«شىنجاڭدىكى تۇنجى باھار» نېمە ئۈچۈن يالغۇز تۇرپانغىلا قۇچاق ئاچىدۇ؟
22:09:51 2024-03-31 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ۋېيگو

2024- يىللىق تۇرپان ئۆرۈك چېچىكى پەسلى پائالىيىتى 3- ئاينىڭ 20- كۈنى باشلاندى، كىشىلەر تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن «شىنجاڭدىكى تۇنجى باھار» قەرەلىدە يېتىپ كەلدى.

«كارىز قىزى قوي كۆزلۈك، چاچلىرى تال- تال، ئۇ بولسىمۇ ئايگۈلدۇر بىر ساھىبجامال...» 3- ئاينىڭ 9- كۈنى، بۇيلۇق مەنزىرە رايونىدا «كارىز قىزى» ناملىق ناخشا ياڭرىشى بىلەن، نۇرغۇن ساياھەتچى شادىيانە مېلودىيەگە ئەگىشىپ چاۋاك چالدى، ئىللىق قۇياش نۇرىدا ساياھەتچىلەرنىڭ چېھرىدە بەخت كۈلكىسى پارلاپ تۇراتتى، بۇ ھېسسىيات، بۇ مەنزىرە خۇددى باھار تۈسىگە چۆمگەن گۈزەل يۆگىمە رەسىمگە ئوخشايتتى.

شۇ كۈنى، تۇرپان شەھەرلىك ھۆكۈمەت بۇيلۇق مەنزىرە رايونىدا «شىنجاڭدىكى تۇنجى باھار. باھاردا تۇرپاندا ساياھەت قىلىش» تېمىسىدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك تۇرپان تەك ئېچىش بايرىمى پائالىيىتىنى ئۆتكۈزدى. «كېلىشتىن بۇرۇن، مەن ساياھەت پىلانى تۈزۈش ئۈچۈن توردا ئىزدەپ، ھەر يىلى شىنجاڭدىكى تۇنجى باھار پائالىيىتىنىڭ تۇرپاندىن باشلىنىدىغانلىقىنى بايقىدىم» دېدى گەنسۇدىن كەلگەن ساياھەتچى جاڭ لىن.

تۇرپان قانداق قىلىپ پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئەتىيازلىق چېچەك سەيلىسىنىڭ تۇنجى بېكىتىگە ئايلاندى؟ مۇخبىر تۇرپاننىڭ يېزا، شەھەرلىرىدىن بۇنىڭغا جاۋاب ئىزدىدى.

باھار ماكانى

ئۆزگىچە يەر شەكلى يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىقنى توپلىغان

«تۇرپاندا ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا ئۇدا بەش كۈن 5 سېلسىيە گىرادۇسقا يەتكەندىلا ئۆرۈكلەر چېچەكلەيدۇ، بۇ ھەم تۇرپاننىڭ نېمە ئۈچۈن ھەمىشە تۇنجى بولۇپ <شىنجاڭدىكى تۇنجى باھار>نى كۈتۈۋالىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى» دېدى تۇرپان يېزا ئىگىلىك مېتېئورولوگىيەسى تەجرىبە پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى ما خۇڭ.

ما خۇڭ مۇنداق چۈشەندۈردى: تۇرپان ئويمانلىقى ئىنتايىن قۇرغاق، يامغۇر ئاز ياغىدىغان جاي. مېتېئورولوگىيە ماتېرىياللىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، تۇرپان شەھىرىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل- يېغىن مىقدارى ئاران 16 مىللىمېتىر بولۇپ، پارغا ئايلىنىش مىقدارى 3000 مىللىمېتىردىن كۆپرەككە، كۈن نۇرىنىڭ يىللىق چۈشۈش ۋاقتى 3200 سائەتتىن كۆپرەككە يېتىدىكەن. تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى تەخمىنەن 500 مېتىر بولۇپ، تۆت ئەتراپىنى تاغ ئوراپ تۇرىدىغان ئويمانلىق ھېسابلىنىدۇ، ئەتىياز پەسلىدە ھاۋا ئىللىشقا باشلىغاندىن كېيىن، سىرتقى ھاۋا ئېقىمى تاغلاردىن ھالقىپ تۆۋەنگە چۆكىدۇ، تېمپېراتۇرىنى يۇقىرىلىتىش رولى كۆرۈنەرلىك كۈچىيىدۇ، تۇرپان ئويمانلىقىغا توپلانغان ئىسسىقلىقنىڭ سىرتقا تارقىلىشى ناھايىتى تەس، شۇنىڭ بىلەن «شىنجاڭدىكى تۇنجى باھار» بارلىققا كەلگەن.

«ئۆزگىچە يەر شەكلى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆرۈك كۆچەتلىرىنىڭ ئۆسۈش ئالاھىدىلىكى سەۋەبىدىن، تۇرپاندىكى ئۆرۈكلەر باشقا جايلارغا قارىغاندا بالدۇرراق چېچەكلەيدۇ» دېدى ما خۇڭ.

