ئىشەنمەڭ! كۆكتات توغرىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن بۇ گەپلەرنىڭ ھەممىسى پىتنە- ئىغۋا (1)
12:08:11 2024-03-25 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئاچچىق كاۋا قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتەلەيدۇ

چىڭسەي قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتەلەيدۇ

يېمەكلىككە ئىشلىتىلىدىغان خۇشبۇي چۈلۈك راك پەيدا قىلىدۇ

...

كۆكتات ئىستېمال قىلىش بىخەتەرلىكى توغرىسىدا بۇ تارقىلىپ يۈرگەن گەپلەر راستمۇ؟

بىرىنچى پىتنە- ئىغۋا: ئاچچىق كاۋا قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتەلەيدۇ

ئاچچىق كاۋىنىڭ ئالاھىدە ئاچچىق تەمى ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئاچچىق كاۋا ماددىسى ۋە ئىنسۇلىنغا ئوخشاپ كېتىدىغان پولىپېپتىد P دەيدىغان ماددىدىن كەلگەن بولۇپ، ئاچچىق كاۋىنى ئىستېمال قىلغاندا قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمى بولىدۇ، دېيىلىدىغان قاراش بار. لېكىن، ھازىر بار بولغان ئاچچىق كاۋا ماددىسىنى تەتقىق قىلىش تەجرىبىسىدىن قارىغاندا، بۇ قاراشنىڭ بىر قەدەر تولۇق ئىسپاتى پەقەت ھايۋانات تەجرىبىسى بىلەنلا چەكلىنىدۇ، ۋاقتىنچە تېخى ئادەم بەدىنىدىكى كىلىنىكىلىق تەجرىبە سانلىق مەلۇماتلىرى تەرىپىدىن ئىسپاتلانمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاچچىق كاۋا تەركىبىدىكى پولىپېپتىد Pنىڭ ئۈنۈمىمۇ ئانچە روشەن ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئاچچىق كاۋا تەركىبىدىكى مىقدارى ئىنتايىن ئاز بولغاچقا، ئۇنىڭ مىقدارىنى توغرا بېكىتىش ناھايىتى تەس. شۇڭا، ئاچچىق كاۋىغا تايىنىپلا قان شېكىرىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولمايدۇ.

ئىككىنچى پىتنە- ئىغۋا: چىڭسەي يېسە قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ

چىڭسەي تەركىبىدە چىڭسەي ماددىسى بار بولۇپ، ھايۋانلاردا تەجرىبە قىلىش جەريانىدا ھەقىقەتەن قان تومۇرلارنى كېڭەيتىش، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش رولى بارلىقى ئىسپاتلانغان بولسىمۇ، لېكىن ھايۋانلاردا تەجرىبە قىلىش نەتىجىسىنىڭ ئادەم بەدىنىدىمۇ ئوخشاش چىقىشى ناتايىن. ئۇنىڭدىن باشقا، چىڭسەينىڭ تەركىبىدىكى چىڭسەي ماددىسى ناھايىتى ئاز بولۇپ، كۈندىلىك يېمەك- ئىچمەككە تايىنىپلا ھايۋانلاردا تەجرىبە قىلىپ ئېرىشكەن يۇقىرى مىقدارغا يەتكىلى بولمايدۇ. شۇڭا ھازىر چىڭسەي يېسە قان بېسىمىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان يېتەرلىك ئىسپات يوق.

ئۈچىنچى پىتنە- ئىغۋا: پالەكنى كۆپ يېسە تۆمۈر تولۇقلايدۇ

توردا پالەك تەركىبىدە تۆمۈر مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى، كۆپ يېسە تۆمۈر تولۇقلايدۇ، دېيىلدى. ئەمەلىيەتتە، يېمەكلىك تەركىبىنى ئۆلچەش ئەڭ يېڭى نەتىجىسى ۋە يېمەكلىك تەركىبى جەدۋىلىدىكى سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، پالەك تەركىبىدىكى تۆمۈر مىقدارى يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلار ئىچىدە پەقەت ئوتتۇرا سەۋىيە (100 گىرامدا 2.9 مىللىگىرام)دە تۇرىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، پالەك تەركىبىدىكى تۆمۈر ھېموگلوبىن بولمىغان تۆمۈر بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئۇنى سۈمۈرۈش نىسبىتى بىر قەدەر تۆۋەن، ئادەتتە ئاران %3تىن %8كىچە بولىدۇ. شۇڭا، پالەك يېيىش ئارقىلىق تۆمۈر تولۇقلاش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس.

