چىڭمىڭ مەزگىلىدە، ھەرقايسى جايلار مول، رەڭدار مەدەنىيەت- ساياھەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزدى
23:17:40 2024-04-06 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

باھار سەيلىسى قىلىپ، باھار مەنزىرىسى، خەلق ئۆرپ- ئادىتىدىن ھۇزۇرلىنىش

4- ئاينىڭ 5- كۈنى، ساياھەتچىلەر كۈنەس ناھىيەسىنىڭ نارات ئۆرۈك چېچىكى جىلغىسىنىڭ ئىچكىرىسىدە ئات مىنىپ سەيلە قىلماقتا. چىڭمىڭ مەزگىلىدە، نارات ئۆرۈك چېچىكى جىلغىسىدىكى ئوت- چۆپلەر، دەل- دەرەخلەر بىخ سۈرۈپ، 30 مىڭ مودىن ئارتۇق يەردىكى ئۆرۈك چېچەكلىدى، بۇ، ئۆزگىچە باھار مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، جاي- جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. جاڭ ۋېنتىڭ فوتوسى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ شياۋمى،جاۋ مېي، سۇڭ خەيبو

 ئوت- چۆپلەر، دەل- دەرەخلەر بىخ سۈرۈپ، باھار گۈزەل تۈسكە كىردى. چىڭمىڭ مەزگىلىدە، ھەرقايسى جايلار مول، رەڭدار مەدەنىيەت- ساياھەت بايرىمى ھەم خەلق ئۆرپ- ئادەت مەدەنىيىتى پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، سەرخىل ساياھەت لىنىيەلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، شىنجاڭ ئىچى- سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى، كىشىلەر خەلق ئۆرپ- ئادىتىنى ھېس قىلىش، دانىشمەنلەرنى ياد ئېتىش بىلەن بىللە، مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تەبىئەتكە كىرىپ باھارغا قۇچاق ئېچىپ، ئۆزگىچە دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئۆتكۈزدى.

 4- ئاينىڭ 5- كۈنى، 15- نۆۋەتلىك جۇڭگو كۈنەس . نارات ئۆرۈك چېچىكى مەدەنىيەت- ساياھەت پەسلى كۈنەس ناھىيەسى نارات ئۆرۈك چېچىكى جىلغىسى مەنزىرە رايونىدا باشلاندى. ئۆرۈك چېچىكى، ئاق زەپە، ئاق چېچەكلىك ماگنولىيە، شىرىشگۈل، يەسىمەن گۈلى قاتارلىقلار ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئارقا- ئارقىدىن ئېچىلىدۇ، ساياھەتچىلەر گۈل سەيلىسى قىلغاندىن باشقا، يەنە تۈرلۈك باش تېمىلىق مەدەنىيەت- ساياھەت پائالىيەتلىرىگە قاتناشسا بولىدۇ.

 «بۇ يىل ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى گۈل سەيلىسى ساياھىتىدە دىققەتنى <پۈتۈن پەسىل + پۈتۈن ۋاقىت + پۈتۈن ياش + پۈتۈن كەسىپ>كە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت ـ ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى پۈتۈنلەي يېڭىلاپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ناخشا كېچىلىكى، مۇزىكا باش تېما پائالىيىتى، ئاپتوموبىل كوزۇپى قەرەللىك بازىرى،غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بىۋاسىتە كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش، فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، نۇقتا ئارقىلىق لىنىيەنى يېتەكلەپ دائىرىنى كېڭەيتىپ، ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى. چىڭمىڭ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىلا، ئۈچ جاي ئۆرۈك چېچىكى پەسلى پائالىيىتىنى ئۆتكۈزدى.» ئىلى ئوبلاستلىق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ چۇنمىڭ مۇنداق دېدى: دەم ئېلىشنىڭ بىرىنچى كۈنى، ئىلى ئوبلاستى كۈتۈۋالغان دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەتچى 238 مىڭ 200 ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.92 ئاشتى؛ ئىشقا ئاشۇرۇلغان ساياھەت كىرىمى 159 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %57.64 ئاشتى.

 شەرق شامىلىدىن پايدىلىنىپ لەگلەك ئۇچۇرۇش. چىڭمىڭ بايرىمى مەزگىلىدە، تۇرپان شەھىرىنىڭ يالقۇنتاغ مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرنى لەگلەك، نۇر، تۆمۈر ھالقا قاتارلىق «ئويۇنچۇقلار» بىلەن تەمىنلەپ، ساياھەتچىلەرنى بەس- بەستە كېلىشكە جەلپ قىلدى. «4- ئاينىڭ 4- كۈنى، مەنزىرە رايونىمىز 6000 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىرقەدەر زور دەرىجىدە ئاشتى» دېدى يالقۇنتاغ مەنزىرە رايونى ئۇنىۋېرسال ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋېڭ زېمىن.

