جاۋ ۋېندى
ئىككى كۈندىن بۇيان، مەھەللىنىڭ ئۇدۇلىدىكى چوڭ سودا ساراينىڭ ئالدىدىكى بوش يەرگە كىشىلەر يايما ئاچقىلى چىقىشقا باشلىدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر چەمبىرەك تاشلاش ئويۇنى يايمىسى بىز ۋە بالىلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
ئۇ يايما فونتاننىڭ يېنىغا ئېچىلغان بولۇپ، سوپۇن، چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى، لوڭقا قاتارلىق نەرسىلەردىن باشقا، يەنە كىچىك قەپەسكە سېلىنغان ئىككى توشقان، ئۈچ شاتۇتى ۋە تۆت تاشپاقا مۇكاپات بۇيۇمى قىلىنغان ئىدى. بالىلارنى جەلپ قىلغىنى دەل مۇشۇ كىچىك ھايۋانلار ئىدى.
رەسىسام: ۋۇ يۈشىن
يايما ئىگىسى ياش چوكان بولۇپ، زېرەك، گەپدان ئىدى، ۋارقىراپ تۇرۇپ خېرىدار چاقىراتتى، بالا يېتىلىۋالغان ئائىلە باشلىقلىرىنى كۆرسىلا قىزغىنلىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ كېتەتتى: «10 يۈەنگە 8 قېتىم، 30 يۈەنگە 30 قېتىم، 50 يۈەنگە 60 قېتىم چەمبىرەك تاشلىيالايسىز، بەك قىزىقارلىق، قېنى كىچىك دوست سىناپ باقمامسىز؟» نۇرغۇن ئائىلە باشلىقى مەردلىك بىلەن پۇل چىقىرىپ، بالىلارنىڭ ئوينىشىغا نەچچە ئون چەمبىرەك ئېلىپ بېرەتتى.
مەنمۇ بالامغا 30 چەمبىرەك ئېلىپ بەردىم، ئۇ چەمبىرەكنى ئېلىپ بىردەم قاراپ تۇرۇپ، يېشىل رەڭلىك قەپەسنى نىشانلىماقچى بولدى. ئۇ قەپەستىكىسى سۇس سېرىق رەڭلىك شاتۇتى بولۇپ، ئورۇق، پەيلىرى خۇنۈك، بېشىنىڭ بىر يېرى تاقىر بولۇپ قالغانىدى، سايراپمۇ قويمايتتى، قارىماققا روھسىز كۆرۈنەتتى. مەن ئۇنى ئەسكەرتىپ: «بۇ قۇش بولمايدىكەن، ياندىكى ماۋۇ جانلىق قۇشنى نىشانلا»، دېدىم. ئۇ بېشىنى چايقاپ قويدى. يەنە بىر نەچچە قېتىم چەمبىرەك تاشلىغاندىن كېيىن، مەن ئۇنىڭ پەقەت ھېلىقى سېرىق شاتۇتىنىلا نىشانلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىپ: «باشقىسىنى سىناپ باققىن، ئۈچىنچى رەتنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئاۋۇ ئاۋتېمەن قەلەم قۇتىسىنى ياخشى كۆرەتتىڭغۇ؟» دېدىم. ئۇ يەنىلا بېشىنى چايقىدى. بۇ چاغدا ئالقىش سادالىرى ياڭراپ كەتتى، بىر كىچىك دوست بىر كۈلرەڭ توشقاننىڭ ئۈستىگە چەمبىرەكنى دەل چۈشۈرۈپ، خۇشاللىق بىلەن ئۇنى قۇچاقلاپ ئېلىپ كەتتى. ئۇنىڭ يىراقلاپ كەتكىنىگە قاراپ، بالامنىڭ چىرايىدا تەبەسسۇم جىلۋىلەندى ۋە ماڭا: «ئەمدى كۈلرەڭ توشقاننىڭ ئۆيى بار بولدى، بۇ يەردە ئاچلىق- ئۇسسۇزلۇقنىڭ دەردىنى تارتىپ يۈرمەيدىغان بولدى»، دېدى.
مەن ئۇنىڭ چەمبىرىكىنىڭ تۈگەي دەپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىپ: «بىرىنچى رەتتىكى تاپقۇتىنى نىشانلا، ئارىلىقى يېقىن، ھەم چەمبىرەكنى چۈشۈرمەك ئوڭاي، باشقا كىچىك دوستلارنىڭ ھەممىسى چۈشۈردى»، دېدىم. ئۇ يەنىلا بېشىنى چايقىدى.
30 چەمبىرەكنى تاشلاپ بولدى، ئۇنىڭ ئىككى قولى قۇپقۇرۇق بولۇپ قالدى. مەن: «ماڭايلى» دېدىم. ئۇ بېشىنى لىڭشىتىپ بولۇپ، تۇيۇقسىز يايمىچىغا: «ھەدە، كىچىك ھايۋانلارغا ئازراق يەيدىغان نەرسە بېرىڭ، ئۇلارنىڭ قورسىقى ئېچىپ كېتىپتۇ»، دېدى. يايمىچى سودىسى بىلەن بولۇپ كېتىپ، ئۇنىڭ گېپىگە جاۋاب بەرمىدى.
