قەلبنى ئىللىتقان دەملەر| ئالاھىدە «جازا»
12:43:32 2024-03-22 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ۋېي دۇڭنا

 «جىرررىڭ...» يان تېلېفون جىرىڭلىدى، يۈەن مۇئەللىمنىڭ يېقىملىق سۆزلىرى ئاڭلاندى. ئۇ ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي بىزنىڭ ئەينى يىللاردىكى قىياپىتىمىزنى سۆزلىدى، بەزىلىرىمىزنىڭ يۇۋاش، چېچەنلىكىمىز، بەزىلىرىمىزنىڭ كەپسىزلىكىمىزنى بەش قولدەك بىلەتتى؛ ئۇ ھەر بىر ئادەمنىڭ يېقىنقى ئەھۋالى، كەلگۈسى پىلانى ياكى كەسىپكە مۇناسىۋەتلىك ياكى ئائىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلىرىنى كۆڭۈل بۆلۈپ سورىدى؛ ئۇ يەنىلا ئەينى يىللاردىكىگە ئوخشاش، بىزنىڭ ئازراق ئىلگىرىلىگەنلىكىمىزدىن خۇشال بولاتتى، نەتىجىمىزدىن پەخىرلىنەتتى، گاڭگىراپ قالغان ۋاقىتلىرىمىزدا خۇددى بۇلۇتنى يېرىپ كۈن چىققاندەك، كىشىلىك ھايات سەپىرىمىزگە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرەتتى.

  تېلېفوننى قويۇۋەتكەندىن كېيىن، باشقا يۇرتتا تۇرۇپ، بىر خىل ئىللىق ئېقىمنىڭ يۈرىكىمدىن ئۇرغۇپ چىققانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئىلگىرىكى ئەسلىمىلەر قوينىغا كىرىپ كەتتىم. 

 ئۇ يازنىڭ بىر كۈنى بولۇپ، مەكتىپىمىزگە ئەمدىلا داشۆنى پۈتكۈزگەن بىر كېلىشكەن يىگىت كەلدى، ئۇ ھەمىشە ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئىچقويۇن- تاشقويۇن بولۇپ كېتەلەيتتى، ئۇ دەرس بەرگەن سىنىپنىڭ نەتىجىسىمۇ كۆپ قېتىم مەكتەپ بويىچە بىرىنچى بولۇپ، بىر مەھەل مەكتەپتىكى «داڭلىق ئەرباب» بولۇپ قالدى. بەختكە يارىشا، تولۇق بىرىنچى يىللىقنىڭ كېيىنكى مەۋسۇمىدە سىنىپقا ئايرىلغاندىن كېيىن، ئۇ مېنىڭ سىنىپ مەسئۇلىم، شۇنداقلا ماڭا بىر ئۆمۈر تەسىر كۆرسەتكەن ئادەم بولۇپ قالدى.

  بىر قېتىملىق تەكرار دەرسىدە، مەن پارتىدىشىم بىلەن پاراڭلىشىپ يۈەن مۇئەللىمگە نەق مەيداندا «تۇتۇلۇپ قالدۇق»، ئىككىمىز ئايرىم ئىشخانىغا چاقىرتىلدۇق. ئەينى چاغدا، مەن بەك قورقۇپ كەتتىم، دەككە- دۈككە ئىچىدە دەرسخانىدىن چىقىپ، تىترىگەن ھالدا كارىدوردىن ئۆتتۈم. 

 «ئىككىڭلار نېمىگە بۇنچە خۇشال پاراڭلاشتىڭلار؟ دەپ بېقىڭلار، ئاڭلاپ باقاي». مېنىڭ خىياللىرىمنى يۈەن مۇئەللىمنىڭ سىلىق سۆزلىرى بۆلۈۋەتتى. «دەرس ۋاقتىدا پاراڭلىشالىغاندىكىن، كۈچ- قۇۋۋىتىڭلارنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ!» ئۇ ياندىكى تارتمىدىن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تەقلىدىي سوئال كىتابىدىن ئىككىنى ئېلىپ، بىزگە ھەر كۈنى بىر يۈرۈش ئىمتىھان قەغىزى ئىشلەپ، ئۆزىنىڭ تەكشۈرۈشىگە بېرىشىمىزنى ئېيتتى. 

 ئىككىنچى كۈنى كەچلىك مۇزاكىرىدىن كېيىن، بىز يەنە بىر قېتىم ئىشخانىغا چاقىرتىلدۇق. چىراغ نۇرى ئاستىدا، يۈەن مۇئەللىم بىزگە شۇ كۈندىكى ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى سەۋرچانلىق بىلەن تەھلىل قىلىپ بەردى. مۇئەللىمنىڭ قان  سىزىقچىلىرىغا تولغان كۆزلىرى، ھارغىن سىماسى، ئىمتىھان قەغىزىدىكى ئىجىر- مىجىر باھا سۆزلىرىنى كۆرۈپ، بىر خىل ئىللىق ئېقىمنىڭ مەڭزىمنى بويلاپ ئېقىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم، قەلبىمدە خىجىللىق ۋە تەسىرلىنىش تۇيغۇسى پەيدا بولدى.

  كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، يۈەن مۇئەللىمنىڭ يىغىنچاقلاپ ئوتتۇرىغا قويغان تەپەككۇرى، يېڭىلىق يارىتىش روھى، ماھىرلىق بىلەن تەربىيە بېرىشى مېنىڭ ئۆگىنىشكە بولغان قىزىقىشىمنى قوزغاپلا قالماي، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچى ئارىسىدىكى ئارىلىقىمىزنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردى. گەرچە مېنىڭ يۈەن مۇئەللىمدىن ئۆگەنگىنىمگە ئۇزاق بولمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنداق ئىللىق ھېكايە ناھايىتى كۆپ.

  ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىمدە، بىر قېتىملىق مانىۋېر ئىمتىھاندا، نەتىجەم كۆڭۈلدىكىدەك بولماي قالدى، مۇئەللىمنىڭ سىلىق- سىپايە سۆزلىرى قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلىدى: «مەيۈسلەنمەڭ، كۈندىلىك مەشىق ۋە مانىۋېر ئىمتىھان دەل سىزگە خاتالىقىڭىزنى بىلىۋېلىش پۇرسىتى بەرگەنلىك، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان مەيدانىدا خاتالىق سادىر قىلمىسىڭىز، ئاندىن ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرەلەيسىز، داۋاملىق غەيرەت قىلىڭ، مەن سىزگە ئىشىنىمەن!»

  مۇئەللىمنىڭ ئىللىق سۆزلىرى ماڭا ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچى بېغىشلاپلا قالماي، قەلبىمگە ئىللىقلىق ئۇرۇقى چاچتى.

 ئاپتورنىڭ ئادرېسى: جياڭسۇ ئۆلكىسى رۇگاۋ شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسى

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125