قەلبنى ئىللىتقان دەملەر| قەلبىمدە لىققىدە ئېچىلغان كاڭنەيشىن گۈلى
11:20:48 2024-03-15 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

لۇ سۈيخۇڭ

 «جىرررىڭ...» دەرسكە كىرىشكە تەييارلىنىش قوڭغۇرىقى زىل ئاۋازدا چېلىندى، مەن دەرسخانا ئىشىكىنى ئاستا ئاچتىم، ئىللىق قۇياش نۇرى شوخلۇق بىلەن كىرىپ، بالىلارنىڭ ئۈستىگە يۇمشاققىنە چۈشتى.

 «لۇ مۇئەللىم!» كىمدۇر بىرى ۋارقىرىۋىدى، ئەسلىدە قېتىپ ئولتۇرغان بالىلار بىردىنلا جانلىنىپ كەتتى؛ ئەسلىدە چىۋىن ئۇچسا ئاڭلانغۇدەك جىمجىت تۇرغان دەرسخانا بىردىنلا قايناپ كەتتى. «مۇئەللىم، سىزنى سېغىندۇق!» «مۇئەللىم، ئاخىرى كەلدىڭىز!» ھەر بىر بالىنىڭ چېھرىدە خۇددى بىر كىچىك قۇياش ئېسىقلىق تۇرغاندەك، دەرسخانىغا كىرىپ تۇرغان قۇياش نۇرى بىلەن بىللە مېنى ئىللىق يورۇتماقتا ئىدى. مەن دەرھال قولۇمدا «ۋاقىتلىق توختاش» ئىشارىسى قىلغاچ، ئىلدام مېڭىپ مۇنبەرگە چىقتىم.

 «مۇئەللىم، سىزگە سۇندۇم، كېچىكىپ قالغان تىلەك!» بىرىنچى رەتتىكى شاكىچىك جى بورۇڭ قولىدا بىر دەستە گۈل كۆتۈرۈپ يېنىمغا كەلدى. پاھ، بۇ دەل مەن ياخشى كۆرىدىغان ھال رەڭ كاڭنەيشىن گۈلى ئىكەن: ئۇنىڭ بەرگىلىرى ئىنتايىن كۆركەم بولۇپ، مەركىزىدىكى بەرگىلىرى پارقىراق ھەم يۇمران ئىدى، بەرگىلەر ئوتتۇرىسىدا قىسىلىپ تۇرغان ئاتىلىق ۋە ئانىلىقى خۇددى كېپىنەكنىڭ سەزگۈ مۈڭگۈزچىسىگە ئوخشاش ئېزىلەڭگۈلۈك بىلەن سوزۇلۇپ تۇراتتى. مەن باشتا ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قاپتىمەن، يەنە بىر قاراپ، گۈلنىڭ ئۈستىگە يەنە بىر كارتا قىستۇرۇلغانلىقىنى كۆردۈم، ئۇنىڭغا: «مۇئەللىم، مەن سىزنىڭ دوختۇرخانىدىن چىقىشىڭىزنى تىلەيمەن، يەنە، يېرىم يىلدىن بۇيان ھالىمدىن خەۋەر ئالغىنىڭىزغا رەھمەت، مەن ئۈچىنچى يىللىقتا ئاران 80 نەچچە نومۇر ئالالايتتىم، ھازىر 90 نومۇر ئالالايدىغان بولدۇم، رەھمەت سىزگە. مۇشۇ گۈلدەك مەڭگۈ گۈزەل بولۇڭ!» دەپ يېزىلغانىدى. مەن بىر قولۇمدا گۈلنى ئېلىپ مۇنبەردىكى ئۈستەلگە قويۇپ، بىر قولۇمدا بۇ شاكىچىكنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ: «بالام، رەھمەت ساڭا!» دېدىم. ئەڭ ئالدىدا ئولتۇرغان بىر يۈرەكلىك قىز ئورنىدىن تۇرۇپ، بوينىنى سوزۇپ، كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ كارتىغا يېزىلغان مەزمۇنلارغا قارىدى، كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن دەرھال ئارقىغا بۇرۇلۇپ، كۆپچىلىككە «خەۋەر» بەردى: «ئۆتكەن ھەپتە مۇئەللىم دەرس ئۆتكىلى كېلەلمىگەن، ئەسلىدە لۇ مۇئەللىم دوختۇرخانىدا يېتىپ قاپتىكەن...» بالىلار ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كەتتى: «مۇئەللىم، ئاياللار بايرىمى كۈنى مەنمۇ بىر دەستە گۈل ئېلىپ كەلگەنىدىم!» «مەن بىر ئاتكىرىتكا ياسىغانىدىم، چۈشتىن كېيىن سىزگە ئالغاچ كېلەي!»

