كوزىچى يار بېشىغا يوشۇرۇنغان «ھۈنەرۋەن ئارزۇسى»
02:09:48 2024-04-06 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

كوزىچى يار بېشىغا يوشۇرۇنغان «ھۈنەرۋەن ئارزۇسى»

− 2023- يىللىق «جۇڭگونىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بويىچە يىللىق شەخس» نامزاتى تۇرسۇن رۇستەم توغرىسىدا

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يىن لۇ

 «مېنىڭ نەزەرىمدە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ جېنى بار، خۇددى بىز ھەربىر ئادەم بىر- بىرىمىزگە ئوخشىمىغاندەك بىر- بىرىگە پۈتۈنلەي ئوخشىشىپ كېتىدىغىنى يوق...» باھاردىكى چىڭقى چۈشتە، پىژغىرىم ئاپتاپنى ھېس قىلغىلى بولاتتى. قەشقەر كوزىچى ياربېشى مەنزىرە رايونىدا، 71 ياشلىق پېشقەدەم ھۈنەرۋەن تۇرسۇن رۇستەم يېرىلىپ كەتكەن قوللىرى بىلەن ساپال بۇيۇملىرىنى ياسايدىغان تەگلىكتىكى شەكىلگە كىرىپ بولغان خام ساپال بۇيۇمنى سىلاپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى.

 ساپال بۇيۇملار تۇرسۇننىڭ بالىلىق چاغلىرىدىكى ھەمراھى، ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى خۇشاللىقى، ۋارىسلىق قىلىشتىكى مەسئۇلىيىتى، شۇنداقلا كىشىلىك ھاياتىنىڭ نەتىجىسى. ساپال بۇيۇمى ياساش ھۈنەر- سەنئىتىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ئۇنى ئاتا- بوۋىلىرىغا ئەگىشىپ كېلىپ لاي ئوينايدىغان بالىدىن دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قېلىپتا ياساش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ساپال بۇيۇملارنى پىشۇرۇش ھۈنەر- سەنئىتىنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك ۋەكىللىك ۋارىسىغا ئايلاندۇردى. يېقىندا، ئۇ 2023- يىللىق «جۇڭگونىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بويىچە يىللىق شەخس» 100 نامزات تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

 ساپال بۇيۇملار سېغىز توپا ياكى سېغىز توپىغا باشقا ماددىلارنى قوشۇپ سۇ بىلەن ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن، شەكىلگە كەلتۈرۈش، قۇرۇتۇپ بولۇپ قايتا پىشۇرۇش ئارقىلىق ياسىلىدۇ، ئۇ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ كونا تاش قوراللار دەۋرىدىن يېڭى تاش قوراللار دەۋرىگە تەرەققىي قىلغانلىقىنىڭ بەلگىلىرىدىن بىرى بولۇپ، زور تېخنىكا ئۆزگىرىشى ھېسابلىنىدۇ. بارلىققا كەلگەندىن بۇيان، ئوخشاش بولمىغان رايونلاردا ياشاۋاتقان كىشىلەر ئۆز جايىنىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ مەدەنىيەت خاسلىقىغا ئىگە ساپال بۇيۇملارنى يارىتىپ، بۇ تۈرلۈك قول ھۈنەرۋەنچىلىك ھۈنەر- سەنئىتىنىڭ ۋارىسلىق قىلىنىشى، تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ كەلدى.

 قەشقەر شەھىرىدىكى كوزىچى ياربېشىغا كېلىپ، تۇرسۇننىڭ ساپال قول ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكىنىغا كىرگەندە، كىشى خۇددى «لاي دۇنياسى»غا كىرىپ قالغاندەك تۇيغۇدا بولاتتى، تۇرالغۇ، ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكىنى ۋە ئادەملەر ئارىسىدا خۇددى بىر خىل ئوخشاش جەزبىدارلىق: سالماقلىق، ئاددىيلىق، ساددىلىق باردەكلا ئىدى.

