دولان مەشرىپى قىزغىنلىقىنى يېلىنجىتىش
23:48:46 2024-04-06 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

− 2023- يىللىق «جۇڭگونىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بويىچە يىللىق شەخس» نامزاتى ئېلياس گايىت توغرىسىدا

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ھەبىبە

 «داپ، راۋابتا ئورۇنلانغان مۇزىكا ياڭرىشى بىلەن، كىشىلەر گۈلخاننى چۆرىدەپ ئۇسسۇل ئوينايدۇ، ناخشىچىلار جۇشقۇنلۇق بىلەن يۇقىرى ئاۋازدا ناخشا ئېيتىدۇ، تەمبەل، ئاۋازى ياڭراق يىگىتلەر قىزلارنىڭ ئەڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىدۇ» دېدى 3- ئاينىڭ 28- كۈنى، ئاۋات ناھىيەسى غورۇچۆل بازىرىنىڭ دولان كەنتىدە نەۋرىسىگە دولان مەشرىپى ئۇسسۇلى ئۆگىتىۋاتقان ئېلياس گايىت.

 68 ياشلىق ئېلياس دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرى بولغان شىنجاڭ ئۇيغۇر مەشرىپى(شىنجاڭ ئۇيغۇر دولان مەشرىپى) دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسى، ئۇ يېقىندا 2023- يىللىق «جۇڭگونىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بويىچە يىللىق شەخس» تىزىملىكىدىكى 100 نامزات قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.

 ئېلياس گايىت(سولدا). (سۈرەتنى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى باشقارمىسى تەمىنلىگەن)

 ئۇزاق يىللاردىن بۇيان، ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان يەكەن دەرياسى سۈيى «دولانلىقلار»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي گىرۋىكىدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئوزۇقلاندۇرۇپ كەلمەكتە، بۇ جايدىكى قىزغىن، جۇشقۇن كىشىلەر يەنىلا ئۆزگىچە دولان مەشرىپى ئارقىلىق گۈزەل كەلگۈسىگە بولغان ئىنتىلىشىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ خىل مۇزىكا ئورۇنلاش، ئۇسسۇل ئويناش، ناخشا ئېيتىش، ھېكايە سۆزلەش، يۇمۇر سۆزلەش، ئويۇن ئويناش، ئىلھام بىلەن بېيىت ئېيتىش بىر گەۋدىلەشكەن ئۇسسۇل شەكلى، ئۇسسۇل ھەرىكىتى ئەركىن، تولىمۇ ئۆزگىرىشچان، ئاۋاز تۈسى ياڭراق، قىزغىن، جۇشقۇن بولۇش، قاتنىشىدىغان ئادەم سانى چەكلەنمەسلىك قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن، ھەرقايسى جايلاردىكى ئاممىنىڭ چوڭقۇر ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن، 2008- يىلى تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كېڭەيتىلگەن تۈرلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

 ئېلياس كىچىكىدىنلا دادىسىغا ئەگىشىپ دولان مەشرىپىنى ئۆگەنگەن بولۇپ، داۋاملاشتۇرۇۋاتقىنىغا 50 نەچچە يىل بولدى، «مەشرەپ ئوينىغانسېرى ئادەم ياشىرىدۇ، ۋاقتىم بولسىلا، ئۆيدە شاگىرت يېتىشتۈرۈپ، ۋارىس تەربىيەلەيمەن، ھازىر نەۋرىلىرىممۇ مەندىن ئۆگىنىۋاتىدۇ».

