يۇقىرى قان بېسىمىنى داۋالاشتا كۆپ كۆرۈلىدىغان 12 خاتا قاراش (3)
18:16:00 2024-04-01 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 توققۇزىنچى خاتا قاراش

 ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىمۇ قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتەلەيدۇ.

 نۇرغۇن ياشانغان كىشى ئېلان تەشۋىقاتىغا خۇراپىيلارچە ئىشىنىپ، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىمۇ قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتەلەيدۇ، ئېلان قىلىنغان دورىلارنى خاتىرجەم ئىچىشكە بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمى ئىلمىي كىلىنىكىلىق ئىسپاتلاشتىن ئۆتمىگەن، قارىغۇلارچە ئىشلەتكەندە داۋالاش ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىدۇ.

 ئونىنچى خاتا قاراش

 ئاسما ئوكۇل سېلىشقا تايىنىپ يۇقىرى قان بېسىمىنى داۋالىغىلى بولىدۇ.

 يۇقىرى قان بېسىمى بوھرانى، يۇقىرى قان بېسىملىق مېڭە كېسىلى قاتارلىق يۇقىرى قان بېسىمى جىددىي كېسەللىكلىرىگە ۋېنادىن سۇيۇقلۇق كىرگۈزۈپ دورا ئىشلىتىشكە توغرا كەلگەندىن باشقا، ئادەتتىكى يۇقىرى قان بېسىمىنى داۋالاشتا ئۇزاق مۇددەت دورا ئىچىشنى تاللاش كېرەك، سۇيۇقلۇق بېرىش ھاجەتسىز. 

 ئون بىرىنچى خاتا قاراش

 قان بېسىمى قانچە تۆۋەن بولسا شۇنچە ياخشى بولىدۇ.

 قان بېسىمى بەدەندىكى ئەزالارغا قان يەتكۈزۈشنى ساقلاشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەنبەسى بولۇپ، قان بېسىمى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ناھايىتى تېز تۆۋەنلەپ، ئۆزىنى تەڭشەش- تىزگىنلەش ئىقتىدارىنىڭ چەك قىممىتىدىن ئېشىپ كەتكەندىن كېيىن، مۇھىم ئەزالارغا قان يەتكۈزۈش مىقدارى تۆۋەنلەپ، مېڭە قان نوكچىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 ئون ئىككىنچى خاتا قاراش

 قەرەللىك ھالدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈشنىڭ ھاجىتى يوق.

 دورا ئىچىپ بىر مەزگىل داۋالانغاندىن كېيىن، قان بېسىمى تۇراقلاشقان تەقدىردىمۇ، قەرەللىك ھالدا دوختۇرخانىغا بېرىپ قايتا تەكشۈرتۈپ، دورىنىڭ ناچار تەسىر پەيدا قىلغان- قىلمىغانلىقىنى، ھەمدە يۈرەك، مېڭە، بۆرەك قاتارلىق نىشان ئەزالاردا ناچار تەسىر پەيدا قىلغان- قىلمىغانلىقىنى ياكى دورا مىقدارىنىڭ نىسبەتەن يېتەرلىك بولغان- بولمىغانلىقىنى كۆزىتىش كېرەك.

 (تۈگىدى)

 پايدىلانغان مەنبە: جۇڭگو ئالاقە تورى بىرلەشمە رەددىيە بېرىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125