ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر گۇڭ يەنچېن، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ جۈەن)
1992- يىلى 1- ئايدا لى x شىنجاڭدىكى مەلۇم مېھمانخانىغا خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ، ئامانلىق ساقلاش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى، ئىككى تەرەپ ئەمگەك توختامى تۈزدى، مەلۇم مېھمانخانا بەلگىلىمە بويىچە ئا xكە ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۈچ سۇغۇرتا، بىر فوند» دېيىلىدۇ) قاتارلىق ھەقلەرنى تاپشۇرۇپ بەردى.
2021- يىلى 11- ئايدا، لى xكە يامان سۈپەتلىك ئۆسمە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان دەپ دىياگنوز قويۇلۇپ، ئوپېراتسىيە قىلدۇرغاندىن كېيىن ئۇزاق مەزگىل ئۆيىدە دەم ئېلىپ داۋالاندى. بۇ مەزگىلدە، لى x كۆپ قېتىم مەلۇم مېھمانخانىدىن ئۆزىنىڭ داۋالىنىش مەزگىلىدە كېسەل سەۋەبىدىن دەم ئالغان ۋاقتىدىكى مائاشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، رەت قىلىندى. كېيىن، لى x ئەمگەك كېسىم تارمىقىغا ئەمگەك كېسىمى ئىلتىماس قىلدى.
2023- يىلى 12- ئايدا، كېسىم تارماقلىرى مەلۇم مېھمانخانىنى لى xكە 2021- يىلى 11- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 2023- يىلى 8- ئاينىڭ 1- كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدىكى كېسەل سەۋەبىدىن دەم ئالغان ۋاقتىدىكى 28 مىڭ 560 يۈەن مائاشىنى بېرىش ھەققىدە كېسىم چىقاردى.
2023- يىلى 12- ئايدا، لى x يەنە بىر قېتىم ئەمگەك كېسىمى ئىلتىماس قىلىپ، مەلۇم مېھمانخانىنىڭ ئۆزىنىڭ 2023- يىلى 9- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن شۇ يىلى 11- ئاينىڭ 30- كۈنىگىچە كېسەل سەۋەبىدىن دەم ئالغان ۋاقتىدىكى 4080 يۈەن مائاشىنى بېرىش ھەققىدە كېسىم چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى. كېسىم تارماقلىرى مەلۇم مېھمانخانىنىڭ بۇ كېسەل سەۋەبىدىن دەم ئالغان ۋاقىتتىكى مائاشنى بېرىشى توغرىسىدا كېسىم چىقاردى.
مەلۇم مېھمانخانا بۇ كېسىمگە قايىل بولماي، مۇنداق دەپ قارىدى: لى xنىڭ داۋالىنىش مۇددىتى 24 ئاي بولغان، 2023- يىلى 10- ئاينىڭ 30- كۈنى مۇددىتى توشقان، 2023- يىلى 11- ئايدىن كېيىن داۋالىنىش مۇددىتى ھېسابلانمايدۇ، ئۇنىڭغا كېسەل سەۋەبىدىن دەم ئالغان ۋاقتىدىكى مائاشىنى بېرىشكە بولمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، شىركەت لى xكە «ئۈچ سۇغۇرتا، بىر فوند» ۋە كارخانا يىللىق پۇلى تاپشۇرۇپ بەرگەن، ئەمما كېسىم قارارىدا بېكىتىلگەن ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىدىن «ئۈچ سۇغۇرتا، بىر فوند» ۋە كارخانا يىللىق پۇلى تۇتۇپ قېلىنمىدى.
بۇ يىل 3- ئايدا، مەلۇم مېھمانخانا لى xنىڭ ئۈستىدىن ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىپ، سوت مەھكىمىسىدىن پاكىتنى ئېنىقلاپ، جاۋابكارغا 2023- يىلى 9- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن شۇ يىلى 11- ئاينىڭ 30- كۈنىگىچە كېسەل سەۋەبىدىن دەم ئالغان ۋاقتىدىكى 4080 يۈەن مائاشىنى بېرىش ھاجەتسىز ئىكەنلىكى توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى.