ئۆيگە قايتىپ كېلىپ، مەن تاماققا تۇتۇندۇم، ئۇ ئۇدۇل كۇتۇپخانىغا كىرىپ كەتتى. بىردەمدىن كېيىن مەن كۇتۇپخانىغا كىرىپ، ئۇنىڭ چەمبىرەك تاشلاش ئويۇنى يايمىسىنى دوراپ يەرگە كىتاب، ئىستاكان، ئويۇنچۇقلىرىنى تۆت رەت قىلىپ تىزىپ قويغىنىنى، ئۆزىنىڭ بولسا سۇلياۋ چەمبىرەكنى ئېلىپ، ئەستايىدىللىق بىلەن چەمبىرەك ئېتىشنى مەشىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. كىرىپ كەلگىنىمنى كۆرۈپ: «ئاپا، ئەتە يەنە مېنى ئېلىپ بېرىڭ»، دېدى.
ئەتىسى ئازراق يامغۇر يېغىپ، ھاۋا سوۋۇپ كەتتى، بالام دېرىزە سىرتىغا تەشۋىشلەنگەن ھالدا قاراپ تۇراتتى. مەن ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىپ: «ئەنسىرىمە، يامغۇر توختاپ ھاۋا ئېچىلغاندا، يايمىچى يايمىسىنى ئاچىدۇ»، دېدىم. ئۇ بېشىنى چايقاپ: «مەن بۇنىڭدىن ئەنسىرىمىدىم، مەن ئۇنىڭ يايما ئاچماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن»، دېدى.
چۈشتىن كېيىن بالىلار مەكتەپتىن قايتقاندا، يامغۇر توختىدى، ھېلىقى چەمبىرەك تاشلاش ئويۇنى يايمىسى يەنە تىجارەت باشلىدى. بىز بارغاندا بىر توشقان، ئىككى تاشپاقىنى چەمبىرەكنى دەل چۈشۈرۈپ ئېلىپ كېتىپتۇ، ھېلىقى سېرىق شاتۇتى بار ئىكەن، ھاۋانىڭ سوغۇقلىقىدىنمۇ ياكى يايمىچىنىڭ ئۇنىڭغا يەم بەرمىگەنلىكىدىنمۇ ئەيتاۋۇر، ئۇ تېخىمۇ روھسىزلىنىپ، پەيلىرى پاخپىيىپ قالغان بولۇپ، بىر بۇلۇڭدا مىدىر- سىدىر قىلماي ياتاتتى. مەن 60 چەمبىرەك سېتىۋېلىپ، بالامغا ئاستا- ئاستا تاشلىشىنى ئېيتتىم، لېكىن ئۇ يەنىلا دەل جايىغا تاشلىيالمىدى.
كەچتە، تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ بولغاندىن كېيىن، بالام يەنە كۇتۇپخانىدا چەمبىرەك تاشلاشنى قايتا- قايتا مەشىق قىلدى. مەن كۆڭلۈمدە: «بولدىلا، ئۇنى گۈل، قۇش بازىرىغا ئاپىرىپ شاتۇتىدىن بىرنى ئېلىپلا بېرەيچۇ»، دەپ ئويلىدىم.
ئەتىسى مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ تەلىپى بويىچە يەنە ھېلىقى يايمىغا باردۇق.
«كىچىك ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كەتتى»، دېدى ئايال يايمىچى.
«ھېلىقى سېرىق شاتۇتىنىمۇ ئېلىپ كەتتىمۇ؟» دەپ سورىدى بالام ئالدىراپ.
«شۇنداق. بىر قۇش باققۇچى بوۋاي چەمبىرەكنى دەل چۈشۈرۈپ ئېلىپ كەتتى، ئۇ بوۋاي: <بۇ قۇشنىڭ نىمجان بولۇپ قالغىنىغا قارىماڭ، مەن تەجرىبەم بىلەن سەللىمازا ساقايتىۋالىمەن>، دېدى».
بالام خۇشال ھالدا پېشىمدىن تارتىپ: «ئۆيگە قايتايلى»، دېدى.
«گۈل، قۇش بازىرىغا بېرىپ شاتۇتىدىن بىرنى سېتىۋالايلىمۇ ئەمىسە»، دېدىم مەن.
ئۇ بېشىنى چايقاپ: «ھاجىتى يوق. ھېلىقى سېرىق شاتۇتى بۇ يەردە ھەم سوغۇقتا ھەم ئاچلىقتا قېلىپ، ئوبدان بېقىلماي، بەك بىچارە بولۇپ قاپتىكەن، شۇڭا ئۇنى ئۆيگە ئېلىپ كېتىپ ياخشى باقاي، دەپ ئويلىغانىدىم. ھازىر قۇش بېقىشنى بىلىدىغان بوۋا ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان بوپتۇ، مەنمۇ خاتىرجەم بولدۇم»، دېدى.
مەن: «باشقا كىچىك ھايۋانلارمۇ ئوخشاشلا سوغۇقتا ھەم ئاچلىقتا قاپتۇ، نېمىشقا ئۇلارنى ئەكىتىشنى ئويلىمىدىڭ؟» دەپ سورىدىم.
«چۈنكى ئۇلار جانلىق، چىرايلىق، سېرىق شاتۇتى بولسا پەيلىرى چۈشۈپ تاقىرلىشىپ، كۆرۈمسىز بولۇپ قاپتۇ، يەنە كېلىپ كېسەل بولۇپ قالغاندەك تۇرىدۇ، مەن ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم چىقماسلىقىدىن ئەنسىرىدىم، شۇڭا ...»
مەن ئاخىر ئۇنىڭ كۆڭلىنى چۈشەندىم، قەلبىم ئىللىقلىققا تولدى، ئۇنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكى، كەڭ قورساقلىقى ۋە تىرىشچانلىقى ئۈچۈن.
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)