قەلبنى ئىللىتقان دەملەر| ئانامنىڭ خاتىرە دەپتىرى
18:22:21 2024-03-28 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

شيې رۇيشەن

 2023- يىلى باھار بايرىمىدا، 85 ياشلىق ئانام بىر يەشىك نەرسىنى كۆتۈرۈپ كېلىپ، مېھرىبانلىق ھەم تەمكىنلىك بىلەن بىزگە: «بۇ مەن شيې ئائىلىسىگە ياتلىق بولۇپ كەلگەن 60 نەچچە يىلدىن بۇيانقى خاتىرە دەپتەرلەر، ھازىر سىلەرگە تاپشۇردۇم. مەن بۇ ئۆمرۈمدە سىلەرگە ھېچقانداق ئالتۇن- كۈمۈش، بايلىق قالدۇرمىدىم، لېكىن بۇ نەچچە ئون يىللىق خاتىرە دەپتەر مېنىڭ <بايلىقىم>. ئۇنىڭدا ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشىنىڭ جاپادىن راھەتكە، كۈنلىرىمىزنىڭ ناچارلىقتىن ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش جەريانى خاتىرىلىنىپلا قالماي، دەۋرنىڭ ھەقىقىي ئۆزگىرىشىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. سىلەرنىڭ بۇنىڭدىن ئوزۇق ئېلىپ، ياخشى ئادەم بولۇپ، پۇختا ئىش قىلىپ، جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم بولۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن».

 مەن ئانامنىڭ خاتىرە دەپتىرىنى ئېلىپ، ناھايىتى ئىللىقلىق ھېس قىلدىم.

 شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، مەن كۆزلىرىمگە لىق ياش ئالغان ھالەتتە خاتىرە دەپتەرلەردىكى مەزمۇنلارنى قايتا- قايتا ئوقۇپ چىقتىم، خۇددى ئانام بىلەن بىللە بۇ ئاددىي بولمىغان يىللارنى قايتا ماڭغاندەك بولدۇم.

 مەن ياش ۋاقتىدا ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىدە كىچىك ئەترەت باشلىقى بولغان ئانامنى كۆردۈم، ئۇنىڭ كەنت ئاھالىلىرىنى باشلاپ قىشنىڭ ئۈچ چىللىسىدە، يازنىڭ ئۈچ تومۇزىدا مەشىق قىلىۋاتقان جەسۇر قىياپىتىنى كۆردۈم؛ كېجيا ئاياللىرىنىڭ ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئائىلە باشقۇرۇپ، كىر يۇيۇپ، تاماق ئېتىۋاتقان تۇرمۇشىنى كۆردۈم.

 20- ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدا ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشى جاپالىق ئىدى. ئانام بىز ئالتە بالىنى بېقىش ئۈچۈن كۆكتاتلىققا يۈتۇۋ، خۇڭشۇ، گاۋلياڭ قاتارلىق كۆكتات، قارا ئاشلىق تېرىپ، ئوزۇقلۇق ئاشلىقىمىزنىڭ يېتىشمەسلىكىنى تولۇقلايتتى. تۇرمۇشىمىز باياشات بولمىسىمۇ، ھەر يىلى باھار بايرىمىدا ئانام بىزگە گۆش تەملىك ياڭيۇ جۇۋاۋىسى ۋە ھەرخىل شەكىللىك مېۋە، گۈرۈچ قورۇمىسى قاتارلىق مەززىلىك تائاملارنى ئېتىپ بېرەتتى. ئانامنىڭ پەرزەنتلىرىگە بولغان مۇھەببىتى مېنى ئىزچىل ئىللىتىپ كەلدى.

 پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2021- يىلى «1- ئىيۇل» ھارپىسىدا، ئانام شەرەپ بىلەن «پارتىيە قوينىدىكى شەرەپلىك 50 يىل» خاتىرە مېدالى تاقىدى. ئانام: «پارتىيەگە بىر كىرىپ، بىر ئۆمۈر پارتىيە قوينىدا بولدۇم. بۇ مېنىڭ ئۆزگەرمەس ئەسلىي مەقسىتىم ۋە ئېتىقادىم»، دېدى.

 بۇ يىللاردا، ياشىنىپ قالغان ئانامنىڭ ھەرىكىتى بۇرۇنقىدەك تېتىك بولمىسىمۇ، لېكىن ئائىلىدىكى، كەنتتىكى چوڭ- كىچىك ئىشلارغا يەنىلا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئۇ دائىم مەن بىلەن مۇڭدىشىدۇ، مەن ئانامنىڭ پاراڭلىرىدىن بۇ دۇنيادىكى چىنلىق، ئاق كۆڭۈللۈك، گۈزەللىكنى يەنىمۇ چۈشەندىم، ئاشۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ دۆلەت ۋە جەمئىيەتكە بولغان مەسئۇلىيىتى ۋە تۆلىگەن بەدىلىنى تېخىمۇ چۈشەندىم. 

 ئانام كۆپ يىللاردىن بۇيان ئەتىۋارلاپ ساقلىغان خاتىرە دەپتەرلىرىنى ماڭا بەرگىنىدە، مەن بۈگۈندىن باشلاپ بۇ چوڭ ئائىلىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستۈمگە ئالغانلىقىمنى، ئۇنىڭ دۆلەتكە تۆھپە قوشۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۆتكۈزۈۋالغانلىقىمنى بىلدىم. 

 يېرىم كېچىدە، ئانامنىڭ يۈرەك قېنى بىلەن يازغان خاتىرە دەپتەرلىرىگە قاراپ، خۇددى ئۇ مېنىڭ يېنىمدا تۇرغاندەك، ھەر ۋاقىت مېنى ئىللىتىپ، دەسلەپكى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىمگە ھەيدەكچىلىك قىلىۋاتقاندەك ھېس قىلدىم.

 ئاپتورنىڭ ئادرېسى: جياڭشى ئۆلكىسى گەنجوۋ شەھىرى دىڭنەن ناھىيەلىك مەدەنىيەت، رادىيو- تېلېۋىزىيە، ئاخبارات- نەشرىيات، ساياھەت ئىدارىسى

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125