ئالەم ئۇچقۇچىلىرى لەيلەپ ئۇخلامدۇ؟ ئالەم بوشلۇقى مۇھىتى گېننىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟ ھەقىقىي ئەھۋالنى كۆرۈپ باقايلى (1)
20:13:30 2024-03-21 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 سىرلىق ھەم بىپايان ئالەم بوشلۇقى ئالدىدا، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئەڭ ئالدىنقى سەپتە ماڭىدىغان كىشىلەردۇر، ئۇلار يۇلتۇزلار ئارا سەپەر قىلىۋاتقان كىشىلەردۇر، شۇنداقلا كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ئوبيېكتلاردۇر، شۇڭا ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن گۇمان پەيدا بولغان، مەسىلەن، ئالەم بوشلۇقى پونكىتىدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى لەيلەپ ئۇخلامدۇ؟ ئالەم بوشلۇقى تۇرمۇشى ئادەم بەدىنىنىڭ گېنىنى ئۆزگەرتىۋېتەمدۇ؟ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئالەم بوشلۇقىدا سەمرىپ كېتەمدۇ؟ دېگەندەك. ئەمەلىيەت راستتىنلا شۇنداقمۇ؟

 ئىلمىي رەددىيە سۇپىسى جۇڭگو ئالەم قاتنىشى مەدەنىيەت ئىجادىيىتى سۇپىسى بىلەن بىرلىشىپ سىزگە ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېچىپ بېرىدۇ.

  1

 پىتنە- ئىغۋا: يەر شارىدا، بىز ھەر كۈنى كەچتە كارىۋاتقا چىقىپ ئۇخلايمىز، ئەتىگەندە كارىۋاتتىن قوپىمىز، بەزىدە كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈز بەرسىمۇ، يەرگىلا چۈشۈپ كېتىمىز. ئەمما ئالەم بوشلۇقىغا چىققاندا، ئالەم ئۇچقۇسى يەر شارىنى چۆرىدەپ يۇقىرى سۈرئەتتە ئۇچقاچقا، ئېغىرلىقنى يوقىتىدىغان مۇھىت شەكىللىنىپ، ئالەم بوشلۇقى پونكىتىدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى لەيلەپ ئۇخلايدۇ.

 تەھلىل: بۇ ئەمەلىيەت ئەمەس، تار بۆلمە ئىچىدە لەيلەپ يۈرسە ئاسانلا ھەر خىل ئەسۋاب- ئۈسكۈنىلەرگە سوقۇلۇپ كېتىپ، خەتەر يۈز بېرىدۇ، شۇڭا ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئۇخلىغاندا ئۆزىنى مەخسۇس مۇقىملاشتۇرۇشى كېرەك.

 دەسلەپكى مەزگىللەردىكى شېنجوۋ ناملىق ئالەم كېمىسى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش باسقۇچىدا، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئۇخلاش خالتىسىنى بۆلۈمچىگە مۇقىملاشتۇرۇپ، ئاندىن ئۇخلاش خالتىسىغا كىرىپ ئۇخلايتتى.

 ھازىر جۇڭگونىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى ئالەم بوشلۇقى پونكىتى دەۋرىگە رەسمىي قەدەم قويدى، ھازىرقى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى چەكسىز بەختلىك، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئازادە، راھەت ئايرىم ئۇخلاش رايونى بار، جۇڭگو ئالەم بوشلۇقى پونكىتى تيەنخې يادرولۇق بۆلمىسى ۋە ۋېنتيەن تەجرىبە بۆلمىسىنىڭ ھەرقايسىسىدا ئۈچتىن ئايرىم ئۇخلاش رايونى بار.

 تيەنخې يادرولۇق بۆلۈمچىسىنىڭ ئۇخلاش رايونى توغرا يۆنىلىشتە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى «يېتىپ» ئۇخلايدۇ، ۋېنتيەن تەجرىبە بۆلۈمچىسىنىڭ ئۇخلاش رايونى تىك يۆنىلىشتە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى «ئۆرە تۇرۇپ» ئۇخلايدۇ، لېكىن ئېغىرلىقنى يوقاتقان مۇھىتتا ئۇخلىغاندىكى تۇيغۇدا پەرق بولمايدۇ.

 ئۇخلاش رايونى ئىچىدە ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئۆزىنىڭ قىزىقىشىغا ئاساسەن، ئۇخلاش خالتىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۇسۇلىنى جانلىق تاللىسا بولىدۇ، بەزى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى تېخىمۇ تىنچ- مۇقىم بولغان تولۇق مۇقىملاشتۇرۇلغان ئۇخلاش ئۇسۇلىنى ياخشى كۆرىدۇ، بەزى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى تېخىمۇ ئەركىن لەيلەش تۇيغۇسىنى ياخشى كۆرىدۇ، شۇڭا يېرىم مۇقىملاشتۇرۇلغان ئۇخلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئۇخلاش خالتىسىنى بەلگىلىك ھەرىكەت بوشلۇقىغا ئىگە قىلىدۇ.

 لايىھەلىگۈچىلەر يەنە ھەر بىر ئۇخلاش رايونىغا بىر دېرىزە ئورنىتىپ بەردى، ئەگەر ياقتۇرسا، ھەر ۋاقىت گۈزەل ئالەم بوشلۇقى مەنزىرىسىنى تاماشا قىلالايدۇ.

 (داۋامى بار)

 پايدىلانغان مەنبە: ئىلمىي رەددىيە بېرىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125