تېرىمىزدىكى تۈك خالتىسىنىڭ سانى تۆرەلمە يېتىلىش مەزگىلىدىلا بېكىتىلىپ بولىدۇ، چۈشۈرۈش سەۋەبىدىن تېخىمۇ كۆپىيىپ كەتمەيدۇ.
ئەمما نۇرغۇن كىشىدە يېڭى ئۆسكەن چاچ- ساقال تېخىمۇ يىرىك، تېخىمۇ قويۇق بولىدۇ، دەيدىغان تۇيغۇ بار. ئەمەلىيەتتە چاچ يىلتىزىنىڭ دىيامېتىرى ئادەتتە تومراق، ئۇچى ئىنچىكىرەك بولىدۇ، ھەر قېتىم تۈكلەرنى چۈشۈرگەندىن كېيىن، بارماق بىلەن سىلىغاندا يۇمشاق تۈك ئۇچى ئەمەس، بەلكى يىرىك قارا تۈك يىلتىزى قولغا ئۇرۇلىدۇ، شۇڭا ئادەمدە تۈكلەر چۈشۈرگەنسېرى توملىشىپ، چۈشۈرگەنسېرى كۆپىيىپ كەتكەندەك خاتا تۇيغۇ پەيدا بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، بەزى جايلاردا بالىلىرىنىڭ چېچىنىڭ ئۇزۇن، قويۇق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىپ، ئۇلارنىڭ چېچىنى پات- پات چۈشۈرىدىغان ئادەت بار. بۇ، ئەمەلىيەتتە تۈك خالتىسىنىڭ بىر قەدەم بىر قەدەمدىن يېتىلىشى بولۇپ، چۈشۈرمىگەن تەقدىردىمۇ بەدەندىكى تۈك بارغانسېرى كۆپىيىدۇ.
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)