ياد ئېتىش تېخىمۇ ياخشى ئالغا ئىلگىرىلەش ئۈچۈن
01:39:49 2024-04-06 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ياد ئېتىش تېخىمۇ ياخشى ئالغا ئىلگىرىلەش ئۈچۈن

جاڭ بېي

 يېشىل تاغلارغا ساداقەتمەن مەردانىلەرنىڭ جەسىتى كۆمۈلگەن، گۈل ئارقىلىق ئىنقىلابىي قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈلدى. ئەجدادلارغا تەزىيە بىلدۈرىدىغان، ئەجدادلارنى ياد ئېتىدىغان چىڭمىڭ بايرىمىدا، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى تەشكىللەپ كۆپ خىل شەكىلدىكى «روھنى تاۋلاش . 2024 . چىڭمىڭدا ئىنقىلابىي قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش» باش تېمىسىدىكى تەشۋىق- تەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى.

 يىللارنىڭ ئۇزاق ئېقىنىدا، سانسىزلىغان ئىنقىلابىي قۇربانلار قان تۆكۈپ قۇربان بېرىپ، ئالدىنقىلار يىقىلسا، كېيىنكىلەر ئىز بېسىپ، مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، دۇنيا تىنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن باتۇرلارچە ئۆزىنى بېغىشلىدى، ئۇلار ئىسسىق قېنى بىلەن غايىسىنى سۇغىرىپ، ھاياتى ئارقىلىق ئېتىقادىنى قوغداپ، ئۆچمەس مەنىۋى ئابىدىلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. ياد ئېتىش ئەستە ساقلاش ئۈچۈندۇر، تېخىمۇ مۇھىمى، ۋارىسلىق قىلىش ئۈچۈندۇر. ھەر قېتىملىق ئىنقىلابىي قۇربانلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈشنىڭ ھەممىسى ئەسلىي مەقسەتنى سۈرۈشتۈرۈش، شۇنداقلا روھنى ئويغىتىش بولۇپ، كېيىنكىلەرنى غايە- ئېتىقادنى چىڭىتىپ، تارىخنىڭ كۈچ ئۇلاش تايىقىنى ئېلىپ جاسارەت بىلەن ياخشى يۈگۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ.

 بۇ يىل يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، شۇنداقلا «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان- ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل، قۇربان بولغان قەھرىمانلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئەسلەش، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلىش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يېڭى مۇساپىدە ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش بىر تۈرلۈك مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىجادىي ئىش، مۇقەررەر ھالدا مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان ۋە مۆلچەرلەش قىيىن بولغان تۈرلۈك خەۋپ- خەتەر، خىرىس، جاپا- مۇشەققەت، توسالغۇلارغا، ھەتتا دەھشەتلىك دولقۇنغا دۇچ كېلىمىز، جەزمەن كۈچلۈك ئىرادە ۋە توختىماي ئىلگىرىلەيدىغان جاسارەت بىلەن ئۇنىڭغا يۈزلىنىشىمىز، ئۇنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىشىمىز كېرەك. يېڭى ئۇلۇغ ئىشلارنى يارىتىشتا، بىز ئىنقىلابىي قۇربانلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش يەلكىنىنى ئېگىز چىقىرىپ، خەۋپ- خەتەر ۋە توسالغۇلاردىن قورقماي، دولقۇن يېرىپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك، مانا بۇ «بىر دەۋر كىشىلىرىنىڭ شۇ دەۋر كىشىلىرىگە خاس بۇرچى بولىدۇ، بىر دەۋر كىشىلىرىنىڭ شۇ دەۋر كىشىلىرىگە خاس مەسئۇلىيىتى بولىدۇ»نىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى.

 ياد ئېتىش تېخىمۇ ياخشى ئالغا ئىلگىرىلەش ئۈچۈن. ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ئەڭ ياخشى خاتىرىلەش دەل ئەجدادلار ياراتقان ئىشلارنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش.

 («سۆز ھەممىگە» ماقالە ئەۋەتىش پوچتا ساندۇقى: xjrbplb@126.com)

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125