خوتەن ئەنئەنىۋى ياغاچ ئويما ھۈنىرىنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچى توغرىسىدا خاتىرە
22:43:28 2024-04-04 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل

 3- ئاينىڭ 23- كۈنى سەھەردە، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىدىكى خوتەن ناھىيەسىنىڭ باغچى بازىرى قەدىمىي شەھەر كەنتى ياغاچ ئويما ماشىنىسىنىڭ «غوڭۇلدىغان» ئاۋازى بىلەن يېڭى بىر كۈننى كۈتۈۋالدى. شىنجاڭ جۇڭشيۇ مەدەنىيەت- ساياھەت چەكلىك شىركىتىنىڭ ئېكولوگىيەلىك قول ھۈنەر- سەنئەت بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدا، ئوسمان مىجىت كۆتەكتە ئولتۇرۇپ، ئوڭ قولىغا كەكە ئېلىپ، سول قولىدا تەييارلانغان ياغاچنى چىڭ بېسىپ تۇرۇپ يونۇۋاتاتتى...

 بۇ يىل 67 ياشقا كىرگەن ئوسمان باغچى بازىرى دانىش كەنتىدىكى ياغاچ ئويما ئۇستىسى بولۇپ، يەتتە- سەككىز يىل ئىلگىرى، ياسىغان ياغاچ ئويما مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئانچە بازىرى چىقمىغاچقا، ئوسمان ئۆزىگە كۆپ يىل ھەمراھ بولغان كەكە، ئەگمە قىرغۇچ، ھەرە قاتارلىق «كونا بۇرادەر»لىرىنى يىغىۋېتىشكە مەجبۇر بولغانىدى. 2021- يىلى، ئوسمان تاشلاپ قويغىنىغا ئۇزاق بولغان ياغاچ ئويما ھۈنىرىنى قايتىدىن قولىغا ئېلىپ، كۈنلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزدى، تۇرمۇشى بارغانسېرى شېرىنلىككە تولدى. «مەن ياسىغان ياغاچ قوشۇق، ياغاچ چۆمۈچ مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلدى، بەزى مەھسۇلاتلار يەنە چەت ئەلگە سېتىلدى» دېدى ئوسمان.

 ئەنئەنىۋى ياغاچ ئويما ھۈنىرىنى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ جۇلالاندۇرغىلى بولىدۇ؟

 2020- يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئېرشات ئىبراھىم ئايالى دىلنۇر ئىسكەندەر بىلەن خوتەن تۇەنچېڭدا ساياھەت قىلىۋاتقاندا، ياڭاق ياغىچىدىن ياسالغان چۆمۈچنى كۆردى. «بىز ئۈرۈمچىدە شۇنچە ئۇزاق ئىزدىدۇق، ئويلىمىغان يەردىن خوتەندە سېتىۋالدۇق». دىلنۇر بىر تەرەپتىن شۇنداق دېگىنىچە بىر تەرەپتىن سىنغا ئېلىپ دوستلار چەمبىرىكىگە چىقاردى.

 «ئويلىمىغان يەردىن بۇ سىننىڭ كۆرۈلۈش دەرىجىسى ئاشتى، نۇرغۇن كىشى سۆز قالدۇرۇپ، قانداق سېتىۋالىدىغانلىقىنى سورىدى». دىلنۇر مۇنداق دېدى: تېگى تۇتۇۋالمايدىغان قازانغا ياغاچ چۆمۈچ ئىشلەتكەندە سۇۋالغۇ قەۋىتى زەخىملەنمەيدۇ، مەن ۋە ئەتراپىمدىكى دوستلىرىمنىڭ ھەممىسى بەك ياقتۇردۇق، شۇنچە كۆپ ئادەم سورىغان بولغاچقا، ئالدى بىلەن بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىپ بېقىشنى ئويلىدىم. ئارقىدىن ئەر- خوتۇن ئىككىمىز ھۈنەرۋەنلەرنى ئىزدەش، خوتەننىڭ ياغاچ ئويما ھۈنىرىنى چۈشىنىش سەپىرىنى باشلىدۇق.

 ئۈچ ئاي ۋاقىتتا، ئېرشات ئەر- خوتۇن خوتەن شەھىرى، خوتەن ناھىيەسى، قاراقاش ناھىيەسى، لوپ ناھىيەسى، چىرا ناھىيەسىدىكى بارلىق يېزا- بازار، كەنتلەرنى دېگۈدەك ئايلىنىپ چىقىپ، تارىخى ئۇزاق بولغان خوتەن ياغاچ ئويما ھۈنىرىنىڭ ئىلگىرى ئىزچىل تۈردە شۇ جايدىكى ھۈنەرۋەنلەرنىڭ تىرىكچىلىك قىلىشىدىكى ئاساسلىق ۋاسىتىلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، ئەمما مەھسۇلات ھەم سېتىش يولىنىڭ بىرلا خىل بولۇشى سەۋەبىدىن بۇ كەسىپنىڭ سۇسلاپ قالغانلىقىنى، تىرىكچىلىك ئۈچۈن نۇرغۇن ھۈنەرۋەننىڭ كەسىپ ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى، ئەنئەنىۋى قول ھۈنىرىنىڭ يوقىلىپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغانلىقىنى بايقىدى.