تۆتىنچى پىتنە- ئىغۋا: يېمەكلىككە ئىشلىتىلىدىغان خۇشبۇي چۈلۈك راك پەيدا قىلىدۇ

خۇشبۇي چۈلۈك (بىخى) تەركىبىدە كۆپ مىقداردا نىترىت كىسلاتا تۇز ماددىسى بار بولۇپ، ئاددىي ئىستېمال قىلىنسا زەھەرلىنىپ راك پەيدا قىلىدۇ، دېيىلىدىغان قاراش بار. ئەمەلىيەتتە، كۆپ قىسىم كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدە مەلۇم مىقداردا نىترات ۋە نىترىت كىسلاتا تۇز ماددىسى بار بولۇپ، پەقەت مىقدارى ئوخشىمايدۇ، خالاس. 2002- يىلى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق، يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى بىلەن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يېمەكلىك خۇرۇچلىرى بىرلەشمە مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتىنىڭ باھالىشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نىترىت كىسلاتا تۇزىنىڭ ھەر كۈنى قوبۇل قىلىشقا رۇخسەت قىلىنغان مىقدارى ھەر كىلوگىرامدا 0.07 مىللىگىرام (نىترىت كىسلاتا قالدۇقى ئىيونى بويىچە ھېسابلىنىدۇ) ئىكەن. ھالبۇكى خۇشبۇي چۈلۈكنىڭ پۈتكۈل ئۆسۈش دەۋرىيلىكىدە نىترىت كىسلاتا تۇز مىقدارىنىڭ ئۆزگىرىشى تەخمىنەن ھەر گىرامدا 1.475 مىكروگرامدىن ھەر گىرامدا 2.778 مىكروگرامغىچە بولىدىكەن. مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا، بەدەن ئېغىرلىقى 60 كىلوگرام كېلىدىغان قۇرامىغا يەتكەن ئادەم ئاز دېگەندە 1.6 كىلوگرام ئەتراپىدا خۇشبۇي چۈلۈك يېسە، ئاندىن نىترىت كىسلاتا تۇزىدىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇڭا، خۇشبۇي چۈلۈك يېگەندە ئاسانلا نىترىت كىسلاتا تۇزىنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، زەھەرلەپ قويۇشى، راك پەيدا قىلىشى مۇمكىن، دېگەن نەزەرىيە پۈتۈنلەي پىتنە- ئىغۋا بولۇپ، ئاسانلىقچە ئىشىنىپ كېتىشكە بولمايدۇ.

بىراق، ساغلاملىق ۋە بىخەتەرلىك نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، يەنىلا نىترىت كىسلاتا تۇزىنىڭ زىيادە قوبۇل قىلىنىشىدىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىش كېرەك. تەجرىبە نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېڭى خۇشبۇي چۈلۈك تەكىبىدە نىترىت كىسلاتا تۇزىنىڭ مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، كېلىش مەنبەسى (ئىشلەپچىقىرىلغان جايى ۋە سورتى) ئوخشاش بولمىغان خۇشبۇي چۈلۈكلەردىكى نىترىت كىسلاتا تۇزىنىڭ مىقدارى ئوخشاش بولمايدىكەن. خۇشبۇي چۈلۈكنى بىر مىنۇت قايناقسۇغا باسقاندىن كېيىن، %85تىن ئارتۇق نىترىت كىسلاتا تۇزىنى چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ. شۇڭا، ئىستېمالچىلار خۇشبۇي چۈلۈكنى ئىستېمال قىلغاندا قايناۋاتقان قايناقسۇغا بېسىۋەتسىلا بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە بىر قېتىمدىلا ئاز مىقداردا ئىستېمال قىلسا مەسىلە چىقمايدۇ.

(داۋامى بار)

پايدىلانغان مەنبە: جۇڭگو ئالاقە تورى بىرلەشمە رەددىيە بېرىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125