ليۇ جىنلىڭ
مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كۆك رەڭلىك كەشتىلىك پوپايكام تېشىلىپ قالدى. مەن مەقسەتسىزلا ئاپامغا بۇنى ئېيتىپ قالدىم، ئۇ دەرھال: «مەن ياماپ بېرەي، ياماپ بولغاندىن كېيىن بۇرۇنقىغا ئوخشاش بولىدۇ!» دېدى. ئاشۇ ئۇنتۇلغان چاغلار كاللامدا قايتىدىن پەيدا بولدى، بولۇپمۇ ئاشۇ يىللاردا ئانامنىڭ يىپ- يىڭنىگە پۈتۈلگەن مۇھەببىتى ۋە ئىللىقلىقى.
20 نەچچە يىل بۇرۇنقى بىر قىشتا، مەن خېنەن جېڭجوۋدا داشۆدە ئوقۇۋاتاتتىم، ھاۋا بارغانسېرى سوۋۇپ كېتىۋاتاتتى. لېكىن، يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلانغاندا تەييارلىقىم ياخشى بولمىغاچقا، قىشلىق يوتقان- كۆرپە، پاختىلىق كىيىملىرىم يېتىشمىدى. تۇيۇقسىز بىر كۈنى بىر ساۋاقدىشىمنىڭ كارىدوردا «جىنلىڭ، دەرھال پەسكە چۈشۈڭ، ئاپىڭىز مەكتەپكە پاختىلىق چاپان، يوتقان ئەكەپتۇ»، دەپ توۋلىغان ئاۋازىنى ئاڭلىدىم.
مەن بەك خۇشال بولدۇم، لېكىن يەنە ئىشەنگۈم كەلمىدى. ئىلگىرى، ئاپام كۈنلەرنىڭ بىرىدە چوقۇم مەكتەپكە كېلىپ مېنى يوقلاپ كېتىدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم ئېيتقان ئىدى، مەن ئۇنىڭ راستىنلا كېلىشىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن، يەنە تېخى ماڭا كېچە- كۈندۈز ئىنتىزار بولۇۋاتقان سوغۇقتىن ساقلىنىش كىيىم- كېچەكلىرى، يوتقان ئەكىلىپتۇ.
«ئاپا، كېلىپ قاپسىزغۇ؟ ئۆيىمىزدىن جېڭجوۋغا 200 كىلومېتىرچە كېلىدۇ، بۇنچە يىراق يولدا سىز چوقۇم بىرمۇنچە جاپا تارتقانسىز- ھە؟» مەن بىر تىنىقتىلا ياتاق بىناسىدىن چۈشۈپ، ئاپامنىڭ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا ئۇ يەردە تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. كۆزنى يۇمۇپ- ئاچقۇچە كۆز چاناقلىرىم ياشقا تولدى.
«تېز كىيىپ بېقىڭ، چوڭ- كىچىكلىكى ماس كېلەمدۇ- كەلمەمدۇ، بۇ سىزگە توقۇغان يېڭى پوپايكا! ئۈلگۈرتۈشكە ئالدىراپ يۈرۈپ، مەن ئاخىرى قىشلىق تەتىلدىن بۇرۇن سىزگە ئەكىلىپ بەردىم». ياتاققا كىرگەندىن كېيىن، ئاپام دەرھال سومكىسىدىن سۇس يېشىل رەڭلىك چىرايلىق پوپايكىنى ئېلىپ قولۇمغا تۇتقۇزۇپ، كىيىپ بېقىشىمنى ئېيتتى.
«ئاپا، قولىڭىز بەك ئەپچىلكەن! بۇ پوپايكا بەك چىرايلىق ئىكەن، مەن بەك ياقتۇردۇم». ئاپام ئۆز قولى بىلەن توقۇپ بەرگەن ھېلىقى پوپايكا، ۋىجىك بەدىنىمگە سەل چوڭ كېلىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن پاسونى يېڭى ئىدى. قەلبىمدىكى تەسىرلىنىش، ھەيرانلىق ۋە خۇشاللىق ھېسسىياتى چىرايىمدىن چىقىپ تۇراتتى. بۇ پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى ئىللىتقان پوپايكىنىڭ ھەر بىر يىڭنە، ھەربىر يىپىغا ئانىنىڭ قىزىغا بولغان غەمخورلۇقى، سېغىنىشى ۋە مۇھەببىتىنى زىچ پۈتۈلگەن ئىدى.
كېيىن، ئاپام يەنىلا ئاچا- ئىنى ئۈچىمىزگە يېڭى كىيىم ئېلىپ بەردى، يېڭى كىيىم ۋە يوتقان تىكىپ بەردى.
ئەسلەپ ئۆتسەك، ئاشۇ يىللاردا ئاتا- ئانىمىزنىڭ بىزنى جاپا- مۇشەققەت ئىچىدە بېقىپ چوڭ قىلغان چاغلىرى، ئاپامنىڭ يىپ- يىڭنىگە پۈتۈلگەن چوڭقۇر مۇھەببىتى ۋە ئىللىقلىقى ھېلىمۇ ئېسىمىزدە. بىز چوڭ بولدۇق، ئاپام ياشىنىپ قالدى، قالغان يول ئۇزۇن، ئۇنىڭ ياشىنىپ كېتىۋاتقان يولىدا ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ، تەرسالىقنى ئاز قىلىپ، كۆپرەك كەڭ قورساق بولۇپ، ئازراق باھانە كۆرسىتىپ، كۆپرەك ئىللىقلىق ۋە مېھىر يەتكۈزۈشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئاپتورنىڭ ئادرېسى: خېنەن ئۆلكىسى جوۋكوۋ شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)