«شىنجاڭدىكى تۇنجى باھار» نامى بىلەن تۇرپانمۇ ھەر يىلى باھاردا ساياھەتچىلەر ئالدىن تاللاپ داكا قىلىدىغان جايغا ئايلاندى، تۇرپان ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە جەلپكارلىقىنى نامايان قىلدى، شۇنداقلا شىنجاڭغا باھار ئۈمىدى بېغىشلىدى.

باھار گۈلى

بۇ جايدىن باشلاپ پورەكلەپ ئېچىلىدۇ

كىشىلەرنىڭ ھەممىسى گۈل باھارنىڭ ئەلچىسى دېيىشىدۇ، تۇرپاندا بۇ نۇقتا تېخىمۇ دەلىللەنگەن.

ھەر يىلى 3- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىنىڭ ئالدى- كەينىدە، توقسۇن ناھىيەسىدىكى 10 مىڭ مو يەردىكى ئۆرۈكلەر بەس- بەستە چېچەكلەيدۇ، سانسىزلىغان ساياھەتچى بۇ جاينىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ كېلىدۇ، خەنفۇ كىيگەن قىزلار ئۆرۈك چېچەكلىرى ئارىسىدا توختىماي ئۇيان- بۇيان ئۆتۈشۈپ تۇرىدۇ، فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرى «زىيارەت ئۈسكۈنىلىرى»نى تەقلەپ باھار سىيماسىدىن خاتىرە قالدۇرىدۇ. توقسۇندا ئۆرۈكلەر ھۈپپىدە چېچەكلىگەندىن باشلاپ، شىنجاڭ ئارقا- ئارقىدىن چېچەك پەسلىگە كىرىدۇ، رەڭگارەڭ چېچەك پەسلىدە يۇمران ھال رەڭ ئۆرۈك چېچەكلىرى، توق قىزىل شاپتۇل چېچەكلىرى، ئاپئاق نەشپۈت چېچەكلىرى... رەڭگارەڭ چېچەكلەر بەسلىشىپ ھۈپپىدە ئېچىلىپ، باھار ھىدى تۇرپاندىن باشلىنىپ تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىغا كېڭىيىپ، شىنجاڭنىڭ ھەربىر بۇلۇڭ- پۇچقاقلىرىنى قاپلايدۇ.

«دوستلار، تۇرپانغا كېلىپ باھار ئۇچرىشىشىغا بىللە قاتنىشايلى! بۇ جايدا ئۆرۈكلەر ھۈپپىدە چېچەكلەيدۇ، ئېسىل ئۈزۈم ھارىقىنىڭ ھىدى ئەتراپقا تارىلىدۇ...» 3- ئاينىڭ 8- كۈنىدىن 10- كۈنىگىچە، «يۇلتۇزلار جىمىرلايدۇ» ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيىتى كۆرىكى − «ئۈزۈمزاردىكى كاتتا شەھەر . يىپەك يولىدىكى نۇرلۇق مەرۋايىت» تۇرپان مەدەنىيەت- ساياھەت تونۇشتۇرۇش مەخسۇس مەيدان پائالىيىتى ئۈرۈمچىدە ئۇدا ئۈچ مەيدان ئۆتكۈزۈلۈپ، تۇرپاننىڭ مول مەدەنىيەت- ساياھەت بايلىقى نامايان قىلىنىپلا قالماي، يەنە پات ئارىدا يېتىپ كېلىدىغان ئۆرۈك چېچىكى پەسلى ئۈچۈن پۇختا تەييارلىق كۆرۈلدى.

ھەر يىلى باش باھاردا سوغۇق ھاۋا ئېقىمى كۆرۈلىدىغان بولغاچقا، ئەڭ ياخشى چېچەك سەيلىسى پەسلى ھاۋانىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن ھەر ۋاقىت تەڭشىلىپ تۇرىدۇ. ئەمما بۇ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ باھارغا بولغان ئىشتىياقىغا تەسىر يەتكۈزەلمەيدۇ. ھەربىر مەيدان پائالىيەت ھەرقايسى جايلاردا ئارقا- ئارقىدىن قانات يايدۇرۇلۇپ، قاتتىق ئۇيقۇدا ياتقان ئۇزاققا سوزۇلغان قىشنى ئويغىتىدۇ. ھەر مىللەت ئامما ئەتىيازلىق كىيىملىرىنى كىيىشىپ، ئېتىزلاردا، مەنزىرە رايونلىرىدا ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، ئۈمىدكە تولغان باھارغا ئالقىش ياڭرىتىدۇ.

باھار كۈيى

مول ھوسۇل ئۈمىدىنى بارلىققا كەلتۈردى

شىنجاڭنىڭ قىش پەسلى ئۇزاق ھەم سوغۇق.