 ھۈنەرۋەنلەرنى زىيارەت قىلىش، مال مەنبەسىنى ئىزدەش جەريانىدا، ئېرشات ياغاچ قاچىنىڭ شۇ جايدا «ئاياق» دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى، باغچى بازىرىدا بىر «ياغاچ قاچا كەنتى» بارلىقىنى، شۇ جايدىكى ھەممە ئائىلىنىڭ ياغاچ قاچا، ياغاچ قوشۇق ياساش بىلەن تىرىكچىلىك قىلىدىغانلىقىنى، بۇ ياغاچ ئويما ھۈنەرۋەنلىرىنىڭمۇ شۇ جايدىكىلەر تەرىپىدىن «ئاياقچى» دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى بىلدى. ئوسمان دەل ئېرشات «كەپىگە ئۈچ قېتىم بېرىپ تەكلىپ قىلىپ» ئەكەلگەن «ئاياقچى» ئىدى.

 2021- يىلىنىڭ بېشىدا، ئېرشات شىنجاڭ جۇڭشيۇ مەدەنىيەت- ساياھەت چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ، خوتەن ۋىلايەتلىك (شەھەرلىك) ئېلېكتىرونلۇق سودا ئاممىۋى مۇلازىمەت مەركىزىگە ماكانلاشتى، مەركەزدىكى خىزمەتچى خادىملار ئۇلارغا ياردەملىشىپ تىجارەت كىنىشكىسى بېجىرىپ بەردى، ئىشخانا بىلەن تەمىنلىدى، ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە تەربىيەلەش ئوقۇتقۇچىسى ئۇلارنى دوۋيىندا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىش، قىسقا سىن ئىشلەش، مەھسۇلاتلارنى سېرىق مال جازىسىغا چىقىرىش قاتارلىق جەھەتلەردە بىرگە بىر ئەمەلىي مەشغۇلات ماھارىتى بويىچە تەربىيەلىدى. «ئۇ چاغدا، بىز دوۋيىن ھېسابات نومۇرىنى ئەنگە ئالدۇرۇپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش ئارقىلىق ياڭاق ياغىچىدا ياسالغان ياغاچ قاچا، ياغاچ قوشۇق، دۆشە قاتارلىق ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر بۇيۇملىرىدىن ھەر كۈنى 200- 300 زاكاز ئالاتتۇق» دېدى ئېرشات ئەسلەپ.

 بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇپ سېتىش ئىشلىرى تەدرىجىي ئىزىغا چۈشتى، لېكىن يېڭى مەسىلىلەرمۇ كۆرۈلۈشكە باشلىدى.

 ئېرشات مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ھەربىر ياغاچ ئويما مەھسۇلاتىنى ياساشقا ياغاچنى يونۇشتىن شەكىلگە كەلتۈرۈشكىچە ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىت كېتىدۇ، ئادەتتە كېسىپ تەييارلىۋالغان ياغاچ سايىدە تەبىئىي ھالدا بىر يىل قۇرۇتۇلغاندىن كېيىن، ئىستانوكتا قىرىلىپ، ئاندىن ماي سۈركىلىپ، سايىدا قۇرۇتۇلىدۇ. ئۈچ ئاي بىۋاسىتە كۆرسىتىشتە، بىز تونۇش ھۈنەرۋەنلەرنىڭ ئۆيىدىكى زاپاس ماللارنى سېتىپ تۈگەتتۇق، مال مەنبەسىنى تولۇقلاشقا ئىككى- ئۈچ ئاي ۋاقىت كېتەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە سېتىۋالغان بەزى مەھسۇلاتلار سۈپەت ئۆتكىلىدىن ئۆتەلمىگەچكە، خېرىدارلار ئىشلىتىش جەريانىدا يېرىلىش، شەكلى ئۆزگىرىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلدى، شۇڭا بىز تېلېفون بېرىپ چۈشەندۈرۈپ، قايتىدىن مال سېلىپ بەردۇق. «ئۇ چاغدا بىز ئىشنى مەنبەدىن باشلاپ، خام ماتېرىيالنى ئۆزىمىز يىغىپ، ئۆزىمىز پىششىقلاپ ئىشلەپ سېتىشقا بەل باغلىدۇق» دېدى ئېرشات.

