شىنجاڭدىكى تۆت نەپەر غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارىسى 2023- يىللىق «جۇڭگونىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بويىچە يىللىق شەخس» نامزاتلىقىغا تاللاندى
17:04:21 2024-03-22 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 يېقىندا، 2023- يىللىق «جۇڭگونىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بويىچە يىللىق شەخس»نىڭ 100 نامزات تىزىملىكى ئېلان قىلىندى، شىنجاڭدىن تۆت نەپەر غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارىسى بۇ تىزىملىككە كىردى.

 شىنجاڭدىن تاللانغان تۆت ۋارىسنىڭ ئىسىملىكى تۆۋەندىكىچە: 

 ئىلياس گايىت

 دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك تۈرى بولغان شىنجاڭ ئۇيغۇر مەشرىپى (شىنجاڭ ئۇيغۇر دولان مەشرىپى)نىڭ دۆلەت دەرىجىلىك ۋەكىل خاراكتېرلىك ۋارىسى

 تۇرسۇن رۇستەم

 دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك تۈرى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قېلىپتا قۇيۇپ ساپال بۇيۇملارنى پىشۇرۇش ھۈنەر- سەنئىتىنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك ۋەكىل خاراكتېرلىك ۋارىسى

 راخمان ئابدۇللا

 دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك تۈرى مىللىي چالغۇ ياساش ھۈنىرى (ئۇيغۇر چالغۇ ياساش ھۈنىرى)نىڭ دۆلەت دەرىجىلىك ۋەكىل خاراكتېرلىك ۋارىسى

 داۋئېرجى نىما

 دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك تۈرى جاڭغىرنىڭ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ۋەكىل خاراكتېرلىك ۋارىسى

دولان مەشرىپى

  2023- يىللىق «جۇڭگونىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بويىچە يىللىق شەخس»نى كۆرسىتىش تەشۋىقات پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈشكە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەھكىمىسى كەسىپىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلغان، گۇاڭمىڭ (光明日报社) گېزىتى ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان، گۇاڭمىڭ تورى (光明网) تورى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك نامزات كۆرسىتىش تەشۋىقات پائالىيىتى باشلانغاندىن بۇيان، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ئىنكاسى قىزغىن بولغان، جايلاردىكى مەدەنىيەت- ساياھەت نازارىتى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى باشقارمىسى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ئورۇنلىرى ھەمدە مۇتەخەسسىسلەر ۋە تورداشلار پائال نامزات كۆرسەتكەن. ھەر قايسى تەرەپلەر كۆرسەتكەن نامزاتلارنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، تەشكىلىي كومىتېت بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھەمدە سايلامغا قاتناشقۇچىلارنىڭ شەخسىي ئەھۋالى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرىگە ئاساسەن، ۋارىس، سەنئەتكار، باشقۇرغۇچى، تەتقىقاتچى، تارقاتقۇچى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 100 نامزاتنى تاللاپ چىقتى. ئارقىدىن گۇاڭمىڭ (光明日报) گېزىتى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تارقىتىش مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتى ۋە مۇتەخەسسىسلەر باھالاش ئۆمىكى نامسىز بىلەت تاشلاش شەكلى ئارقىلىق قايتا سايلام ئۆتكۈزۈپ، 100 نەپەر نامزات ئىچىدىن 30 نەپەر نامزاتنى سايلاپ چىقىدۇ.


(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 拉拉·海力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125