سوتتا، جاۋابكار ئۆزىنى ئاقلاپ، ئۆزى تەشەببۇس قىلغان پۇل سوممىسىنى ئاپتونوم رايون ئېلان قىلغان ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى بويىچە ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، دەۋاگەرنىڭ ئىلگىرى كېسىم قىلىپ بېكىتىلگەن كېسەل سەۋەبىدىن دەم ئالغان ۋاقتىدىكى مائاش ئۆلچىمىگە باشقىچە پىكرى يوقلۇقىنى، سوت مەھكىمىسىنىڭ دەۋاگەرنىڭ دەۋا تەلىپىنى رەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
سوت مەھكىمىسى قاراپ چىققاندىن كېيىن مۇنداق دەپ قارىدى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» (شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تارقاتقان [2021] 21- نومۇرلۇق)غا ئاساسەن، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئىشقا ئورۇنلاشقان ئەمگەكچىلەرنىڭ «ئۈچ سۇغۇرتا، بىر فوند»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى 1700 يۈەن بولىدۇ. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقىدىن سۈرۈشتۈرسەك، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ «ئۈچ سۇغۇرتا، بىر فوند»نى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى 1241 يۈەن ئىكەن. دەۋاگەر تەمىنلىگەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تىزىملىكى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار دەۋاگەرنىڭ جاۋابكار ئۈچۈن «ئۈچ سۇغۇرتا، بىر فوند» تاپشۇرغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ، شۇڭا لى xنىڭ كېسەل سەۋەبىدىن دەم ئالغان ۋاقتىدىكى مائاشى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ «ئۈچ سۇغۇرتا، بىر فوند»نى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى 1241 يۈەن بويىچە ھېسابلىنىشى كېرەك.
ئاخىرىدا، سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇرەسسە قىلىشى بىلەن دەۋاگەر جاۋابكارغا 2023- يىلى 9- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن شۇ يىلى 11- ئاينىڭ 30- كۈنىگىچە كېسەل سەۋەبىدىن دەم ئالغان ۋاقتىدىكى مائاشى 2978.4 يۈەننى بەردى.
سوتچىنىڭ قارىشى
داۋالىنىش مۇددىتى كارخانا ئىشچى- خىزمەتچىلىرىنىڭ كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقتىن ياكى ئىشتا يارىلىنىشتىن باشقا سەۋەب بىلەن خىزمەتتىن توختاپ كېسەل داۋالىتىشى، دەم ئېلىشى سەۋەبىدىن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىشقا بولمايدىغان ۋاقىت چېكىنى كۆرسىتىدۇ.
كارخانا ئىشچى- خىزمەتچىلىرى كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقتىن ياكى ئىشتا يارىلىنىشتىن باشقا سەۋەب بىلەن خىزمەتتىن توختاپ داۋالىنىشقا توغرا كەلسە، شۇ كىشىنىڭ ئەمەلىي خىزمەتكە قاتناشقان يىل چېكى ۋە شۇ ئورۇندا ئىشلىگەن يىل چېكىگە ئاساسەن، ئۈچ ئايدىن 24 ئايغىچە داۋالىنىش مۇددىتى بېرىلىدۇ، داۋالىنىش مۇددىتى ئىچىدىكى كېسەل سەۋەبىدىن دەم ئالغان ۋاقتىدىكى مائاشى شۇ جاينىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنىڭ %80ىدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك.
جايلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ئوخشاش بولمىغاچقا، «ئۈچ سۇغۇرتا، بىر فوند»نى ئۆز ئىچىگە ئېلىش- ئالماسلىق توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، شۇڭا ئەمگەكچىلەر، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار بۇنداق مەسىلىلەرگە يولۇققاندا، ئالدى بىلەن شۇ جاينىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىدىكى بەلگىلىمىلەرنى چۈشىنىپ، مائاش تالونى، «ئۈچ سۇغۇرتا، بىر فوند»نى تاپشۇرۇش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلارنى ياخشى ساقلىشى، بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)