 شايار ناھىيەسى، سانجى شەھىرى، توقسۇ ناھىيەسى قاتارلىق جايلارمۇ «چىڭمىڭدا سېغىنىش ھېسسىياتىنى يەتكۈزۈش . ئەپچىل قولدا لەگلەك ياساش» رەڭلىك لەگلەك ھەم لەگلەك ئۇچۇرۇش تەكلىپ مۇسابىقىسى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئارقا- ئارقىدىن ئۆتكۈزۈپ، ساياھەتچىلەرنى ئۆز قولى بىلەن لەگلەك ياساش، لەگلەك ئۇچۇرۇش، باھار مەنزىرىسىنى تەڭ ساياھەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

 باھار سەيلىسى قىلىپ چېچەكتىن ھۇزۇرلىنىشتىن باشقا، شىنجاڭنىڭ باھار پەسلىدە مەخسۇس تەمىنلىنىدىغان ساياھەت مەھسۇلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، «چىڭمىڭ + قار تېيىلىش» ئۆزىگە خاس «ئالقىشلىق» ئالاھىدىلىككە ئىگە بولدى. ئالتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە- رادىيو- تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ۋاڭ شىنخۇي مۇنداق دېدى: «چاڭغا تېيىلىش بىزنىڭ ھازىرقى ئەڭ ئۆزگىچە ساياھەت مەھسۇلاتلىرىمىزنىڭ بىرى، نۆۋەتتە، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى تۆت چاڭغا تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىنىڭ ھەممىسى تىجارەت قىلىۋاتىدۇ. 4- ئاينىڭ 4- كۈنى، كۆكتوقاي خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىدا چاڭغا تېيىلغان ئادەم سانى 5100 ئادەم قېتىمدىن ئاشتى، تۆت ئىستىراھەت رايونىغا شۇ كۈنى 10 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېقىن ساياھەتچى كىردى».

 چىڭمىڭ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، گۇاڭدۇڭ شۆليەن تەنتەربىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى چېن جيەنئەن شېنجېن، شاڭخەيلىك 320 نەپەر چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارىنى شىنجاڭغا كېلىپ چاڭغا تېيىلىشقا تەشكىللىدى، ئۇلار 4- ئاينىڭ 6- كۈنى قايتىدۇ. «دۆلەت ئىچىدىكى چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئەتىياز پەسلىدە ئالتايغا كېلىپ چاڭغا تېيىلىشنى ئېتىراپ قىلىش دەرىجىسى ۋە ياقتۇرۇش دەرىجىسى بارغانسېرى ئاشتى، بۇ يىل چىڭمىڭ بايرىمىدا چاڭغا تېيىلىش ئۆمەكلىرى يېرىم ئاي بۇرۇنلا تولۇق تىزىملىتىپ بولدى» دېدى چېن جيەنئەن.

 توپ تېپىش، كۆكتات- گۈرۈچ كۇمىلىچى يېيىش، ئەجدادلارغا ئىززەت- ئىكرام بىلدۈرۈش، لەگلەك ياساش... چىڭمىڭ بايرىمىغا زادى قانچىلىك ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت يوشۇرۇنغان؟ شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇزېيلار بەس- بەستە چىڭمىڭ يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى يولغا قويۇپ، ھەرقايسى جايلاردىكى ئامما ۋە ساياھەتچىلەرگە تارىخ تومۇرىنىڭ سوقۇشىنى ھېس قىلدۇرۇپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى بېيىتتى.

 چىڭمىڭ بايرىمى ھارپىسىدا، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق مۇزېي غۇلجا شەھىرىدىكى خەن مەلىكىسى خاتىرە سارىيى بىلەن بىرلىشىپ، «شامال چىقىپ دەل چىڭمىڭ بايرىمى كەلدى، چېچەكلەر تۆكۈلۈپ ھاۋا بارغانسېرى ئىللىشقا باشلىدى» تېمىسىدىكى تەتقىق قىلىش، ئۆگىنىش جەمئىيەت تەربىيەسى پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، سەككىز ياشتىن 12 ياشقىچە بولغان كىچىك پىدائىيلارنى سۆگەت تېلى تىكىش، توپ تېپىش، كۆكتات- گۈرۈچ كۇمىلىچى يېيىش قاتارلىق چىڭمىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرپ- ئادەتلىرىنى چۈشىنىش ھەم ھېس قىلىشقا تەشكىللىدى.

 «چىڭمىڭ بايرىمى يەنە <سۆگەت بايرىمى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، چىڭمىڭ بايرىمىدا سۆگەت تېلى تىكىش، سۆگەت تېلى تاقاش ئادىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. سۆگەتنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، خەلق ئارىسىدا سۆگەت تېلى تىكىش ۋابانى تۈگىتىپ يامان ئىشلاردىن ساقلىنىش، سۆگەت تېلى تاقاش، ياشلىق باھارىنى ساقلاپ قىلىش ۋە ئۇرۇق- تۇغقانلىرىنى ئېلىپ قىلىش دېگەن گۈزەل مەنىگە ئىگە» دېدى ئىلى ئوبلاستلىق مۇزېينىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى ۋاڭ شۆ.