 بىر پارچە لاينى ئېلىپ، ئاستا ئايلىنىۋاتقان ساپال بۇيۇمى ياساش تەگلىكىگە قويۇپ، ئىككى قول بىلەن سىلاپ، ئۇنىڭدا سىپتا سىزىقلارنىڭ پەيدا بولۇشىنى كۈتۈش... مېڭ تىڭتىڭ كىچىك ياغاچ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، تۇرسۇننىڭ مەشغۇلاتىغا جىمجىت قاراپ تۇراتتى.

 «بۇ يىل ئانىلار بايرىمىدا مەن ئاپامغا قەشقەردىن ئېلىپ كەلگەن سوۋغاتنى سوۋغا قىلىمەن، بۇ ساپال بۇيۇملار ئىنتايىن ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئىكەن.» مېڭ تىڭتىڭ خېنەن جېڭجوۋدىن شىنجاڭدىكى تۇنجى باھارغا ئۈلگۈرۈپ كەلدى، ساپال بۇيۇملار ئۇنىڭغا بالىلىق چاغلىرىدا ئاپىسىنىڭ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ ساپال سەنئىتى دەرسىگە قاتناشقان كۈنلىرىنى ئەسلەتتى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرالمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلاندۇردى. تۇرسۇننىڭ كۆڭۈل قويۇپ ئىشلىگەن تۇرقى ئۇنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى، «بۇ ساپال بۇيۇمنىڭ بارلىققا كېلىش جەريانىدىن مەن كۆرمىگىلى ئۇزاق بولغان ھەم قىممەتلىك بىر خىل ھۈنەرۋەن روھىنى كۆرگەندەك بولدۇم».

 ئۇزاق مەزگىللىك تاۋلىنىش ۋە ئەمەلىيەت داۋامىدا، تۇرسۇن ياسىغان ساپال بۇيۇملارنىڭ رەڭگى، نەقىشلىرى، گۈل نۇسخىلىرى ئىچكى جەھەتتە ئۇنىڭ قەلبىگە پۈتۈنلەي سىڭىپ كەتتى. ئۇ ئەزەلدىن رەسىمىنى سىزىپ، نۇسخىسىنى چىقىرىۋالمايتتى، ئۆزىنىڭ قولى، مېڭىسى، قەلبىنىڭ بىر گەۋدە ئىكەنلىكىگە ئىشىنەتتى، «پۈتۈنلەي تۇيغۇم ۋە تەجرىبەمگە تايىنىپ، ياسىماقچى بولغان شەكىلنى ياساپ چىقالايمەن.» ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ خىل ئىلھام كىچىكىمدىن توپلانغان، دادام ماڭا مۇنداق دېگەن: ساپال قول ھۈنەرۋەنلىرى ئىشلىتىدىغان تەييار نەقىش نۇسخىلىرى توپلىمى يوق، ئۆزۈڭگە تەئەللۇق بولغان بىرەر نەتىجە قازانماقچى بولساڭ، كۆزۈڭ بىلەن ئەتراپتىن ئىزدەپ، بايقىشىڭ كېرەك.

 شۇنىڭ بىلەن ساپال بۇيۇملارنى ياسىغاندىن باشلاپ، تۇرسۇن كۆزىتىشكە تايىنىپ ئىجادىيەت خام ماتېرىيالى ئىزدىدى. ئۇ دەريا بويىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ سۇ ئېقىنلىرىدىكى سىزىقلارنى، بېلىقلارنىڭ ئۈزۈپ يۈرگەن ھالىتىنى كۆردى، ئورمانلىقتا تۇرۇپ ھەر خىل دەرەخ يوپۇرماقلىرىنىڭ شەكلىنى كۆردى، رەڭگى، شەكلى ئوخشاش بولمىغان گۈل بەرگىلىرىنى يىغىپ بىرىكتۈرۈشنى سىناپ باقتى، ئۈزۈم، قاپاق، بۇغداي باشىقى قاتارلىقلارنى ئۈزۈپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ سىرتقى شەكىل ئالاھىدىلىكىنى تەتقىق قىلدى.