 «ئاممىنىڭ ياقتۇرۇشى بىزگە ئوخشاش غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلغۇچىلارنىڭ بۇنى داۋاملاشتۇرۇشىمىزنى ئىزچىل ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە قىلدى» دېدى ئېلياس. 2004- يىلى ئۇ ئۆمەك بىلەن بىللە شاڭخەيگە بېرىپ مەدەنىيەت- سەنئەت بايرىمىغا قاتناشتى، تەشكىلىي كومىتېت ئۇلارنى ئىككى مەيدان ئويۇن قويۇشقا ئورۇنلاشتۇردى، «ئويۇن قويۇش نەق مەيدانىغا كەلگەندە، مەن شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ بۇ خىل ئويۇن قويۇش شەكلىنى چۈشەنمەسلىكىدىن تولىمۇ ئەنسىرىگەنىدىم. چوڭ پەردە ئېچىلغان ۋاقىتتا، سەھنىنىڭ تۆۋەن تەرىپىدە بىرمۇ بوش ئورۇننىڭ قالمايدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم، كۆپچىلىك ئېيتقان ناخشىلىرىمىزنى مەستخۇشلۇق ئىلكىدە ئاڭلاپ، ئوينىغان ئۇسسۇللىرىمىزنى كۆرۈپ توختىماي ئالقىش ياڭراتتى».

 ئۇنى تېخىمۇ تەسىرلەندۈرگىنى، ئويۇن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، نۇرغۇن ئاممىنىڭ ئويۇن قويۇش مەيدانىنىڭ سىرتىدا ئۇلارنى ساقلاپ تۇرۇپ، بېلەت ئالالماي ئويۇننى كۆرەلمىگەنلىكىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى بولدى. شۇ چاغدا، بارلىق ئارتىسلار ئويۇن قويۇش زالى ئالدىدىكى مەيداندا يەنە بىر مەيدان ئۈستى ئوچۇق ئويۇن قويدى، كۆپچىلىك بىرلىكتە ئۇسسۇل ئوينىدى، نۇرغۇن كىشى يەنە پۇرسەت بولسا شىنجاڭغا بېرىش ئارزۇسى بارلىقىنى بىلدۈردى. «كۆپچىلىكنىڭ دولان مەشرىپىگە بولغان قىزغىنلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ئىرادەم تېخىمۇ چىڭىدى.» ئىلياس مۇنداق دېدى: دولان مەشرىپىدە مېلودىيە ۋە قايناق ھېسسىيات ئىپادىلىنىدۇ، شىنجاڭ خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان مەدھىيەسى ۋە تەرىپلەشلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ. بۇ خىل ئەۋلادتىن- ئەۋلادقا داۋاملىشىپ كەلگەن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرى تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ۋارىسلىق قىلىشى ۋە ئورۇنلىشىغا ئېھتىياجلىق. شۇڭا، مەن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دولان مەشرىپىنىڭ ئورۇنلاش مەزمۇنى ۋە شەكلىنى بېيىتىش ۋە يۈكسەلدۈرۈشكە ئىزچىل كۈچ چىقىرىپ كەلدىم.

 ئاۋات ناھىيەسى دولان مەشرىپى بارلىققا كەلگەن جايلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دولان مەدەنىيىتىنىڭ مۇنەۋۋەر ئامىللىرىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر قېزىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى قوغداشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، كونىلىرىنى چىقىرىۋېتىپ يېڭىلىرىنى يارىتىپ، كۆپ مەنبەلىك راۋاجلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، كۆپ تۈرلۈك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىلتىماس قىلدى. ھەر يىلى دولان مەشرىپىگە ۋارىسلىق قىلىش كۇرسى ئېچىپ، بۇنىڭغا قىزىقىدىغان ۋە ئورۇنلاشقا ماھىر ياش- ئۆسمۈرلەرنى مەركەزلىك تەربىيەلىدى ھەم پېشقەدەم خەلق ئىچى سەنئەتكارلىرىنى شاگىرت تەربىيەلەشكە تەكلىپ قىلدى. ئاۋات ناھىيەسىنىڭ يېزا- بازار، مەھەللىلىرىدىمۇ ئاھالىلەر ئۆزلۈكىدىن دولان ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئەترىتى بولۇپ تەشكىللەندى، ھەر مىللەت ئامما بىر يەرگە جەم بولۇپ، دولان ئۇسسۇلىنى ئۆزلىرى تەييارلاپ، ئۆزلىرى رېژىسسورلۇق قىلدى.

 «مەن بۇ ماھارەتنى دولان مەدەنىيىتىنى قىزغىن سۆيىدىغان ياشلارغا كۈچۈمنىڭ بارىچە ئۆگىتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى قاتنىشىش ھەم بۇ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمەن» دېدى ئىلياس.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125