يۇقىرى قان بېسىمىنى داۋالاشتا كۆپ كۆرۈلىدىغان 12 خاتا قاراش (1)
15:24:51 2024-03-28 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 بىرىنچى خاتا قاراش

 كېسەللىك ئالامىتى بولمىسا دورا يېمىسىمۇ بولىدۇ.

 كۆپ ساندىكى دەسلەپكى مەزگىلدىكى يۇقىرى قان بېسىم ئاغرىقىدا روشەن كېسەللىك ئالامىتى بولمايدۇ، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئاندىن باش ئاغرىش، باش قېيىش، قۇلاق غوڭۇلداش، بويۇن، دۈمبە مۇسكۇللىرى سىرقىراپ ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. كېسەللىك ئالامىتى بولمىغان تەقدىردىمۇ، سىجىل داۋاملاشقان يۇقىرى قان بېسىمى يۈرەك، مېڭە، بۆرەك قاتارلىق نىشان ئەزالارغا ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ، شۇڭا يۇقىرى قان بېسىم دەپ دىياگنوز قويۇلغان ھامان، ئاكتىپلىق بىلەن ئارىلىشىپ داۋالىنىش كېرەك.

 ئىككىنچى خاتا قاراش

 قان بېسىمى نورماللاشسا دورىنى توختىتىش كېرەك.

 يۇقىرى قان بېسىمى سوزۇلما كېسەل بولۇپ، كۆپ ساندىكى ئاغرىقنىڭ ئادەتتە ئۇزاق مۇددەت، ھەتتا ئۆمۈرۋايەت دورا ئىچىش ئارقىلىق قان بېسىمىنى تىزگىنلىشىگە توغرا كېلىدۇ، يىلتىزىدىن داۋالاش تەس. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، دورىنى توختاتقاندىن كېيىن ئاسانلا قان بېسىمىنىڭ ئۆرلىشى كېلىپ چىقىدىكەن، قان بېسىمىنىڭ داۋالغۇش دەرىجىسى بەك چوڭ بولۇپ كەتسە، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، مېڭە تىقىلمىسى قاتارلىق ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىش خەۋپى ئېشىپ كېتىدىكەن. شۇڭا، قان بېسىمىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىگە قارشى دورىلار قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش رولىنى ئويناپلا قالماستىن، يەنە قان بېسىمىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، تېخىمۇ كۆپ ئەزالارنى زەخىملىنىشتىن ساقلايدۇ.

 ئۈچىنچى خاتا قاراش

 قان بېسىمىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىگە قارشى دورىلارنىڭ تايىنىشچانلىقى بار. 

 نۇرغۇن كىشى قان بېسىمىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىگە قارشى دورىلارنىڭ تايىنىشچانلىقى بار دەپ قارايدۇ، بۇ توغرا ئەمەس. قان بېسىمىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىگە قارشى دورىلار خۇمار قىلمايدىغان دورىلارغا تەۋە. كىلىنىكىدا خىزمەت جىددىيلىكى، بەدەن چارچاش ياكى ھاياجانلىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان قان بېسىمىنىڭ ئۆرلىشىگىمۇ دورا بىلەن داۋالاش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ ھەم ئەھۋالغا قاراپ دورىنى خالىغان ۋاقىتتا توختىتىشقا بولىدۇ. لېكىن يۇقىرى قان بېسىمى دەپ دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىقلارنىڭ كېسەللىك سەۋەبىدىن قان بېسىمىنى ئۇزاق مۇددەت دورا بىلەن تىزگىنلىشىگە توغرا كېلىدۇ، شۇڭا دورىنى خالىغانچە توختىتىپ قويۇشىغا بولمايدۇ. دورىنى توختاتقاندىن كېيىن قان بېسىمى قايتىدىن ئۆرلەيدۇ، شۇڭا يۇقىرى قان بېسىم ئاغرىقلىرى ۋاقتىدا دورا يېيىش ئارقىلىق قان بېسىمىنى تىزگىنلىشى كېرەك. گەرچە دورىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ناچار ئەكس تەسىرى بولسىمۇ، لېكىن يۇقىرى قان بېسىمنىڭ زىيىنىغا سېلىشتۇرغاندا، قان بېسىمىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىگە قارشى دورىلارنىڭ ناچار ئەكس تەسىرى ئىنتايىن ئاز بولىدۇ، گالغا تۇرۇپ قېلىشتىن قورقۇپ تاماق يېمەسلىككە بولمايدۇ-دە.

 تۆتىنچى خاتا قاراش

 دەسلەپتە ياخشى دورا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

 قان بېسىمىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىگە قارشى دورىلار باكتېرىيەگە قارشى دورا ئەمەس، دورىغا چىدامچانلىق ئەھۋالى كۆرۈلمەيدۇ. نۆۋەتتە، كىلىنىكىدا بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان يۇقىرى قان بېسىم ئاغرىقلىرىنى داۋالاشتىكى «ياخشى دورا» قان بېسىمىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىگە قارشى ئۇزاق ئۈنۈملۈك دورىلارنى، يەنى بىر قېتىم ئىچىلىدىغان، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش رولى 24 سائەت داۋاملىشىدىغان، قان بېسىمنى تۇراقلاشتۇرالايدىغان دورىلارنى كۆرسىتىدۇ. قان بېسىمىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىگە قارشى قىسقا ئۈنۈملۈك دورىلار ئادەتتە پەقەت قان بېسىمىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆرلەپ كېتىشىگىلا ئىشلىتىلىدۇ، تەسىر كۆرسىتىش ۋاقتى قىسقا بولىدۇ، ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتكەندە ئاسانلا قان بېسىمىنىڭ داۋالغۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، ئاغرىقنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا ئاساسەن، قان بېسىمىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىگە قارشى مۇۋاپىق دورىلارنى تاللاش، قايسىسى ئۆزىگە ماس كەلسە، شۇنى تاللاش كېرەك.

 (داۋامى بار) 

 پايدىلانغان مەنبە: جۇڭگو ئالاقە تورى بىرلەشمە رەددىيە بېرىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125