بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى جېمىنەي چېگرادىن كىرىش- چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى چېگرا تەكشۈرۈشتىكى تەكشۈرۈش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ساقچى كۈچلىرىنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈردى. 3- ئاينىڭ 10- كۈنىگىچە، جېمىنەي پورتى ئارقىلىق چېگرىدىن كىرىپ- چىققان يولۇچى 14 مىڭ 500 ئادەم قېتىمدىن، چېگرىدىن كىرىپ- چىققان ئاپتوموبىل 2700دىن ئېشىپ، ئىمپورت- ئېكسپورت سودىسىدا تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
3- ئاينىڭ 11- كۈنى، شىنجاڭ جېمىنەي پورتىدا خەلق ساقچىسى چېگرىدىن چىقىدىغان ئاپتوموبىلنىڭ تەگلىكىنى تەكشۈرمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چېن شو فوتوسى
3- ئاينىڭ 11- كۈنى، خەلق ساقچىسى شىنجاڭ جېمىنەي پورتىنىڭ چېگرىدىن چىقىش زالىدا يولۇچىنىڭ كىنىشكىسىنى تەكشۈرمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چېن شو فوتوسى
3-ئاينىڭ 11-كۈنى، شىنجاڭ جېمىنەي پورتىدا، خەلق ساقچىسى چېگرىدىن چىقىدىغان ئاپتوموبىلنىڭ يۈك- تاق ساندۇقىنى تەكشۈرمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ شياۋچېڭ فوتوسى
3-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئېكسپورت قىلىنىشنى كۈتۈپ شىنجاڭ جېمىنەي پورتىغا توختىتىپ قويۇلغان، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئاپتوموبىللار. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چېن شو فوتوسى
3-ئاينىڭ 11-كۈنى، بىر ئاپتوبۇس شىنجاڭ جېمىنەي پورتىدىن چىقىپ كېتىۋاتماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چېن شو فوتوسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)