قوتاندا بېقىلغان ۋەقەگە چېتىشلىق ئاتلار. سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى ئورۇن تەمىنلىگەن
2- ئاينىڭ 21- كۈنىدىن 22- كۈنىگىچە، ساۋەن شەھىرى بورتۇڭگى يېزىسىدىكى چارۋىچى ئا x بىلەن يې x باققان 60 تۇياقتىن ئارتۇق ئات باشلامچى ئاتنىڭ يېتەكچىلىكىدە بىڭتۇەن 8- شى 121- تۇەنىدىكى ئىككى ئائىلىلىك ئىشچى- خىزمەتچىنىڭ 100 موغا يېقىن يەردىكى بۇغدىيىنى يەپ، بولۇق ئۆسكەن بۇغدايلىقنى ۋەيران قىلىۋەتتى، تېمىتىپ سۇغىرىش ئەسلىھەلىرىمۇ زىيانغا ئۇچرىدى. ئىشچى- خىزمەتچىلەر بۇنى بايقىغاندىن كېيىن، ۋەقەگە چېتىشلىق ئاتلارنى 121- تۇەن ماشىنىلاشقان قۇدۇق ليەنىگە ئاپىرىپ قوتاندا باقتى.
2- ئاينىڭ 23- كۈنى، چارۋىچى ئا x بىلەن يې x ئۆزلىرىنىڭ ئاتلىرىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بايقاپ، باشلامچى ئاتقا ئورنىتىلغان GPS بېكىتكەن ئورۇنغا ئاساسەن ئاتلارنى تاپتى ھەم شۇ جايدىكى ساقچىخانىغا مەلۇم قىلىپ، 121- تۇەندىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەردىن ئاتنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
ساقچىخانىدىكى خەلق ساقچىلىرى نەق مەيدانغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، «گۇڭئەن ئورگىنى خەلقنى مۇرەسسە قىلىش بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇش» مېخانىزمى بويىچە، 121- تۇەن ئەدلىيە ئورنىدىكى خادىملارنىڭ نەق مەيدانغا كېلىپ بىرلىشىپ مۇرەسسە قىلىپ بېرىشى توغرىسىدا ئالاقىلەشتى.
2- ئاينىڭ 23- كۈنى سائەت 12 ئەتراپىدا، ئەدلىيە ئورنى بىلەن ساقچىخانىدىكى خادىملار ئىككى تەرەپنى مۇرەسسە قىلىشقا تەشكىللىدى، چارۋىچىلار ئاتلىرىنىڭ بۇغداينى يېمىگەنلىكىنى ئېيتتى. خەلق ساقچىسى ۋەقە يۈز بەرگەن جاينىڭ ئەتراپىدىكى سىننى كۆرۈپ، مۇناسىۋەتلىك ئىزلار ھەم ئات تېزىكىنى تەكشۈرۈپ تەھلىل قىلىپ، ئاتلارنىڭ ھەقىقەتەن بۇغداينى يېگەنلىكىنى دەلىللىدى.
2- ئاينىڭ 26- كۈنى، مۇرەسسەچى ئا x بىلەن يې xنى باشلاپ ماشىنىلاشقان قۇدۇق ليەنىدىكى ئات قوتىنىغا بېرىپ ئاتلارنى پەرقلەندۈردى، ئېنىقلاش ئارقىلىق قوتاندىكى 55 تۇياق ئاتنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇلارنىڭ ئىگىدارلىقىدا ئىكەنلىكى، لېكىن سانى يېتەرلىك ئەمەسلىكى، يىلقىنىڭ ئومۇمىي سانىنىڭ 63 تۇياق بولۇشى كېرەكلىكى ئېنىقلاندى. ئا x بىلەن يې x ئالاقىدار تارماقلاردىن ئاۋۋال پاكىتنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىنى، بولمىسا مۇرەسسەنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى تەلەپ قىلدى. ئا x بىلەن يې x تۇەن- مەيداندىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەر تەلەپ قىلغان بۇغداينى زىيانغا ئۇچرىتىش ھەققى، ئات بېقىش ھەققى قاتارلىقلارنى قوشۇپ ھېسابلىغان 173 مىڭ يۈەن تۆلەم سوممىسىنى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتتى، دەپ قاراپ، مۇرەسسەنى قوبۇل قىلمىدى.
2- ئاينىڭ 27- كۈنى، چارۋىچىلار ئېيتقان ئات سانى يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىگە قارىتا، ساقچىخانىدىكى خەلق ساقچىلىرى دەۋالاشقۇچىلاردىن يەنە بىر قېتىم سوراش ئارقىلىق، ئات باشقۇرىدىغان خادىمنىڭ بىر قىسىم ئاتلارنىڭ بوغاز ئىكەنلىكىنى ئويلاپ، قوتاندا باققاندا كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈز بېرىش ئېھتىمالى بارلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن سەككىز بوغاز بايتالنى 6- ليەننىڭ ئات قوتىنىغا ئاپىرىپ ئايرىم باققانلىقىنى بىلدى، شۇڭا ئەمەلىي تۇتۇپ قېلىنغان ئاتلارنىڭ سانى ھەقىقەتەن 63 تۇياق بولدى.
بارلىق پاكىت ئېنىق بولدى، لېكىن قانداق تۆلەم تۆلەش يەنىلا بىر قىيىن مەسىلە بولۇپ قالغانىدى.
3- ئاينىڭ 1- كۈنى ئا x بىلەن يې x بۇ قېتىمقى ماجىرا سەۋەبىدىن شىخەنزە شەھەرلىك ئەرزىيەت ئىدارىسىگە بېرىپ، 121- تۇەندىكى دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ئاتنى قايتۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى، شۇنىڭ بىلەن زىددىيەت يەنە بىر قېتىم كەسكىنلەشتى.
بۇ ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ مۇرەسسەچىسى «ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل» مۇرەسسە تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، شۇ جايدىكى سوتچى ۋە ئەدلىيە ئورنىدىكى مۇرەسسەچىنى تەشكىللەپ، دېلو ئارقىلىق قانۇنغا ئىزاھات بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئا x، يې xكە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نىڭ 1245- ماددىسىدا: «باققان ھايۋان باشقىلارغا زىيان يەتكۈزگەن بولسا، ھايۋاننى باققۇچى ياكى باشقۇرغۇچى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ لېكىن زىياننى ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى قەستەنلىك ياكى زور سەۋەنلىك بىلەن پەيدا قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلىسە، جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالماسلىققا ياكى جاۋابكارلىقىنى يېنىكلىتىشكە بولىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەنلىكىنى چۈشەندۈردى. قايتا- قايتا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، ئىككىيلەن ئاخىرى ئاتلارنى باشقۇرۇش جەھەتتە سەل قارىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، تۆلەم بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى، لېكىن 173 مىڭ يۈەن تۆلەم سوممىسىنىڭ بەك يۇقىرى بولۇپ كەتكەنلىكىنى، تۆلەم سوممىسىنى قايتىدىن كېڭىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئارقىدىن، مۇرەسسەچى يەنە تۇەن- مەيداندىكى ئىككى ئىشچى- خىزمەتچى بىلەن ماسلىشىپ، ئاخىرىدا چارۋىچىلارنىڭ ئۇلارغا 94 مىڭ 900 يۈەن تۆلەم بېرىشىنى بېكىتتى. 3- ئاينىڭ 18- كۈنى، زىددىيەتلەشكەن ئىككى تەرەپ مۇرەسسە كېلىشىمى ھاسىل قىلىپ، تالاش- تارتىشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەل قىلدى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)