سۈن يىفەن
ۋاقىت ئۇچقاندەك ئۆتۈپ، مەن بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ قالدىم. مەن چوڭ بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا دادامدىكى ئۆزگىرىشكە دىققەت قىلىپ باقماپتىمەن. مەن ئۇنىڭ يۈزىدە ئاستا- ئاستا پەيدا بولغان قورۇقلارنى، ئىككى چېكىسىدىكى ئاقارغان چاچلارنى، يەنە خىزمەتتىن كېيىنكى ھارغىنلىقىنى كۆرمەسكە ساپتىمەن، تاكى ئاشۇ كۈنى دېرىزىدىن ئۇنىڭ يىراقلاپ كېتىۋاتقان سىماسىنى كۆرگەنگە قەدەر.
ئۇ كۈنى كەچلىك ئۆگىنىشتىن قويۇپ بەرگەندە، مەن «2- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ داغلاپ پىشۇرۇلغان تۇخۇم پوشكىلى دۇكىنى»نىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتىم، بىر خىل تونۇش پۇراق توڭلاپ قېتىپ قالاي دەۋاتقان بۇرنۇمدىن كىرىپ، نەپسىمنى تاقىلدىتىۋەتتى. لېكىن مەندە پارچە پۇل يوق، مەن سۆڭەكتىن ئۆتىدىغان سوغۇق شامالدا ھېلىدىن ھېلىغا كەينىمگە قارىغان پېتى ئۆيگە قايتىپ كەلدىم. ئۆيگە كېلىپ بەش مىنۇت بولمايلا داداممۇ قايتىپ كەلدى. ئۇ چاغدا دادام بەك چارچاپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن مەن يەنىلا ئادىتىم بويىچە ئالدىغا يۈگۈرۈپ چىقتىم. مەن دادامنى قۇچاقلاپ، ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ: «دادا، مېنىڭ داغلاپ پىشۇرۇلغان تۇخۇم پوشكىلى يېگۈم كېلىۋاتىدۇ!» دېدىم. چىرايىدىن ھارغىنلىق چىقىپ تۇرغان دادام ئىككىلەنگەن ھالدا: «ئوغلۇم، بۈگۈن سەل مىجەزىم يوق، ئەتە ئېلىپ بېرەي، بولامدۇ؟» دېدى. «ياق!» دېدىم مەن ئەركىلەپ: «مېنىڭ بۈگۈن يېگۈم بار!». دادامنىڭ ئورنىدىن قىمىرلىمىغانلىقىنى كۆرۈپ، مەن يىغلاپ غەلۋە قىلىپ: «نەدە مىجەزىڭ يوق، سەن ئېنىقلا مېنى ياخشى كۆرمەيدىكەنسەن! خەپ!» دېدىم.
دادام ئۈن- تىنسىز چاپىنىنى ئېلىپ، ئىشىكنى ئېچىپ چىقىپ كەتتى. دېرىزىدىن يول بويىدىكى چوڭ دەرەخلەرنىڭ شامالدا ئىرغاڭلاپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم، كەڭرى يولدا بىرمۇ ئادەم يوق ئىدى، لېكىن مەن ئۆز نەپسىمنى قاندۇرۇش ئۈچۈن دادامنى سوغۇق شامالغا ئىتتىرگەنىدىم.
دادام ئۆزى بىلەن بىللە سوغۇق ھاۋانى ئېلىپ كىرىپ، داغلاپ پىشۇرۇلغان تۇخۇم پوشكىلىنى قوينىدىن ئېلىپ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا ماڭا سۇندى. ئىسسىق تۇخۇم پوشكىلىنى ئېلىۋاتقىنىمدا، دادامنىڭ مۇزدەك قولىغا تېگىپ كەتتىم، يۈرىكىم جىغ قىلىپ قالدى. كۆزنى يۇمۇپ- ئاچقۇچە، چىڭ يۆگەلگەن تۇخۇم پوشكىلىدىن رايىم يېنىپ كەتتى، دادامنىڭ ھارغىن تۇرقىدىن كۆڭلۈم بىسەرەمجان بولۇپ قالدى.
دادام مەندىكى ئۆزگىرىشنى سەزمەي، مېنى ھەدەپ: «قوزام، ئىسسىقىدا يەۋال، سوۋۇپ قالسا تەمى كېتىپ قالىدۇ!» دەپ ئالدىراتتى.
كىم نۇر ئىچىدە تۇرغانلارنىلا قەھرىمان دەيدۇ؟ دادام ئەزەلدىن ماڭا بولغان مۇھەببىتىنىڭ قانچىلىك چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ باقمىغان، لېكىن ئۇنىڭ مۇھەببىتى ھەر ۋاقىت مېنى ئوراپ تۇرىدۇ. قەھرىتان قىشتا شامالغا قارشى ماڭغان ھارغىن سىماسى ماڭا قەدىرلەشنى چۈشەندۈردى، مېنى بىردىنلا خېلى چوڭ قىلدى، ئۇ مېنىڭ قەلبىمدىكى قەھرىمان.
ئاپتورنىڭ ئادرېسى: جياڭسۇ ئۆلكىسى جيەنخۇ ناھىيەسى خۇياڭ يولى باشلانغۇچ مەكتىپى
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)