 چىڭمىڭ بايرىمىدىكى ئۆرپ- ئادەتلەرنى تونۇشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، مۇزېي خىزمەتچىلىرى يەنە كىچىك پىدائىيلارنىڭ سۆگەت تېلىدىن چەمبىرەك ياساپ ئۆزئارا سوۋغا قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، كۆپچىلىكنى كۆكتات- گۈرۈچ كۇمىلىچىنى بۆلۈشۈپ يېيىشكە تەشكىللەپ، توپ تېپىش مۇسابىقىسىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇلارغا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ھېس قىلدۇردى.

 4- ئاينىڭ 4- كۈنى، قومۇل شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى مۇزېي يۇرتى «زو زۇڭتاڭنى تەتقىق قىلىش- ئۆگىنىش بىر كۈنلۈك ساياھەت پائالىيىتى»نى يولغا قويۇپ، 30 ئوقۇغۇچىنى زو زۇڭتاڭ مەدەنىيەت باغچىسىغا كىرىپ، زو زۇڭتاڭنىڭ قوشۇن باشلاپ شىنجاڭنى قايتۇرۇۋالغانلىقى ھەم شىنجاڭنى ئۆلكە قىلىپ قۇرۇشقا تۈرتكە بولغانلىقىدەك تارىخىي ئۇلۇغ ئىشنى ئىگىلەشكە تەشكىللىدى. «بىز ھەقىقىي ئادەم تەپسىلىي بايان قىلىش شەكلى ئارقىلىق، تارىخىي مەنزىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تارىخقا بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق.» قومۇل شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى- مۇزېي يۇرتىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى چياۋ دەن مۇنداق دېدى: پائالىيەتتە يەنە ئويۇن ئارقىلىق ھەمتۈرتكە بولۇش شەكلى ئارقىلىق زو زۇڭتاڭنىڭ شىنجاڭنى قايتۇرۇۋېلىشتا قوللانغان تەدبىرى نامايان قىلىندى.

 «زو زۇڭتاڭنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنىڭ دەۋر قىممىتىنى ئەۋج قىلدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش مەقسىتىدە بۇ بىر مەيدان پائالىيەتنى ئۆتكۈزدۇق» دېدى چياۋ دەن.

 چىڭمىڭ بايرىمىدا لەگلەك ئۇچۇرۇش ئەنئەنىۋى ئۆرپ- ئادەتلەرنىڭ بىرى. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى- مۇزېي يۇرتى(مۇزېي) 100 بالىنى مۇزېيغا كىرىشكە تەشكىللەپ، «قولدا لەگلەك ياساش، چىڭمىڭنى بىرلىكتە سۆزلەش» تەتقىق قىلىش، ئۆگىنىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، رەسىم سىزىش ئارقىلىق بالىلارنى چىڭمىڭ بايرىمىدىكى ئەنئەنىۋى ئۆرپ- ئادەتلەرنى چۈشىنىشكە يېتەكلىدى.

 «لەگلەك قەدىمكى دەۋردە يەنە <قەغەز بۈركۈت> دەپ ئاتالغان، كۆپىنچە شايى ياكى قەغەزدىن بۈركۈت شەكلى ياسىلىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ قەدىمكى دەۋرىدە، لەگلەك ئۇچۇرۇش بىر تۈرلۈك كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئۇنىڭغا كىشىلەرنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى ۋە تىلەكلىرى مۇجەسسەملەنگەن». ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى- مۇزېي يۇرتى(مۇزېي) كۆرگەزمە تەشۋىق- تەربىيە بۆلۈمىنىڭ خىزمەتچى خادىمى فېڭ لى مۇنداق تونۇشتۇردى: شۇ كۈنى، خىزمەتچى خادىملار بالىلارنى باشلاپ لەگلەكنىڭ تارىخى، ياساش ماھارىتىنى ئىگىلەتكەندىن كېيىن، يەنە بالىلارنى تەسەۋۋۇر كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، لەگلەكنى ئۆزلىرى ياساشقا يېتەكلىدى.

 چىڭمىڭ بايرىمى كۈنى، توقسۇ ناھىيەلىك مۇزېي «ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىش . مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش» چىڭمىڭ بايرىمى باش تېما پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، «24 مەۋسۇم» گۈل چاپلىقى ياساش، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش، بۇلۇت تېرمىنالىدا ئىنقىلابىي قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، شۇ جايدىكى ئاممىغا جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ھېس قىلدۇردى. كورلا شەھەرلىك مەدەنىيەت سارىيى «ياد ئېتىش . ھۆرمەت بىلدۈرۈش . ۋارىسلىق قىلىش» 2024 «بىزنىڭ بايرىمىمىز − چىڭمىڭ» باش تېما پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ناخشا- ئۇسسۇل، دېكلاماتسىيە قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، كىشىلەرنى قۇربان بولغان قەھرىمانلارنى ياد ئېتىش، باھارنى مەدھىيەلەش، گۈزەل كەلگۈسى ھەققىدە ئەركىن تەسەۋۋۇر قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125