ئالەم ئۇچقۇچىلىرى لەيلەپ ئۇخلامدۇ؟ ئالەم بوشلۇقى مۇھىتى گېننىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟ ھەقىقىي ئەھۋالنى كۆرۈپ باقايلى (3)
17:45:41 2024-03-25 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

3

پىتنە- ئىغۋا: «تيەنگۇڭ TV» پىروگراممىسىدا بىز ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىكى ھەقىقىي ھالىتىنى كۆرەلەيمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە نۇرغۇن ئەستايىدىل تورداش بۇ پىروگرامما ئارقىلىق ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىكى يۈزىنىڭ يەر يۈزىدىكى ۋاقىتتىكىدىن بىر ئايلانما چوڭىيىپ قالغانلىقىنى بايقىغان، شۇنىڭ بىلەن ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنىڭ تامىقى بەك ياخشى ئىكەن، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى سەمرىپ كېتىپتۇ، دېگەن گەپ- سۆزلەر تارقالغان.

تەھلىل: تورداشلارنىڭ گەپ- سۆزلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە يېرىمىلا توغرا، ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنىڭ تامىقى ھەقىقەتەن يامان ئەمەس، لېكىن يۈز قىسمىنىڭ قارىماققا سەمىرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەب ئېغىرلىقنى يوقاتقان مۇھىتتا، باش قىسمىغا تارقالغان بەدەن سۇيۇقلۇقى كۆپىيىپ كېتىدۇ، شۇڭا يۈز قىسمى قارىماققا بىر ئايلانما سەمىرىپ كەتكەندەك كۆرۈنىدۇ.

ئېغىرلىقنى يوقاتقان مۇھىتتا ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ تېنىدە سۇ تەركىبى يوقىلىش ھەم مۇسكۇللار يىگىلەش قاتارلىق ئەھۋاللار ئاسان كۆرۈلىدىغان بولغاچقا، بەدەن ئېغىرلىقى ئومۇميۈزلۈك 2- 3 كىلوگىرام يېنىكلەيدۇ.

يۈز قىسمىنىڭ قارىماققا سەمرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەقىقىي سەۋەب ئەمەلىيەتتە ئېغىرلىقنى يوقاتقان مۇھىتتا، قاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل بەدەن سۇيۇقلۇقلىرىنىڭ بەدەنگە تارقىلىش ئەندىزىسىدە مۇناسىپ ئۆزگىرىش بولغانلىقىدىن بولىدۇ، يەر يۈزى مۇھىتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئەڭ روشەن بولغىنى باش قىسمىغا تارقىلىدىغان بەدەن سۇيۇقلۇقلىرى تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ، شۇڭا يۈز قىسمى قارىماققا بىر ئايلانما سەمرىپ كەتكەندەك كۆرۈنىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بۇرۇن بوشلۇقى ۋە ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسىگە قان تولۇش، كۆز ئويمىنى ئىششىش، باش ۋە بويۇن ۋېناسى كېڭىيىش قاتارلىق ئىپادىلەرمۇ بار. بەدەن سۇيۇقلۇقىنىڭ باش قىسمىغا تارقىلىشى تېخىمۇ كۆپ بولۇش بىلەن بىللە، پۇتقا تارقىلىشى مۇقەررەر ھالدا ئازىيىدۇ، شۇڭا ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ يۈزى سەمرىپ كېتىش بىلەن بىللە، يەنە بىر ئاسان كۆزەتكىلى بولمايدىغان ھادىسە ئۇلارنىڭ پۇتى ئىنچىكىلەپ كېتىدۇ.

بۇ ھادىسىلەر ئالەم بوشلۇقىغا كىرگەن دەسلەپكى بىر نەچچە كۈندە ئەڭ روشەن بولىدۇ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئېغىرلىق يوقىتىش مۇھىتىغا ئۇيغۇنلىشىشىغا ئەگىشىپ، بەلگىلىك دەرىجىدە تەدرىجىي پەسىيىدۇ، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى يەر يۈزىگە قايتىپ بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۈزۈل- كېسىل ئەسلىگە كېلىدۇ.

خۇلاسە

ئالەم بوشلۇقى پونكىتىدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئۇخلىغاندا ئۆزىنى مەخسۇس مۇقىملاشتۇرىدۇ؛ ئالەم بوشلۇقىدىكى رادىياتسىيە گېننىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەمما ھازىر ئىنسانلارنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىكى پائالىيىتى يەنىلا يەر شارى ماگنىت مەيدانىنىڭ قوغداش دائىرىسىدە تۇرۇۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالەم ئۇچقۇسى بۆلمىسى ۋە بۆلمە سىرتىدىكى ئالەم كىيىمى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئالەم نۇرىنى توسۇۋالىدۇ، پەن- تەتقىقات خادىملىرىمۇ ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ رادىياتسىيە مىقدارىنى تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ؛ ئالەم بوشلۇقىدىكى ئېغىرلىقنى يوقىتىش مۇھىتىنىڭ تەسىرىدە، قان ھەم باشقا بەدەن سۇيۇقلۇقلىرى يەر يۈزىگە قارىغاندا ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ باش قىسمىغا تېخىمۇ كۆپ تارقىلىدۇ، شۇڭا ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ يۈز قىسمى قارىماققا سەمىرىپ كەتكەندەك كۆرۈنىدۇ.

(تۈگىدى)

پايدىلانغان مەنبە: ئىلمىي رەددىيە بېرىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125