شۈ چىڭگۇاڭ
شىمالىي شىنجاڭدا يامغۇر ياغسا، جەنۇبىي شىنجاڭدا توپا ياغىدۇ، بۇنداق ھەر خىل ھاۋارايى تەڭ كۆرۈلۈش شىنجاڭلىقلارنىڭ قەلبىدە بىر خىل تەبىئىي «قانۇنىيەت»كە ئايلاندى.
3- ئاينىڭ 31- كۈنى سائەت 17گىچە، ئۈرۈمچىدە ئۇدا ئون سائەتتىن ئارتۇق يامغۇر يېغىپ، ھۆل- يېغىن مىقدارى 29.7 مىللىمېتىرغا يېتىپ، ئويلىمىغان يەردىن قارا يامغۇر دەرىجىسىگە يەتتى. 3- ئاينىڭ 30- كۈنى چۈشتىن كېيىندىن باشلاپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كۆپلىگەن جاي بۇ يىل ئەتىيازدىكى ئەڭ كۈچلۈك قۇم- بورانلىق ھاۋارايىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.
مەكىت ناھىيەسىدە، بوران قۇم- توپىنى ئۇچۇرۇپ نەچچە يۈز مېتىر ئېگىزلىكتە «قۇم تام» شەكىللەندۈردى؛ پوسكام ناھىيەسىنىڭ ئاسمىنى توپا رەڭ، قېنىق قىزىل رەڭگە كىردى... تەكلىماكان قۇملۇقىدا قايتا كۆرۈلگەن قۇم- بورانلىق ھاۋارايىنىڭ «ئاجايىپ كۈچ- قۇدرىتى» بىزگە قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەشتە ھەرگىزمۇ بىر كۈندىلا ئۇتۇق قازانغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
تەكلىماكان قۇملۇقى دۆلىتىمىزدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ قۇملۇق. تارىختا تەكلىماكان قۇملۇقى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، بوستانلىق سېپىلىگە رېئال خەۋپ ئېلىپ كەلگەن. «تارىخنامە»دە خاتىرىلەنگەن «غەربىي يۇرتتىكى 36 بەگلىك» ئىچىدىكى كىروران بەگلىكى قاتارلىقلار بىپايان قۇم ئاستىدا قالغان.
جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى نوپۇس ۋە شەھەر- بازارلار چەكلىك بوستانلىقلارغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، بۇ بوستانلىقلار ئاساسلىقى تەكلىماكان قۇملۇقىنى چۆرىدىگەن چەت بەلباغلارغا جايلاشقان. قۇملۇقنىڭ بوستانلىقلارنى يىمىرىشىنى توسۇش جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش بوشلۇقىنى كېڭەيتىشتىكى مەڭگۈلۈك تېما.
ئورمان بىنا قىلىپ قۇمنى تىزگىنلەش، يېشىللىقنى قوغلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەش. ئۆتكەن 40 نەچچە يىلدا، شىنجاڭ دۆلەتنىڭ «ئۈچ شىمال» ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشىغا تايىنىپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئەتراپىدا يېشىللىقنى تەدرىجىي كۆپەيتتى. بۈگۈنكى كۈندە، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئەتراپىدا 2700 كىلومېتىردىن ئارتۇق يېشىل قۇم توسۇش مۇداپىئە بەلبېغى شەكىللەندى، يەنى قۇملۇق ئەتراپىنىڭ %90ى «يېشىل تون» كىيدى.
6- قېتىملىق مەملىكەت بويىچە چۆللىشىش ۋە قۇملىشىشنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭنىڭ چۆللەشكەن ۋە قۇملاشقان تۇپراق كۆلىمىدە تۇنجى قېتىم «قوش ئازىيىش» ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر قۇملاشقان يەر كېڭەيگەن ئۆلكە- ئاپتونوم رايون بولۇش تارىخىغا خاتىمە بېرىلىپ، «قۇم ئىلگىرىلەپ، ئادەم چېكىنىش»تىن «بوستانلىق ئىلگىرىلەپ، قۇم چېكىنىش»كە ئۆتۈشتىن ئىبارەت تارىخىي بۇرۇلۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
دەرەخ ئون يىلدا يېتىلىدۇ، بىر كۈندىلا ئۇتۇق قازانغىلى بولمايدۇ. گەرچە شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي ئېكولوگىيە- مۇھىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن تەبىئىي ئېكولوگىيە- مۇھىتى ئاجىز بولۇش، يەر ئاسانلا چۆللىشىپ كېتىشتەك تەبىئىي شارائىتى ئۆزگەرگىنى يوق.
شۇنى كۆرۈشىمىز كېرەككى، شىنجاڭ دۆلىتىمىزدىكى چۆللەشكەن، قۇملاشقان تۇپراق كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئۆلكە- ئاپتونوم رايون، بۇنىڭ ئىچىدە چۆللەشكەن تۇپراق 1 مىليون 68 مىڭ 600 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، شىنجاڭ يەر كۆلىمىنىڭ %64.18ىنى ئىگىلەيدۇ، مەملىكەت بويىچە چۆللەشكەن تۇپراقنىڭ %41.52ىنى ئىگىلەيدۇ، شىنجاڭدا قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەشتە ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق.
