«كۆممىقوناق يېگەندە قان شېكىرىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ» دېگەن بۇ قاراش بەك يۈزەكى بولۇپ قالىدۇ.
بىر تەرەپتىن، كۆممىقوناقنىڭ تەركىبىدە نۇرغۇن ئوزۇقلۇق ماددا، يەنە نۇرغۇن يېمەكلىك تالاسى بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە شېكەرنى ئۆرلىتىش كۆرسەتكۈچى ئوتتۇرھال سەۋىيەدە بولۇپ، ھەقىقەتەن ساغلام يېمەكلىكنىڭ بىر قىسمى قىلىشقا، ئاساسلىق يېمەكلىكنىڭ بىر قىسمى قىلىشقا بولىدۇ.
ئەمما، يەنە بىر تەرەپتىن، كۆممىقوناقنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا كاربون- سۇ بىرىكمىلىرى بولۇپ، ھەزىم قىلىش جەريانىدا گىلۇكوزىغا ئايلىنىدۇ، بۇ يەنىلا قان شېكىرىنىڭ سەۋىيەسىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، يەنە بەزى تاتلىق كۆممىقوناقلار مەخسۇس شېكەر مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېتىشتۈرۈلىدۇ، ئەگەر كۆپ يېسە، قان شېكىرىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى چوڭ بولىدۇ.
بەزى دوستلار كۆممىقوناقنىڭ شىرنىسىنى سىقىپ ئىچىشى مۇمكىن، كۆممىقوناق شىرنىسىنىڭ شېكەرنى ئۆرلىتىش كۆرسەتكۈچى يۇقىرى بولۇپ، قان شېكىرىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ. شۇڭا، بىز ئاددىي ھالدا «كۆممىقوناق يېگەندە قان شېكىرىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ» دەپ قارىساق بولمايدۇ.
پايدىلانغان مەنبە: ئىلمىي رەددىيە بېرىش سۇپىسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)