسسۇلى ئوينىماقتا.  سۈرەتنى تۇرپان شەھەرلىك مەدەنىيەت يۇرتى تەمىنلىگەن

 دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك تۈرى بولغان نازىركوم ئۇسسۇلىنىڭ تۇرپان شەھىرى دەرىجىلىك ۋەكىل خاراكتېرلىك ۋارىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۇرسۇن پەتتار 15 يېشىدىن باشلاپ نازىركوم ئۇسسۇلىنى ئۆگىنىشنى باشلىغان بولۇپ، ھازىر نازىركوم ئۇسسۇلىنى ئويناۋاتقىنىغا 40 نەچچە يىل بولدى.

mmexport1710229003880

تۇرسۇن پەتتار (ئوڭدىن 4- كىشى) نازىركوم ئۇسسۇلى ئوينىماقتا.  سۈرەتنى تۇرپان شەھەرلىك مەدەنىيەت يۇرتى تەمىنلىگەن

 نازىركوم ئۇسسۇلىنى نېمە ئۈچۈن ئۆگەنگەنلىكى توغرىسىدا توختالغاندا، تۇرسۇن پەتتار ئەسلەپ مۇنداق دېدى: بالىلىق چاغلىرىمدا ھەر قېتىم دېھقانچىلىقنىڭ بوش ۋاقىتلىرىدا، توي- تۆكۈن، چوڭ ھېيت- بايراملاردا كەنت ئاھالىلىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، بىرلىكتە نازىركوم ئۇسسۇلى ئوينايتتى. «تۇنجى قېتىم كۆپچىلىكنىڭ ئوينىغىنىنى كۆرۈپ، نەق مەيداندىكى خۇشال كەيپىياتتىن تەسىرلەندىم، شۇنداقلا خۇشاللىقنى ئەتراپىمدىكى ھەر بىر كىشىگە يەتكۈزۈشنى ئويلىدىم». ئۇ ئۇستاز تۇتۇپ نازىركوم ئۇسسۇلى ئويناشنى ئۆگىنىشكە باشلىدى، «مېنىڭ ئۇستازىم ئېلى تۆمۈر بولىدۇ، ئۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدىلا سەھنىگە چىقىپ ئويۇن قويۇشقا باشلىغان، ئۇ بىزنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىمىزگە، ھەر بىر ئىنچىكە ھالقىغا قاتتىق تەلەپ قوياتتى».

 «ئېلى مۇئەللىم ئالدى بىلەن بىزگە توخۇ، ئۆردەك قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ ياشاش ئادىتىنى كۆزىتىشنى ئېيتىپ، ئۇسسۇل ھەرىكىتىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بەردى». تۇرسۇن پەتتار ئۆي قۇشلىرىنىڭ يولنى ئۆزگىچە رىتىم ۋە ھالەتتە ماڭىدىغانلىقىنى، شۇنداق بولۇپلا قالماي، باشلىرىنى ئۇيان- بۇيان چايقىغان ھالىتىنىڭ ئىنتايىن قىزىقارلىق ئىكەنلىكىنى بايقىدى. شۇنىڭ بىلەن تۇرسۇن پەتتار بۇ ھەرىكەتلەرنى دوراپ، ئۇسسۇلغا ئەپچىللىك بىلەن سىڭدۈردى.

 «تۇنجى قېتىم سەھنىگە چىققاندا، بەك جىددىيلىشىپ كەتكەن ئىدىم، سەھنىدە ئۆزۈمنى ئەركىن قويۇپ بېرەلمىدىم، شۇنىڭ بىلەن تاماشىبىنلار چۇقان كۆتۈرۈپ زاڭلىق قىلىشتى، لېكىن ئېلى مۇئەللىم مېنى توختىماي ئىلھاملاندۇردى». ئۆگىنىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، تۇرسۇن پەتتار «تاختا بەل چۈشۈپ گۈلنى ئېلىش»، «كەينىچە ئېگىلىپ گۈلنى چىشلەش» قاتارلىق قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى ھەرىكەتلەرنى تەدرىجىي ئۆگەندى. نازىركوم ئۇسسۇلىنىڭ سېھرىي كۈچىنىڭ ئۇنىڭ يۇمۇرىستىك، قىزىقارلىق ئۇسسۇل ھەرىكىتىدىن كېلىپلا قالماي، مۇزىكا رىتىمىنى كونترول قىلىشتىن تېخىمۇ ئايرىلالمايدىغانلىقىنى ئۇ تەدرىجىي ھېس قىلدى. ئۇ يەنە چالغۇ چېلىشنى ئۆگىنىشكە كىرىشىپ، مۇزىكىنىڭ رىتىمى بىلەن ئۇسسۇلنىڭ ھەرىكەت سېزىمىنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇپ، ئۇسسۇلنى تېخىمۇ جانلىق، قىزىقارلىق ئويناپ، سەھنىدىكى ئويۇنىنى تېخىمۇ ئەركىن- ئازادە ئورۇنلىدى.

IMG_20240312_153709

تۇرسۇن پەتتار (سولدىن 5- كىشى ) نازىركوم ئۇسسۇلى ئوينىماقتا.  سۈرەتنى تۇرپان شەھىرى مەدەنىيەت يۇرتى تەمىنلىگەن

 ماھارىتىنىڭ كۈنسېرى ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، تۇرسۇن پەتتار شۇ جايدىكى توي مۇراسىمى، بايرام پائالىيەتلىرىدە نازىركوم ئۇسسۇلىنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىشقا باشلىدى ھەم ئويۇن قويۇش سەھنىسىنى تەدرىجىي ھالدا تۇرپان شەھىرى، ئۈرۈمچى شەھىرى قاتارلىق جايلارغىچە كېڭەيتتى. كۆپ يىللىق ئويۇن قويۇش كەچۈرمىشى تۇرسۇن پەتتارغا نازىركوم ئۇسسۇلىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ قاتنىشىشىغا توغرا كېلىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى. ئۇ نۇرغۇن شاگىرت تەربىيەلىدى، 26 ياشلىق مىجىت ياسىن ئۆي بېزەكچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغاندىن سىرت، نازىركوم ئۇسسۇلى ئۆگىنىشكە ھېرىسمەن ئىدى، «تۇرسۇن مۇئەللىم بىزگە ئۇسسۇل ئويناشنى ئۆگىتىپلا قالماي، تۇرمۇشىمىزدا قىيىنچىلىق بولسىمۇ بىزگە ياردەم قىلاتتى، ئادەتتە بىز دوستلاردەك ئۆتىمىز».

 «مەن بۇ يىل 63 ياشقا كىردىم، تېنىم ساغلام، ئۇسسۇل ئوينىغۇدەك ماغدۇرۇم بار. نازىركوم ئۇسسۇلىنىڭ ۋارىسى بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن، بۇنىڭدىن كېيىن مەن تېخىمۇ كۆپ ياشنى تەربىيەلەپ، بۇ خەلق ئۆرپ- ئادىتى مەدەنىيىتىگە ئىزچىل ۋارىسلىق قىلىمەن»، دېدى تۇرسۇن پەتتار.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125