يېقىندا، چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ شېڭشى چياڭنۇڭئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى تېرىقچىلىق بازىسىدىكى خاڭگا ئۆستۈرۈش پارنىكى ياپيېشىل تۈسكە كىرگەنىدى، ساپسېرىق چېچەكلەر يېشىللىقلار ئارىسىغا رەڭ قېتىپ تۇراتتى، ياپيېشىل خاڭگالاربەس- بەستە چۈشۈپ كەتكەنىدى. ئىشچىلار خاڭگا ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، ھەممە يەر مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چاقىلىق ناھىيەسى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېزا ئىگىلىك خاس كەسىپ سۈپەتلىك ماركىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، زورايتىپ، خاس مېۋە- كۆكتات تېرىقچىلىقىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر يۇغۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، خاس كەسىپلەرنى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغان «يېڭى موتور»غا ئايلاندۇردى. (ئىختىيارىي مۇخبىر جوۋ لى، ئادىل)
ئىشچىلار يېڭىلا ئۈزگەن خاڭگالارنى يەشىكلەرگە قاچىلىماقتا.
يەشىكلەرگە قاچىلانغان خاڭگالار كۆكتات توپ سېتىش بازىرىغا يەتكۈزۈلۈپ سېتىلىشقا تەييارلانماقتا.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)