تېخنىكا ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈلدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ باقمىچىلىققا بولغان ئىشەنچى ئاشتى
15:36:40 2024-03-19 ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونىنىڭ چارۋىچىلىق ئەمەلىي تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەش يىغىنىدا باقمىچى جېلىل مۇنداق دېدى: «مۇتەخەسسىسلەر ۋە تېخنىكلارنىڭ تەربىيەلىگىنىگە، يېتەكچىلىك قىلغىنىغا رەھمەت، بۇ مېنىڭ كالا باقمىچىلىقى كەسپىگە بولغان ئىشەنچىمنى تېخىمۇ ئاشۇردى».

 3- ئاينىڭ 5- كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونى باقمىچىلارغا قارىتا سىياسەتنى چۈشەندۈرۈش، ئىلمىي باقمىچىلىق قىلىش، بازار ماركىتېڭى قاتارلىق جەھەتلەردە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، باقمىچىلىقتىكى ئىلمىي ئۇسۇل، پەن- تېخنىكا ۋاسىتىلىرىنى ئاھالىلەرنىڭ ئىشىكى ئالدىغىچە يەتكۈزۈپ، باقمىچىلىقنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلدى.

 ئۈرۈمچىدىكى مۇھىم باقمىچىلىق رايونى ۋە كالا، قوي گۆشى بىلەن تەمىنلەش رايونى بولغان مىدۇڭ رايونى بۇ يىل چارۋا باقمىچىلىق رايونىنى كۈچەيتىپ، ئەنئەنىۋى باقمىچىلىق شەكلىنى كۈچەپ ياخشىلاپ، چارۋا باقمىچىلىق بازىسىدىن يەتتىنى يېڭىدىن قۇرۇپ، كېڭەيتىپ قۇرۇپ، پەن- تېخنىكا ئارقىلىق يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشىدۇ.

 ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ ئىرسىيەت، سورت يېتىشتۈرۈش كەسپىدىكى پىروفېسسورلار، مىدۇڭ رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى- يېزا ئىدارىسىنىڭ مال دوختۇرى مۇتەخەسسىسلەر كوللېكتىپى، جۇڭخۇا بىرلەشمە مال- مۈلۈك سۇغۇرتا شىركىتى 12- شى شۆبە شىركىتى ۋە مۇنەۋۋەر كەسپىي باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ مەسئۇللىرىنى تەكلىپ قىلىپ، باقمىچىلار ئۈچۈن مەزمۇنى مول، كونكرېت ۋە ئەمەلىي تەربىيەلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

 شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىدىكى پىروفېسسور مەمتىمىن بارات باقمىچىلارغا 30 نەچچە يىللىق ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات ۋە پەن- تېخنىكىنى كېڭەيتىش تەجرىبىسىگە ئاساسەن، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مىدۇڭ رايونىنىڭ چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، چارۋىچىلىقنىڭ كۆلىمىنى زورايتىش، ئەلا نەسىللەرنى تاللاش، كالا، قوي باقمىچىلىقىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، كۆلەملەشتۈرۈش، ئۆلچەملەشتۈرۈش، كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىن تەپسىلىي چۈشەنچە بەردى ھەمدە ھەمتۈرتكە شەكلى ئارقىلىق باقمىچىلار ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرگە جاۋاب بەردى.

 ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى- يېزا ئىدارىسى چارۋىچىلىق ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ليۇ شياۋخۇي مۇنداق دېدى: «بىز كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق باقمىچىلارغا تېخنىكا، سىياسەت يەتكۈزۈپ، پەن- تېخنىكا ئارقىلىق كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، مىدۇڭ رايونى چارۋىچىلىقىنىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشۇپ، يېزا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىمىز».

 («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۇڭ جيەنخۇا خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125