بۇرچىن ناھىيەسىدىكى قاناس مەنزىرە رايونىنىڭ ئېگىزدىن كۆرۈنۈشى (3- ئاينىڭ 31- كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر تاڭ يۇڭ) ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ، قاناستىكى قار- مۇزلار ئاستا- ئاستا ئېرىپ، خۇددى بىر يېڭى پەسىلنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى جاكارلاۋاتقاندەك ھەممە يېڭى ھاياتىي كۈچكە تولدى. ئېرىگەن قار- مۇزلار قوشۇلۇپ تارام- تارام ئېقىن ھاسىل قىلىپ، تاغ جىلغىسىدا ئويناقشىپ، شىلدىرلاپ ئېقىپ، خۇددى بىر گۈزەل مۇزىكىغا ئوخشاش، كىشىنىڭ روھىنى كۆتىرەتتى.
بۇ چاغدا، باش باھاردىكى قۇمقاناس كەنتى يەنىلا ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغان ئىدى. سۇس تۇمان ۋە ئاپئاق قار كەنتتىكى ھەر خىل ئىمارەتلەرنى ھەر خىل شەكىلدە بېزىدى. يىراقتىن نەزەر سالساق، تاغ تىزمىسى بۇلۇتقا تاقاشقان بولۇپ، تۇتاش كەتكەن ئېگىز بال قارىغايلار ۋە توم- ئىنچىكە ئاق قېيىن دەرەخلىرى بىر- بىرىگە گىرەلىشىپ، خۇددى بىر پارچە تەبىئىي سىياھ رەسىمگە ئوخشاپ قالغانىدى.
3- ئاينىڭ 31- كۈنى، قاناس كۆلىدە ئويناۋاتقان سۇ قۇشلىرى.
قاناس دەرياسى ۋە ئورمان (3- ئاينىڭ 31- كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).
3- ئاينىڭ 31- كۈنى قاناس دەرياسى بويىدىكى چارۋىچى.
بۇرچىن ناھىيەسى قاناس تۇۋا كەنتىنىڭ ئېگىزدىن كۆرۈنۈشى (3- ئاينىڭ 31- كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)