 «بىر ساپال بۇيۇمدا، نەقىش كۆپ ئورۇن ئىگىلىمىسىمۇ، بىراق كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ، جان كىرگۈزۈش رولىنى ئوينايدۇ. شۇڭا مەن پەقەت پۈتۈن زېھنىم بىلەن بېرىلىپ ئىشلىسەملا، ئاندىن خېرىدارلارنى رازى قىلالايمەن.» تۇرسۇننىڭ ھېس قىلىشىچە، ساپال بۇيۇملارنىڭ جەزبىدارلىقى ئاددىيلىقىدا، ئۇنىڭ ئىقتىدارى ئەمەلىي ئىشلىتىشچانلىقىدا ئىكەن، نەقىشلەردە مۇرەككەپ قىلىۋەتمەي، ئاددىيراق قىلىپ، نۇسخىنىڭ كۆركەملىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، گۈزەل مەنىلەرنى ئىپادىلىسىلا بولىدىكەن.

 تۇرسۇننىڭ قول ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكىنىدا 70 نەچچە خىل تۇرمۇش بۇيۇمى ۋە بېزەك بۇيۇمى ياسىلاتتى، كومزەك، چۆگۈن، تەخسە، قاچا، لوڭقا، ئىدىش، داس، چىراغ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بار ئىدى.

 خام ساپال بۇيۇم ياساش، نەقىش ئويۇش، ئاپتاپقا سېلىپ قۇرۇتۇش، ئېماللاش، پىشۇرۇش، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، تۇرسۇن يەنىلا ئاتا- بوۋىلىرىدىن قالغان ساپال بۇيۇم ياساش قەدەم- باسقۇچلىرى ۋە قائىدىلىرىدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى، سېغىز تۇپا تاللاش، ئاپتاپقا سېلىش ۋاقتى، ئېماللاش ئۇسۇلى، پىشۇرۇش تەرتىپلىرىدە ئىشنى ئۈلگۈرتۈش ئۈچۈن قىلچىمۇ ئەپلەپ- سەپلەپ ئۆتكۈزۈۋەتمىدى، ئۇ شاگىرتلىرىغا تاپىلايدىغان ئەڭ مۇھىم بىر جۈملە سۆز «ئىشنى ئەپلەپ- سەپلەپ قىلىشقا بولمايدۇ» ئىدى.

 ئون نەچچە يىل ئىلگىرى تۇرسۇن ساپال ئەسەرلىرىنى جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ كۆرگەزمە سۇپىسىغا ئېلىپ چىققاندىن بۇيان، ئۇنىڭ بۇ ساھەدىكى ئابرۇيى بارغانسېرى ئۆستى، نۇرغۇن ھەۋەسكارلار ئۇنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ ھۈنەر ئۆگەنگىلى كېلىدىغان بولدى.

 «مەن كۆپ ئوقۇمىغان بولساممۇ، بىراق ۋارىسلارنىڭ بۇرچىنى بىلىمەن، پارتىيە ۋە دۆلەت ماڭا شان- شەرەپ بەردى، شۇنداقلا ماڭا مەسئۇلىيەت يۈكلەندى، مەن كۆپرەك ۋاقتىمنى شاگىرت تەربىيەلەشكە سەرپ قىلسام دەيمەن، ئۇلار ئۆگىنىۋالسا جېنىنى باقالايدۇ، شۇنداقلا ھۈنىرىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ئۆگىتەلەيدۇ.» كۆپ يىللاردىن بۇيان، تۇرسۇن قول ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكىنى ۋە قارار- قارار ۋارىسلارنى تەربىيەلەش كۇرسىدا نەچچە ئون شاگىرت تەربىيەلەپ چىقتى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى يەنە نۇرغۇنلىرى بېيجىڭ، شەنشى، فۇجيەن، جېجياڭ قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن. ۋارىسلىق قىلىش قەدەم ئىزلىرى بارغانسېرى يىراقلارغا تارقىلىپ، ئۇنىڭغا بۇ «كونا ھۈنەر»نىڭ يېڭى ئۈمىدىنى ھېس قىلدۇردى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125