چيۇ شۆ
ئىشقا بېرىش يولىدا يەنە بىر قېتىم ئۇ ئانا- بالىنى كۆردۈم.
قىزچاق قىزىل رەڭلىك ئەتىيازلىق ئۇزۇن پاسوندىكى مەكتەپ فورمىسى كىيگەن، ھال رەڭلىك بوغچا يۈدۈۋالغان، بېشىغا سېرىق رەڭلىك كەپكە كىيىۋالغان بولۇپ، كەپكىسىنىڭ تۈگمىسىدىن بىر تۇتام ئۆرۈمە چاچ چىقىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئوڭ قولىدا بىر پارچە سىنىپ تاختىسى بار بولۇپ، ئۇنىڭغا «3- يىللىق 2- سىنىپ» دەپ يېزىلغانىدى. ھە! بۇ تېخى بىر كىچىك يول ئەترەت باشلىقىكەن.
ئانىسى قىزچاقنىڭ سول تەرىپىدە، يول تەرەپتە ماڭدى. ئانا ئوڭ قولىدا قىزىنىڭ سول قولىدىن يېتىلەپ، قىز بىلەن يانمۇيان كېتىۋاتاتتى.
مەن دائىم پىيادە مەكتەپكە ماڭىدىغان بۇ ئانا- بالىنى كۆرىمەن، كۈزدىن باھارغا، بىر يىلدىن يەنە بىر يىلغا ئۇلىشىدۇ.
بەزىدە ئۇلارنىڭ يېنىدىن ئۆتكىنىمدە، مەن ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى خىرە- شىرە ئاڭلاپ قالىمەن، ئاپىسى: «مەكتەپتە مۇئەللىمنىڭ دەرسىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، كىچىك دوستلار بىلەن ئوبدان ئۆتۈڭ»، دەيتتى. قىزچاق: «مۇئەللىم بۈگۈن مېنى ماختىدى، تاپشۇرۇق دەپتىرىمگە كۈلكە چىراي چاپلىمىسىنى چاپلاپ قويۇپتۇ»، دەيتتى ... ئانا- بالا ئىككىيلەنگە مەنسۇپ بولغان بۇ گۈزەل مىنۇتلاردا، ئۇلار تۆت پەسىلدىكى گۈل- گىياھلارنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن تونۇشۇپ، بىر- بىرىنىڭ يېقىن دوستلىرى بىلەن تونۇشۇپ، يېقىن قانداشلىق مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇراتتى.
ھەر قېتىم مەكتەپكە پىيادە كېتىۋاتقان بۇ ئانا- بالىنى كۆرگىنىمدە، قەلبىم خۇددى بۇ ناتونۇش شەھەردە شىلدىرلىغان بىر ئېقىننى كۆرگەندەك ئىللىقلىققا تولاتتى.
ئىلگىرى بىزمۇ بۇ ئېقىندا ئوخچۇغان بۇژغۇنلار ئىدۇق.
سەھەردە، سەھەر تۇمانىنىڭ ئېتىزلىقتا ئاستا- ئاستا تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، شوخ بالىلار ئۆيلىرىدىن يۈگۈرۈشۈپ چىقىپ، بوغچىلىرىنى ساغرىسىدا قاڭقىتقىنىچە، ئانچە كەڭ بولمىغان تۆت كوچىنى بويلاپ مەكتەپكە يىغىلاتتى. يول بويى ھەمراھلىرىنىڭ چاقچاقلىرى، چوڭلارنىڭ كايىشلىرى، باھاردىكى دەرەخلەرنىڭ يېشىللىقى بار ئىدى.
بىر كۈن ئالدىراش يۈرگەن ئاتا- ئانىلار ئېتىز قىرىدىن ئىككى- ئۈچتىن كېلىپ، ئاستا قەدەملەر بىلەن ئۆيىگە قايتاتتى، ياكى يالغاندىن بالىسىنىڭ كەپسىزلىك قىلىپ بىر كۈندىلا مەينەت قىلىۋەتكەن كىيىملىرى ئۈچۈن ئىككى ئېغىز تەگەپ قوياتتى، ياكى باشقىلارنىڭ بالىلىرىغا چىن كۆڭلىدىن ھەۋەس قىلاتتى، يېرىم يولدا مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەن بالىسى بىلەن ئۇچرىشىپ قالاتتى، ئاندىن مورىسىدىن ئىس كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان ئۆيىگە قايتىپ كېلەتتى.
يىللار ئۆتۈپ، ئىلگىرى مەكتەپكە بېرىش يولىدا سەكرەپ- تاقلاپ يۈرىدىغان گۆدەك ئۆسمۈر كىچىك شەھەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان مۇئەللىمگە ئايلاندى. مەكتەپ دەرۋازىسىدىن ئۇچقاندەك ئۆتۈپ كېتىۋاتقان توكسىكلىتلارغا قاراپ تۇرغىنىمدا، بىخەتەرلىك قالپىقى كۆز- قۇلاقلىرىنى ئوراپ تۇرغان ئاتا- ئانىلار بىلەن پەرزەنتلەرنىڭ پاراڭلىرىدا، پەقەت بىر ئېغىز ئالدىراش ھەم قىسقا جېكىلەشلەرلا قالغانىدى.
بۇ چاغدا، قۇياش نۇرى ئاستىدا يېتىلىشىپ كېلىۋاتقان ئانا- بالا ئىككەيلەن دائىم مېنىڭ خىياللىرىمنى ئۇزاققا ئېلىپ كېتىدۇ ۋە ئىللىقلىققا چۆمدۈرىدۇ.
ئاپتورنىڭ ئادرېسى: جياڭسۇ ئۆلكىسى يەنچېڭ شەھىرى بىنخەي ناھىيەسى يۇڭنىڭ يولى تەجرىبە مەكتىپى فۇكاڭ يولى مەكتەپ رايونى
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)