 «رەھمەت بالىلار!» كۆزنى يۇمۇپ- ئاچقۇچە، ئىللىقلىق قەلبىمنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ- پۇچقاقلىرىغىچە ئىگىلىدى، مەن كۆزۈمدىن ياش چىقىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۆزۈمنى زورلاپ تۇتۇۋالدىم. تۇيۇقسىز جى بورۇڭنىڭ ئاپىسىنىڭ تۈنۈگۈن ۋېيشىندا مەن بىلەن پاراڭلاشقانلىقى، جى بورۇڭنىڭ مېنى سېغىنغانلىقىنى، بۈگۈن مېنىڭ ئىشقا كېلىدىغان- كەلمەيدىغانلىقىمنى سورىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى يادىمغا كەلدى. بۇ ئىش ئېسىمگە كېلىشى بىلەن، مەن دەرھال: «رەھمەت ساڭا بالام، ئاپاڭغا رەھمىتىمنى ئېيتىپ قوي»، دېدىم. ئۇ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا بېشىنى لىڭشىتتى.

 دەرستىن چۈشتۇق، مەن ھېلىقى كاڭنەيشىن گۈلىنى خىزمەت ئۈستىلىمگە قويۇپ تۇرۇشۇمغا، ۋېيشىنىمغا بىر تال ئۇچۇر كەلدى، جى بورۇڭنىڭ ئاپىسىدىن كەلگەن ئىكەن. ھە، ئەسلىدە، كارتىدىكى گەپلەرنى جى بورۇڭ ئۆزى يازغانىكەن. بۇ بالىنىڭ بويى ئانچە ئېگىز ئەمەس، ئورۇق، كۆزئەينەك تاقىۋالىدىغان بولۇپ، دەرس ۋاقتىدا ھەمىشە دىققىتىنى يىغالمايتتى، ئۇنىڭ ئۆز ھېسسىياتىنى بۇنداق ئېنىق ئىپادىلىيەلەيدىغانلىقىنى ئويلاپ باقماپتىمەن. مەن مەمنۇنلۇق ئىلكىدە كاڭنەيشىن گۈلىگە قارىدىم: كاڭنەيشىن گۈلى سىدام، نەپىس، ئاددىي- ساددىلىق ئىچىدە نازاكىتى بىلىنىپ تۇرىدۇ، داۋراڭ سالمايدۇ، ياسالمىلىق قىلمايدۇ، تال- تال ئېچىلىدۇ، قىلچە ھۆسن تالاشمايدۇ، ئەمما كىشىگە ئىللىقلىق ھېس قىلدۇرىدۇ، كىشىنىڭ قەلبىدە چەكسىز ھېس- تۇيغۇ پەيدا قىلىدۇ.ئۇنىڭغا سەل يېقىنلىشىۋېدىم، بىر خىل سۇس خۇش پۇراق مېنى ئۆزىگە تارتتى، خۇددى ھەممە يەردە كاڭنەيشىن گۈلى ئېچىلىپ كەتكەندەك، قەلبىمدىكى ئەڭ نازۇك جايلارنىمۇ لىققىدە ئىللىقلىق چۇلغىۋالدى.

 ئاپتورنىڭ ئادرېسى: جياڭسۇ ئۆلكىسى يەنچېڭ شەھىرى جيەنخۇ ناھىيەسى شىتاڭخې باشلانغۇچ مەكتىپى

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125