ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى باھار شامىلى ئىللىقلىق بېغىشلاپ، بارلىق شەيئىلەر جانلاندى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، تۇرپان ئويمانلىقىغا جايلاشقان شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 12- شىسى 221- تۇەنىدىكى 1000 مو ئۆرۈكلۈكتە ئۆرۈك دەرەخلىرى بەس- بەستە چېچەكلىدى، چېچەكلەرنىڭ رەڭگى خۇددى بۇلۇتتەك، شەپەقتەك بولۇپ، كۆزلەرنى قاماشتۇرۇپ، كىشىنى مەپتۇن قىلاتتى. ساياھەتچىلەر ئۆرۈكلۈكتىكى چېچەك دېڭىزىدا سەيلە قىلىپ، گاھ چېچەكلەرنى ھۇزۇر بىلەن تاماشا قىلىپ، گۈزەل ھېس- تۇيغۇلارغا چۆمسە، گاھ گۈل ھىدىنى ھىدلىغىنىچە، سۈرەتلەرگە چۈشۈپ، بۇ گۈزەل پەيتلەردىن بەھرىمەن بولاتتى.
2024- يىلى 221- تۇەن ئۆرۈك چېچىكى مەدەنىيەت- ساياھەت پەسلى پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى نەق مەيدانى. تيەن يۈەن فوتوسى
ئۆرۈك چېچىكىنى تاماشا قىلىۋاتقان ساياھەتچىلەر سۈرەتكە چۈشۈپ داكا قىلماقتا. تيەن يۈەن فوتوسى
تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ چېتىگە جايلاشقان بۈگۈر ناھىيەسىدىكى 200 مىڭ مودىن ئارتۇق ئۆرۈك دەرىخى يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ئارقا- ئارقىدىن چېچەكلەپ، نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى چېچەك سەيلىسى قىلىشقا، مەنزىرە رەسىمى سىزىشقا جەلپ قىلدى، ساياھەتچىلەر چېچەك دېڭىزىدا سەيلە قىلىپ، رومانتىكىلىقنى ھېس قىلدى.
3- ئاينىڭ 30- كۈنى، كىچىك دوستلار تارىم ئويمانلىقىنىڭ گىرۋىكىگە جايلاشقان بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ يېڭىسار بازىرىدىكى بىر ئۆرۈكلۈك باغدا ئوينىماقتا. چۆ . خۇرە فوتوسى
3- ئاينىڭ 30- كۈنى، ساياھەتچىلەر كۇچا شەھىرى ياقا بازىرى توقىناي كەنتىدىكى ئۆرۈكلۈك باغدا سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا. تۇرسۇن توختى فوتوسى
3- ئاينىڭ 30- كۈنى، ساياھەتچىلەر تارىم ئويمانلىقىنىڭ گىرۋىكىگە جايلاشقان بۈگۈر ناھىيەسى يېڭىسار بازىرىدىكى بىر ئۆرۈكلۈك باغدا سۈرەتكە چۈشۈپ داكا قىلماقتا. چۆ . خۇرە فوتوسى
3- ئاينىڭ 31- كۈنى، ئاۋات ناھىيەسىدە ئاقسۇ ۋىلايىتى 7- نۆۋەتلىك يېزا- كەنت مەدەنىيەت- تەنتەربىيە ساياھەت بايرىمى ۋە ئاۋات ناھىيەسى دولان قەبىلىسى 9- نۆۋەتلىك گۈلزارلىق سەيلىسى ئۆتكۈزۈلدى، بەس- بەستە ئېچىلغان ئۆرۈك چېچەكلىرى شىنجاڭ ئىچى- سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى چېچەك تاماشاسى قىلىپ سۆرەتكە چۈشۈپ، گۈزەل باھار مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىشقا جەلپ قىلدى.
3- ئاينىڭ 31- كۈنى، ساياھەتچىلەر ئاۋات ناھىيەسىنىڭ دولان قەبىلىسى مەنزىرە رايونىدا پورەكلەپ ئېچىلغان ئۆرۈك چېچىكى ئارىسىدا سۈرەتكە چۈشۈپ، داكا قىلماقتا. باۋ لياڭتىڭ فوتوسى
3- ئاينىڭ 31- كۈنى، ساياھەتچىلەر ئاۋات ناھىيەسى دولان قەبىلىسى مەنزىرە رايونىدا ھۈپپىدە ئېچىلغان ئۆرۈك چېچىكى ئارىسىدا سۈرەتكە چۈشۈپ، داكا قىلماقتا. باۋ لياڭتىڭ فوتوسى
3- ئاينىڭ 31- كۈنى، ساياھەتچىلەرئاۋات ناھىيەسى دولان قەبىلىسى مەنزىرە رايونىدا كىچىك پويىزغا ئولتۇرۇپ ئۆرۈك چېچىكى گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلانماقتا. باۋ لياڭتىڭ فوتوسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)