قەلبنى ئىللىتقان دەملەر| قەلبتە ئىللىقلىقنى ساقلاپ، قەتئىيلىك بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش
16:50:55 2024-03-29 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

دەي شياۋلېي

 «ياخشىمۇسىز، سىز تېلېفون قىلغان ئابۇنت سۆزلىشىۋاتىدۇ ...» مەن تۆتىنچى قېتىم ۋەيمەي يەتكۈزگۈچىگە تېلېفون قىلغاندىن كېيىن، قارشى تەرەپنىڭ تېلېفونى ئاخىرى ئۇلاندى، ئارقىدىنلا بىر ئەرنىڭ تاقەتسىزلەنگەن ھالدا چالۋاقىغان ئاۋازى ئاڭلاندى: «تاماقنى دەرۋازىۋەننىڭ يېنىغا قويۇپ قويدۇم، سىزگە ئالدىن دەپ قويغان، سىز بېرىپ ئېلىشنى بىلمەمسىز؟» مەن ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلىشىشكە ئۈلگۈرمەيلا، تېلېفون ئالدىراش ئۈزۈلۈپ كەتتى. «قانداق مۇلازىمەت پوزىتسىيەسى بۇ، مەن سېنى ئەرز قىلىمەن!» مەن ئۆز ئالدىمغا يان تېلېفونۇمغا قاراپ ھۆركىرەپ، نارازى بولغان ھالدا ئامانلىق ساقلاش ئۆيىگە قاراپ ماڭدىم.

 ئامانلىق ساقلاش ئۆيىگە كەلگىنىمدە، غەزىپىم ئازراقمۇ تارقالمىغانىدى، يول بويىدىكى غۇۋا چىراغ نۇرى كۆڭلۈمدىكى مەيۈسلۈكنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى. «ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ ھېرىپ كەتكىنىمدە ۋەيمەي يېگىنىمغۇ مەيلى، يەنە نېمىشقا ئاچچىق يۇتقىدەكمەن!» مەن يەنىلا ئاچچىقلانغان ھالدا غودۇڭشىيتتىم.

 ئامانلىق ساقلاش ئۆيىدىكى چىراغ نۇرى دەرۋازىۋەن تاغىنىڭ يۈزىگە چۈشۈپ تۇراتتى. مەن ھەر كۈنى ئىشقا بېرىپ- كېلىشتە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشەتتىم: ئۇ 50 نەچچە ياشلار چامىسىدا، ئازراق ساقاللىق، تېرىسى قارامتۇل كەلگەن، ئورۇق كىشى بولۇپ، ئەتىگەندە كىمنى كۆرسە خۇشال ھالدا «خەيرلىك سەھەر» دەيتتى. ئۇ ھەر كۈنى ناھايىتى خۇشال بولۇپ، ھېچقانداق باش قېتىنچىلىقى يوقتەك كۆرۈنەتتى. يېقىنلاشقاندىن كېيىن، مەن ئاندىن ئاستا- ئاستا ئۇنىڭ قىياپىتىنى ئېنىق كۆردۈم. ئۇ ئورۇندۇقتا كۆزىنى يۇمۇپ ئارام ئېلىۋاتاتتى، يان تېلېفونى بىر چەتتە قويۇلغان بولۇپ، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان كونا ناخشىلار ئۇلاپ قويۇلۇۋاتاتتى، ئۇنىڭ چىرايىدىن مەمنۇنلۇق چىقىپ تۇرغان بولۇپ، خۇددى مېنىڭ ئاستا- ئاستا يېقىنلىشىۋاتقان ئاياغ تىۋىشىمنى ئاڭلىمىغاندەك قىلاتتى. «پېشقەدەم باشقۇرغۇچى»، مەن چاقىردىم، ئۇ قورقۇپ كەتكەندەك قىلىپ، دەرھال كۆزىنى ئېچىپ ماڭا قارىدى، ئارقىدىنلا كۈلۈمسىرىدى.