 2021- يىلى 7- ئايدا، ئېرشات باغچى بازىرى بازاربويى كەنتىدە تۇنجى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇپ، لايىھەلىگۈچى، سېتىش خادىمى ھەم ئالتە نەپەر ياغاچ ئويما ھۈنىرى ۋارىسىنى تەكلىپ قىلدى. ياغاچ قاچا، ياغاچ قوشۇق، ياغاچ چۆمۈچ، دۆشە، ياغاچ تەخسە، تەڭنە، دورا- دەرمەك قۇتىسى، چاي قۇتىسى... ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، مەھسۇلات تۈرىمۇ ئىلگىرىكى تۆت خىلدىن كۆپىيىپ، تۆت چوڭ تۈر بويىچە 20 خىلدىن ئاشتى. بازىدا ئىشلەپچىقىرىلغان تۈرلۈك مەھسۇلاتلارنىڭ سېتىلىشىنىڭ كۈندىن- كۈنگە جانلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئېرشات ماركىنى ئەنگە ئالدۇرۇشنى قارار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن «جەمبول . زۈركى» (“和核木睦·祖尔琪”) ماركىسى بارلىققا كەلدى.

 «بۇ ماركىنىڭ نامى بەك ئۇزۇن ئىكەن، خېرىدارلار ئېسىدە تۇتالامدۇ...»

 «<和核木> دېگەن سۆز خوتەننىڭ ياڭاق ياغىچىدىن ياسالغان دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، <睦> دېگەن سۆز ھەر مىللەت ئېجىل- ئىناق ئۆتۈش دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇنىڭغا <祖尔琪> − سىڭلىمنىڭ ئىسمى(زۈركىيە) قوشۇلۇپ، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولدى». سوراپ بولغۇچە، ئېرشات پەخىرلەنگەن ھالدا چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ماركا يارىتىش ئارقىلىق، ياغاچ ئويما ھۈنىرىدىن ئىبارەت بۇ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى جانلاندۇرۇشنى، ئىشلىتىشنى، ۋارىسلىق قىلىشنى ئويلىدۇق». 

 ئېرشات ياغاچ ئويما ھۈنىرى مەھسۇلاتلىرىنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھۈنەرۋەنلەرنى باشلاپ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، ئەتلەس گۈل نۇسخىلىرىنى ياغاچ تەخسە، ياغاچ قاچىلارغا ئويۇپ چىقتى؛ خېرىدارلارغا ھەربىر ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر ئۇستىلىرىنىڭ ھۈنەرۋەن روھىنى ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن، يەنە قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى ياسىغۇچىنىڭ ئىسمىنى ھەربىر ياغاچ بۇيۇمغا ئويۇپ بەردى؛ ھەر كۈنى ئۈچ- تۆت سائەت بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، مەھسۇلاتنىڭ ياسىلىش جەريانى، ئىشلىتىلىش ئالاھىدىلىكىنى كۆڭۈل قويۇپ چۈشەندۈردى. ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ھەر كۈنى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش سوممىسى 20 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولدى، ئەڭ ياخشى بولغاندا 40- 50 مىڭ يۈەنگە يەتتى، ئىشلەپچىقىرىلغان تۈرلۈك ياغاچتىن ياسالغان بۇيۇملار شىنجاڭنىڭ ئىچى- سىرتى ھەم ئامېرىكا، گېرمانىيە، ئاۋسترالىيە، كورېيەلەرگە سېتىلدى.

 «بىز 28 كىشىدىن تەركىب تاپقان كوللېكتىپنىڭ ھەر كۈنى بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز ھۈنەرۋەنلەرنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش، ئانچە تونۇلمىغان بۇ ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىكنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈندۇر» دېدى دىلنۇر.

 ھازىر، دەل ياڭاق دەرىخىنى ئەتىيازلىق پەرۋىش قىلىشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلى، ئېرشات يەنە يېڭى ئالدىراشچىلىقنى − خام ماتېرىيال سېتىۋېلىشنى باشلىدى. «بۇ يىل 1000 توننىدىن ئارتۇق ياڭاق ياغىچىنى تەييارلايمىز، بۇ، ئۆتكەن ئۈچ يىلدىكى خام ماتېرىيال ئومۇمىي يىغىندىسىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىنمۇ كۆپ» دېدى ئېرشات.

 كەلگۈسىگە قارىتا، ئېرشاتنىڭ نۇرغۇن ئويى بار: ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، خوتەنگە ساياھەتكە كەلگەن ساياھەتچىلەرگە قەدىمىي ھۈنەر- سەنئەتنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ھېس قىلدۇرۇش.

 باھاردىكى قەدىمىي شەھەر كەنتىدىن سېغىز توپىنىڭ پۇرىقى تارقىلىپ تۇراتتى. بۇلتۇر 3- ئايدا قۇرۇلغان ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا كىرگەندە، ئارقا ھويلىغا يېڭىلا سېتىۋالغان ياڭاق ياغىچى ماتېرىيالى دۆۋىلەنگەن بولۇپ، سايىدىتىپ قۇرۇتۇش ئۆيىدە كېسىپ تەييارلاپ قويۇلغان دۆشە رەتلىك تىزىپ قويۇلغانىدى. شۇ تاپتا، ئۆرۈك دەرىخى ئالدىدىكى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش ئاۋازى، ھەرىدىن چىققان ئاۋاز، ئەگمە قىرغۇچتىن چىققان قىرىش ئاۋازى قوشۇلۇپ، ئىناق، بەختلىك بىر مەنزىرىنى ھاسىل قىلغانىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125