ھەر يىلى 11- ئاينىڭ ئالدى- كەينىدە، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلاردا ئارقا- ئارقىدىن قىش كىرىپ، قار يېغىش، سوغۇق ئېقىم، بورانلىق ھاۋارايى دائىم ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. گەرچە قار تېيىلىش، مۇز تېيىلىش، قار ئېتىشىش، قار ئادەم ياساش قىش پەسلىدىكى زېرىكىشلىك تۇرمۇشنى ئازراق رەڭدارلىققا ئىگە قىلسىمۇ، لېكىن كۆپ ساندىكى كىشىلەر يەنىلا باھارنىڭ ئىللىق ئاپتىپىدا چېچەك سەيلىسى پەيتىدىن ھۇزۇرلىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ.

3- ئاينىڭ 9- كۈنى، تۇنجى نۆۋەتلىك تۇرپان تەك ئېچىش بايرىمىدا، ئېسىل خەلق ئۆرپ- ئادىتى نومۇرلىرى كەينى- كەينىدىن ئورۇنلاندى. ئوسمان ئابدۇل فوتوسى

3- ئاينىڭ 9- كۈنى، تۇنجى نۆۋەتلىك تۇرپان تەك ئېچىش بايرىمى پائالىيىتى نەق مەيدانىدا، مۇخبىر نۇرغۇن ئامما ۋە ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قېلىن مامۇق كىيىملەرنىڭ ئورنىغا پوپايكا ۋە چاپانلىرىنى كىيىپ، باھار شامىلىنىڭ ئىللىقلىقىدىن ھۇزۇرلىنىۋاتقانلىقىنى، يەنە نۇرغۇن ئاممىنىڭ چاقلىق ئورۇندۇقنى ئىتتىرىپ، ياشانغانلارنى قولتۇقلاپ بۇيلۇق مەنزىرە رايونىغا كېلىپ، باھارنىڭ ئىللىقلىقىدىن بىرلىكتە بەھرىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئوقيا ئېتىش، توپ تېپىش، گۇجېڭ چېلىش... ئوقۇغۇچىلار ھەرقايسى پائالىيەت مەيدانلىرىنى ئارىلاپ، چەكسىز ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلماقتا ئىدى.

«ئانام بۇ يىل قىشتا ئاساسەن ئۆيدىن سىرتقا چىقمىدى، ھازىر ھاۋا ئىللىدى، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىمۇ مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سىرتلارغا چىقىپ ئايلىنىپ كەلدۇق.» شۇ كۈنى، تۇرپان شەھىرى ئاھالىسى جاۋ يۆ ئانىسى ۋە سەككىز ياشلىق بالىسىنى ئېلىپ بۇيلۇق مەنزىرە رايونىغا كېلىپ، سۈرەتكە چۈشۈپ داكا قىلغاچ، تىجارەتچىلەر تەييارلىغان تۈرلۈك مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تەگدى.

شەھەر ئاھالىلىرى باھار سەيلىسى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، باغۋەنلەر بۇ پەسىلنىڭ تېخىمۇ كۆپ ھوسۇل ئېلىپ كېلىشىگە قارىتا ئۈمىدكە تولدى. تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونىنىڭ بۇيلۇق كوچا باشقارمىسى ئۈزۈمچىلىك مەھەللىسىدە، ئىليار روزى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە تەك ئېچىۋاتاتتى.

تۇرپان شەھىرىنىڭ ئۈزۈم ئۆستۈرۈش تارىخى ئۇزاق، ئۈزۈم تاللىرىنى ئۇزاققا سوزۇلغان قىش پەسلىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، ھەر يىلى قىش كىرىشتىن بۇرۇن باغۋەنلەر تەكلەرنى قېلىنراق كۆمىدۇ، كىچىك كۆلەمدە ئۆستۈرۈلگەن ئۈزۈم تاللىرىنى يۇمىلاق يۆگەپ كۆمگەندىن كېيىن، خۇددى بارخانغا ئوخشايدىغان كىچىك- كىچىك توپا دۆۋىلىرى ھاسىل بولىدۇ، ھاۋا ئىللىغاندىن كېيىن يەنە ئۇنى توپا ئاستىدىن كولاپ چىقىرىدۇ، بۇ جەريان تەك ئېچىش دېيىلىدۇ. كەڭ كۆلەمدىكى تېرىلغۇ يەرلەردە ئۆستۈرۈلگەن ئۈزۈم تاللىرى ئېرىقچە ئىچىگە كۆمۈلىدۇ. «بۇنداق بولغاندا ماشىنىلاشقان تەك ئېچىشقا تېخىمۇ قولايلىق بولۇپ، تەك ئېچىش ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ، يەنە تەك ئېچىش جەريانىدىكى ئوغۇتلاش قاتارلىق دېھقانچىلىق مەشغۇلاتلىرىنى ئېلىپ بېرىشقا پايدىلىق» دېدى ئىليار.

ھەر يىلىدىكى تەك ئېچىش باغۋەنلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا مۇھىم ئىش، ئۇلارنىڭ نەزەرىدە، ئۈزۈم تاللىرىنى باراڭغا ئېلىش دەل بىر يىلدىكى دېھقانچىلىق ئالدىراش مەزگىلىنىڭ باشلانغانلىقىدىن، شۇنداقلا بىر يىللىق مول ھوسۇلدىن دېرەك بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125