  «ۋەيمەينى ئالغىلى كەلدىڭىزمۇ؟» ئۇ مەن بىلەن ئەھۋاللاشتى، كۈلگەندە يۈزىدىكى قورۇقلارنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ قالدى. ئامانلىق ساقلاش ئۆيىدىكى غۇۋا چىراغ نۇرىدا ئۇنىڭ يۈزىدە رەت- رەت سىزىقلار پەيدا بولدى، كۆز قۇيرۇقىدىكى ئىنچىكە سىزىقلارغا بىر نەچچە تال يېقىملىق نۇر يوشۇرۇنغاندەك، ئۇنى بىر ئاز مېھرىبان كۆرسىتەتتى. ئۇ بۇرۇلۇپ جازىدىن بىر سېرىق رەڭلىك ئورالما خالتىنى ئېلىپ، ئاندىن ماڭا سۇندى. خالتىنىڭ ئېتىدىغان ئېغىزىدىن ئازراق قىزىل ماي چىقىپ كەتكەن بولۇپ، قارىغاندا تاماقنىڭ شورپىسى ئېقىپ چىققاندەك قىلاتتى، مەن دەرھال خالتىنى ئېچىپ تەكشۈردۈم. «بۇنىڭ سىز بۇيرۇتقان ۋەيمەي ئىكەنلىكىنى بىلىپ، تۈزەشتۈرۈپ قويدۇم، ئەكەلگەندە شورپا ئورالما قېپىدىن تۆكۈلۈپ كېتىپتۇ، مەن قەغەز بىلەن پاكىز سۈرتۈپ قويدۇم.» ئۇ ماڭا مۇلايىملىق بىلەن سۆزلەۋاتاتتى، چىرايىدا يەنىلا كۈلكە جىلۋىلىنىپ تۇراتتى. 

 مەن ئالدىراپ- تېنەپ ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتسام، ئۇ ھېچنېمە بولمىغاندەك، ماڭا قولىنى پۇلاڭلىتىپ: «بۇ قانچىلىك ئىشتى، ھەممىسى كىچىك ئىش، مەن ئولتۇرساممۇ ئولتۇرىمەن، يا ماڭا دەخلىسى بولمىسا»، دېدى يەنىلا سەمىمىيلىك بىلەن كۈلۈپ تۇرۇپ. 

 «قارىسام سىز ھەر قېتىم ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەندە ۋەيمەي بۇيرۇتىدىكەنسىز، ۋەيمەينى كۆپ يېسىڭىز سالامەتلىكىڭىزگە زىيانلىق، ۋاقتىڭىز بولسا يەنىلا ئۆزىڭىز ئېتىپ يەڭ، پاكىز بولىدۇ! تاماقنى ئوبدان يېيىشنى ئۇنتۇماڭ!»، دېدى ئۇ داۋاملىق ماڭا قاراپ تۇرۇپ. بىر خىل ئىللىق ئېقىم تۇيۇقسىز قەلبىمگە تارالدى، بايىقى بۇرۇقتۇرما كەيپىياتىم بىراقلا يوقالدى، ئۇنىڭ ئورنىنى بىر پەس ئىللىقلىق ئالدى. تاماق يەۋېتىپ: «ئەگەر ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئەھۋال سوراشلا بولسا، ئالدىراقسانلىق ۋە تاقەتسىزلىك ئازراق بولسا، ئۇ نەقەدەر گۈزەل دۇنيا بولاتتى- ھە»، دەپ ئويلىدىم.

  قايتىش يولىدا ئاي نۇرى سۈتتەك، يول چىراغلىرى يورۇق ئىدى، ھەتتا يەردە ئۇچۇپ يۈرگەن دەرەخ يوپۇرماقلىرىمۇ تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز گۈزەللىككە تولغان ئىدى، شۇ تاپتا يۈرىكىم ئۇنىڭغا ئەگىشىپ تېپىچەكلەيتتى. بۇ دەقىقىدە مەن چەكسىز خاتىرجەم بولدۇم، چۈنكى مەن تۇيۇقسىز شۇنى چۈشەندىم: تۇرمۇش ھېچكىم ئۈچۈن توختاپ قالمايدىكەن، بۇ ئىللىق دەقىقىلەر تۇرمۇشنىڭ ئۇششاق- چۈششەك ئىشلىرىنى تولدۇرىدىكەن. ئۇلار قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ پۈتۈن بىر كۈنلۈك ھارغىنلىقىنى يوقىتىپ، قەلبنى قىسقا ۋاقىتلىق جىمجىتلىققا ئىگە قىلىدىكەن. گەرچە بۇ دەقىقىلەرنىڭ بەزىلىرى قارىماققا ئادەتتىكىدەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ھەممىسى مېنى قاتتىق تەسىرلەندۈرىدىكەن.

  ئاپتورنىڭ ئادرېسى: جياڭسۇ ئۆلكىسى جيەنخۇ ناھىيەلىك تەجرىبە يەسلىسى

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125