2023- يىلى 10- ئاينىڭ 13- كۈنى، ئاپتونوم رايون بويىچە ئېكولوگىيە- مۇھىتنى قوغداش ھەم چۆللىشىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش- تۈزەش يىغىنى ئېچىلىپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. 2023- يىلى 11- ئاينىڭ 13- كۈنى، «بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى توسۇش، چاڭ- توزاننى تىزگىنلەش» تۈزەش نىشانى قىلىنغان تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى كېرىيە ناھىيەسى نۇقتىلىق قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى، بۇ، شىنجاڭنىڭ تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە ئاتاكىغا ئۆتۈش سىگنالىنىڭ ياڭرىتىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى ياخشى قىلىش دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي شىمال ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، شىنجاڭنىڭ، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنپەئىتى، بەخت- سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، تۆھپىسى ھازىرقىلارغا، پايدىسى كېيىنكىلەرگە بولىدىغان بىر تۈرلۈك ئالىيجاناب ئىش، بۇنى ھەرقانچە تەكىتلىسەكمۇ ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ.
سىستېمىلىق قاراشتا چىڭ تۇرۇش. تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، بىر تەرەپتىن، دەريا- ئېقىن، سۇلۇق يەر، چۆل ئېكولوگىيەسىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، قۇمنى تىزگىنلەش بىلەن سۇنى تىزگىنلەشنى ماسلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش؛ يەنە بىر تەرەپتىن، دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى باشقۇرۇش- تىزگىنلەشنى قاتتىق يولغا قويۇپ، رايونلار بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تۈزەشنى كۈچەيتىپ، مەمۇرىي رايونلار پاسىلىنى بۇزۇپ تاشلاپ، نۇقتا، لىنىيە، دائىرە بىرلەشتۈرۈلگەن ئېكولوگىيە مۇھاپىزەت تورى بەرپا قىلىش كېرەك.
تۈزەش مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈش. قۇم- بوران ھەرىكىتى كۆپ يۈزبېرىدىغان قۇملۇق گىرۋىكىدىكى رايونلاردا قۇملۇق گىرۋىكىنى قاشالاپ تۈزەشنى يولغا قويۇپ، ئىھاتە ئورمىنى ئوت- چۆپ بەلبېغى بەرپا قىلىپ، قۇملۇقنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنى توسۇش؛ بوستانلىق ئوراپ تۇرغان قۇم- بوران مەنبەسىدە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، قۇم- بوران زىيىنىنىڭ تەسىرىنى ئازايتىش؛ بوستانلىقنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سالا ئېتىز، ئورمان تورى كەمچىل جايلار ۋە قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تۈزەشتە ئاق قالغان رايونلاردا يوقىتىش جېڭىنى يولغا قويۇپ، ئومۇمىي ئېكولوگىيە- مۇھىتنى ياخشىلاشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
قۇمنى ئىلمىي تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇش. سۇ بايلىقىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، سۇ ئارقىلىق يېشىللىق كۆلىمىنى بېكىتىش، سۇ ئارقىلىق يەرنى بېكىتىش، سۇ ئارقىلىق ئادەمنى بېكىتىش، سۇ ئارقىلىق كەسىپنى بېكىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، سۇ بايلىقىنى ئەڭ چوڭ قاتتىق چەكلىمە قىلىش كېرەك. يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەندىزىسىنى ئىلمىي تاللاپ، ئورمان، ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ تىپى ۋە زىچلىقىنى مۇۋاپىق تەقسىملەپ، دەرەخ، چاتقال، ئوت- چۆپنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش ئورمان تورى، ئورمان بەلبېغى ھەم بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش بويىچە قۇملۇق گىرۋىكىنى قاشالايدىغان ئورمان، ئوتلاق بەلبېغى قاتارلىقلارنى بەرپا قىلىش كېرەك.
مۇھىمى كەڭ كۆلەمدە قاتنىشىشتا. ئاقسۇ كۆكيار چۆللۈكىنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىدا، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ نەچچە ئون يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەشنى داۋاملاشتۇرۇشى ئېگىلمەس- سۇنماس روھقا ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇزاق مۇددەتلىك تۈزەش جەريانىدا ئېكولوگىيە ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىش يولىنى تېپىپ چىققانلىقىدىن بولغان. مۇۋاپىق پايدىلىنىش ئالدىنقى شەرتىدە، كۆكەرتىش بىلەن بېيىشنى تەڭ تۇتۇشقا سىجىل تۈرتكە بولغاندىلا، كەڭ ئاممىنى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەشكە قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، دۆلەت زېمىنىنى كەڭ كۆلەمدە كۆكەرتىش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يېشىل ئېكولوگىيە توسۇقىنى مۇستەھكەملىگىلى بولىدۇ.
قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش بىر تۈرلۈك ئۇزاق مۇددەتلىك ھەم مۈشكۈل ۋەزىپە بولۇپ، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ كۈچ ئۇلاپ كۈرەش قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. بىر ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ، ئىشنى ئىشقا ئۇلاپ قىلىپ، «ئۈچ شىمال» قاتارلىق نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى بوشاشماي ئالغا سىلجىتقاندىلا، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە چوقۇم غەلىبە قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بىز بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ تۆھپىسىنى قوشقىلى بولىدۇ.