ئالەم ئۇچقۇچىلىرى لەيلەپ ئۇخلامدۇ؟ ئالەم بوشلۇقى مۇھىتى گېننىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟ ھەقىقىي ئەھۋالنى كۆرۈپ باقايلى (2)
15:55:17 2024-03-22 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 2

 پىتنە- ئىغۋا: يەر شارى تۇرۇشلۇق ئالەم بوشلۇقىدا كۆپ خىل رادىياتسىيە مەۋجۇت، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا ئۇزاق ۋاقىت ئالەم بوشلۇقىدا ياشايدۇ، ئۇلار ئاتموسفېرا قاتلىمىدىن ئايرىلغان بولغاچقا، بۇ ئالەم رادىياتسىيەلىرى ئۇلارنىڭ گېنىنى ئېغىر دەرىجىدە ئۆزگەرتىۋېتىدۇ.

 تەھلىل: بۇ خىل قاراش ناھايىتى بىر تەرەپلىمە، شۇنداقلا كۈچلۈك ئىلمىي ئاساسىمۇ يوق. ئالەم بوشلۇقىدا ھەقىقەتەن كۆپ خىل رادىياتسىيە مەۋجۇت، ھالبۇكى رادىياتسىيەمۇ گېننىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى، لېكىن نۆۋەتتە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشىدا يېتىپ بارالايدىغىنى يەنىلا «يەر شارىغا يېقىن بوشلۇق»قا تەۋە بولۇپ، يەنىلا يەر شارى ماگنىت مەيدانى تەرىپىدىن قوغدىلىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئالەم ئۇچقۇسى بۆلمىسى ۋە بۆلمە سىرتىغا چىققاندا كىيىدىغان ئالەم كىيىمى ئۇلار ئۈچۈن مۇتلەق كۆپ قىسىم ئالەم نۇرىنى توسۇۋالىدۇ، پەن تەتقىقات خادىملىرىمۇ ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ سالامەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئۇلارغا قارىتا رادىياتسىيە مىقدارىنى تەكشۈرىدۇ.

 گېن يەنە ئىرسىيەت فاكتورى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ ھاياتلىقنىڭ ئاساسىي تۈزۈلۈشى ۋە ئىقتىدارىنى قوللايدۇ، جانلىقلارنىڭ تۇغۇلۇش، ئۆسۈش، قېرىش، كېسەل بولۇش، ئۆلۈش قاتارلىق بارلىق ھاياتلىق ھادىسىسى گېن بىلەن مۇناسىۋەتلىك. گېن ئادەتتە ئىنتايىن تۇراقلىق بولۇپ، ھەر قېتىملىق كۆپىيىش جەريانىدا ئۆز- ئۆزىنى توغرا كۆپەيتىدۇ، ئەمما گېننىڭ مۇقىملىقىمۇ نىسپىي بولىدۇ، بەزىدە گېندىمۇ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ.

 گېننىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى تۈرلەرنىڭ مۇھىت ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىشىغا قىممەتلىك پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ، شۇنداقلا يەر شارىدا ئىنسانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھازىر ساقلىنىۋاتقان تۈرلەرنىڭ ھازىرغىچە داۋاملىشىشىدىكى مۇھىم ھالقا، لېكىن گېننىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى ھاياتلىق يەككە تېنىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، چوڭ ئېھتىماللىقتا پەيدا قىلىدىغىنى سەلبىي تەسىر. ھازىرقى زامان مېدىتسىنا تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، رادىياتسىيە گېننىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇپ، يەر شارى تۇرۇشلۇق ئالەم بوشلۇقىدا سامانيولى ئالەم رادىياتسىيەسى، يەر ماگنىتىنىڭ تۇتۇۋېلىش رادىياتسىيەسى ۋە قۇياش پىروتون ۋەقەسىدىن شەكىللەنگەن ئىيونلاشقان رادىياتسىيە ۋە ئۇلترا بىنەپشە نۇر رادىياتسىيەسى، رادىيو چاستوتا رادىياتسىيەسى قاتارلىق ئىيونلاشمىغان رادىياتسىيە مۇھىتى مەۋجۇت ئىكەن.

 ئىلىم- پەن ساھەسىدىكىلەر ئومۇميۈزلۈك ھالدا، ئەگەر ئاتموسفېرا قاتلىمى ھەم يەر شارى ماگنىت مەيدانىنىڭ قوغدىشى بولمىسا، يەر شارىدىكى ھاياتلىق بۇنداق كۈچلۈك رادىياتسىيە مۇھىتىدا ياشىيالمايدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمما، ئىنسانلارنىڭ ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنىڭ ئاۋانگارتى بولغان ئالەم ئۇچقۇچىلىرى جەزمەن ئاتموسفېرا قاتلىمىنىڭ قوغدىشىدىن ئايرىلغان ئالەم بوشلۇقىدا خىزمەت قىلىشى كېرەك. ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئالەم بوشلۇقىغا كىرگەندە بۆلمە ئىچى ۋە سىرتىدا ئالەم ئۇچقۇسىنىڭ بۆلمە گەۋدىسى ۋە بۆلمە سىرتىغا چىققاندا كىيىدىغان ئالەم كىيىمى ئۇلارنى قوغدايدۇ، بۇ يۇقىرى پەن- تېخنىكىلىق جابدۇقلار ئۇلار ئۈچۈن مۇتلەق كۆپ قىسىم ئالەم نۇرىنى توسۇۋالىدۇ، لېكىن شۇنداق بولسىمۇ، ئۇلار ئالەم بوشلۇقىدا ئۇچرايدىغان رادىياتسىيە مىقدارى يەر شارىدىكى كىشىلەرنىڭكىدىن كۆپ بولىدۇ.

 ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئالەم بوشلۇقى مۇھىتىدىكى گېنىنىڭ ئۆزگىرىش مەسىلىسى ئالەم قاتنىشى چوڭ دۆلەتلىرى ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مۇھىم مەسىلە بولۇپ، ئالەم بوشلۇقى پونكىتىدىمۇ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئۇچرايدىغان رادىياتسىيە مىقدارى ئىزچىل نازارەت قىلىنىپ تۇرىدۇ.

 دۇنيادىكى بىر قەدەر ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە بولغان ئىنسانلارنىڭ ئالەم بوشلۇقى مۇھىتىدىكى گېنىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا قارىتىلغان بىر تۈرلۈك تەتقىقات شۇكى، NASA بىر جۈپ ئوخشاش ئۇرۇقلانغان تۇخۇمدىن بولغان قوشكېزەك ئالەم ئۇچقۇچىسىنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلغان. ئۇلار سىكوت كەيلى ۋە مارك كەيلى ئىدى.

 2015- يىلى سىكوت بىر قېتىملىق ئادەتتىكىگە ئوخشىمايدىغان ئالەم بوشلۇقى ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىپ، خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىدا ئۇدا 340 كۈن تۇرغان، ئۇنىڭ قوشكېزەك ئاكىسى مارك يەر يۈزىدە خىزمەت قىلغان. بۇ قېتىمقى ۋەزىپە بىر قېتىملىق تېپىلغۇسىز تەتقىقات پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىگەن. 2019- يىلىدىكى «ئىلىم- پەن» ژۇرنىلىدا، تەتقىقاتچىلار تەتقىقات دوكلاتىنى ئېلان قىلغان، تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ئالەم بوشلۇقىغا كىرگەندىن كېيىن، سىكوتنىڭ DNAسىنىڭ مېتىللىشىش نىسبىتى ماركنىڭكىدىن كىچىكرەك بولغان، لېكىن بۇ خىل پەرق ئەڭ چوڭ بولغاندىمۇ %5تىن ئېشىپ كەتمىگەن؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، سىكوتنىڭ بىر قىسىم گېنلىرى، بولۇپمۇ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك گېنىنىڭ ئىپادىلىنىشىدىمۇ نورمالسىزلىق كۆرۈلگەن، لېكىن يەر يۈزىگە قايتىپ ئالتە ئايدىن كېيىن، %90تىن ئارتۇق بىنورمال گېن نورمال ھالەتكە قايتقان.

 بۇ تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسەن، ئۇدا بىر يىلغا يېقىن ئالەم بوشلۇقىدا ياشاش ئارقىلىق، سىكوتنىڭ بەدىنىدە ئۇزاق مۇددەتلىك، ئېغىر، زور كۆرۈنۈشتىكى ئىرسىيەت ئۆزگىرىشى كۆرۈلمىگەنكى بايقالغان، بۇ نەتىجە كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ. گەرچە بۇ قېتىمقى تەتقىقات نەتىجىسىدىن ئومۇمىي خاراكتېرلىك يەكۈن چىقارغىلى بولمايدىغان، چۈنكى بۇ قېتىمقى تەجرىبىدە پەقەت ئىككىلا ئادەم  سېلىشتۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا كىشىلەرنىڭ ئالەم مۇھىتىنىڭ ئادەم بەدىنىگە، بولۇپمۇ گېنغا تەسىر كۆرسىتىش دەرىجىسىنى چۈشىنىشىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

 نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزنىڭ تيەنگۇڭ ئالەم بوشلۇقى پونكىتى ۋە خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتى ھەر بىر ئۇچقۇچىلار گۇرۇپپىسى ئوربىتىدا ئۇدا يېرىم يىل ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئادىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە ھەم ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان ھەر بىر ئالەم ئۇچقۇچىسى ئۇچرايدىغان رادىياتسىيە مىقدارىنى تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ. دۇنيا مىقياسىدا تېخىمۇ كۆپ ئادەمنىڭ ئالەم بوشلۇقىغا كىرىش پۇرسىتىگە ئېرىشىشىگە ئەگىشىپ، ئالەم بوشلۇقى مۇھىتىنىڭ ئادەم بەدىنىنىڭ گېنىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى توغرىسىدىكى تەتقىقاتمۇ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىدۇ، شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسىدە تېخىمۇ چوڭقۇر بولغان يۇلتۇزلار دېڭىزى سەپىرىگە ئاتلىنىشى ئۈچۈن تولۇق تەييارلىق قىلىدۇ ۋە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ياخشى قىلىدۇ.

 (داۋامى بار)

 پايدىلانغان مەنبە: ئىلمىي رەددىيە بېرىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125