ئىشەنمەڭ! كۆكتات توغرىسىدىكى تارقىلىپ يۈرگەن بۇ گەپلەرنىڭ ھەممىسى پىتنە- ئىغۋا (2)
17:58:26 2024-03-26 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

بەشىنچى پىتنە- ئىغۋا: يېسسى پۇرچاق زەھەرلىك

نۇرغۇن جايدىكى مەكتەپ ئاشخانىلىرى يېسسى پۇرچاقنى ئىزچىل خەۋپ- خەتىرى يۇقىرى يېمەكلىك دەپ قاراپ كەلدى، نۇرغۇن «توردا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش» تور بېكىتى بۇنىڭغا ئاساسەن يېسسى پۇرچاقنى بىر خىل زەھەرلىك كۆكتات دەپ چۈشەندۈردى. ئەمەلىيەتتە، يېسسى پۇرچاق تولۇق پىشمىغاندا تەركىبىدە ئاگگلۇتىنىن قاتارلىق ماددىلار بولىدۇ، بۇ، ئىستېمال قىلغۇچىلارنىڭ زەھەرلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، ئاساسلىقى قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. مەكتەپلەرنىڭ يېسسى پۇرچاقنى «چەكلىشى» كوللېكتىپ ئاشخانىنىڭ يېمەكلىك پىششىقلاش مىقدارىنىڭ كۆپ بولۇپ، قورۇغاندا يېمەكلىك ئاسانلا تەكشى ئىسسىماي، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدىغانلىقىدىن بولغان، لېكىن بۇ يېسسى پۇرچاقنىڭ زەھەرلىك ئىكەنلىكىدىن، شۇڭا ئۇنى قەتئىي يېيىشكە بولمايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.

ئالتىنچى پىتنە- ئىغۋا: پىشىشى تېزلىتىلگەن شوخلا ئادەمنى تېز قېرىتىۋېتىدۇ

توردىكى بەزى قاراشلاردا، ئېتېفون ئارقىلىق پىشىشى تېزلىتىلگەن شوخلا يېسە بالىلارنىڭ جىنسىي جەھەتتە بالدۇر يېتىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنداقلا ئادەمنى تېز قېرىتىۋېتىدۇ، دېيىلدى. ئەمەلىيەتتە، پىشىشنى تېزلىتىش دورىسىنى زىيادە كۆپ قوشقاندا، ھەم تەننەرخ ئېشىپ كېتىدۇ، يەنە مېۋە ۋە كۆكتاتلارنىڭ سېسىپ سۈپىتى ئۆزگىرىپ كېتىشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ. شۇڭا كۆكتاتچىلار ئادەتتە ئېتېفون قاتارلىق پىشىشنى تېزلىتىش دورىلىرىنى كۆپ ئىشلەتمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئېتېفون پەقەت بىر خىل ئۆسۈملۈكنىڭ ئۆسۈشىنى تەڭشىگۈچى دورا بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى ھورمۇن بىلەن پۈتۈنلەي ئىككى ئىش، تۈر ھالقىپ رولىنى جارى قىلدۇرمايدۇ. شۇڭا، «پىشىشى تېزلىتىلگەن شوخلا ئادەمنى تېز قېرىتىدۇ» دېگەن گەپ پەقەت پىتنە- ئىغۋا خالاس.

يەتتىنچى پىتنە- ئىغۋا: سەي كاۋىسى قورۇپ ئىستېمال قىلغاندا راك پەيدا قىلىدۇ

«سەي كاۋىسى راك پەيدا قىلىدۇ» دېگەن قاراش 2013- يىلى مەلۇم يېمەكلىك بىخەتەرلىكى تەتقىقات ئورگىنى ئېلان قىلغان بىر پارچە دوكلات بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، سەي كاۋىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 22 خىل كۆكتات ئەۋرىشكىسى ئايرىم- ئايرىم ھالدا 1200 ۋات ۋە 1600 ۋاتلىق ئېلېكتىر ماگنىتلىق ئوچاقتا سۇ ماي قوشماي، ئۈچ مىنۇت ۋە ئالتە مىنۇت قورۇلغان. نەتىجىدە قورۇش ۋاقتى قانچە ئۇزاق، تېمپېراتۇرىسى قانچە يۇقىرى بولسا، كۆكتات چىقىرىدىغان ئاكرىلامىدنىڭ شۇنچە كۆپ بولىدىغانلىقى بايقالغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق، مەيلى قۇرۇق قاقلانسۇن ياكى مايدا قورۇلسۇن، نەتىجىسىنىڭ ئوخشاش بولىدىغانلىقى بايقالغان. بۇنىڭ ئىچىدە قورۇلغان سەي كاۋىسى چىقىرىدىغان ئاكرىلامىدنىڭ مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، ھەر كىلوگىرامىدا 360 مىكروگىرامغا يەتكەن، ئاكرىلامىد بولسا 2A تۈردىكى راك پەيدا قىلغۇچى ماددا (راك پەيدا قىلغۇچى ماددىغا ئوخشاپ كېتىدۇ) ھېسابلىنىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، بۇ مەسىلە پەقەت سەي كاۋىسىدىلا مەۋجۇت ئەمەس، تەركىبىدە كاربون- سۇ بىرىكمىلىرى ۋە ئامىنو كىسلاتاسى بولغان يېمەكلىكلەرنى 120 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا پىشۇرغاندىن كېيىن، ناھايىتى ئاسانلا ئاكرىلامىد چىقىرىدۇ. بىراق، ئەمەلىي قورۇما قورۇش جەريانىدا، ئەگەر ئاز مىقداردىكى ماي بىلەن كۆپ مىقداردىكى كۆكتاتنى قورۇغاندا، ماي تېمپېراتۇرىسى 160 سېلسىيە گىرادۇستىن 180 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولغان تەقدىردىمۇ، كۆكتاتنىڭ ئۆزىدە كۆپ مىقداردا سۇ بولغاچقا، كۆكتاتنى قازانغا سالغاندىن كېيىن، قازان ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلەيدۇ، كۆكتاتنىڭ ئەمەلىي ئىسسىقلىق قوبۇل قىلىش تېمپېراتۇرىسىمۇ 100 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، پەقەت كۆيۈپ سارغىيىپ، كۆيۈپ كەتمىسىلا كۆپ مىقداردا راك پەيدا قىلغۇچى ماددا پەيدا بولمايدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، نوپۇزلۇق تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بەدەن ئېغىرلىقى 60 كىلوگىرام كېلىدىغان قۇرامىغا يەتكەن ئادەمنىڭ ئاكرىلامىدنى بىخەتەر قوبۇل قىلىش مىقدارى 156 مىكروگىرام بولىدىكەن، يەنى ھەر كۈنى تەخمىنەن بىر جىڭدىن ئارتۇق مۇشۇنداق كۈچلۈك ئوتتا قورۇلغان سەي كاۋىسى يېگەندە، ئاندىن قوبۇل قىلىدىغان بىخەتەرلىك مىقدارىدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن.

(تۈگىدى)

پايدىلانغان مەنبە: جۇڭگو ئالاقە تورى بىرلەشمە رەددىيە بېرىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125