ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققىنى بىر يىل ئىچىدە تەكرار تاپشۇرسا قايتۇرۇپ بەرمەمدۇ؟ بۇ پىتنە- ئىغۋالارغا ئالدىنىپ قالماڭ!
15:34:43 2024-04-07 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

پىتنە- ئىغۋا ھەقىقىي ئەھۋال ئالدىدا بىتچىت بولىدۇ، بۈگۈن بىز يەنە ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئىككى پىتنە- ئىغۋانى بىتچىت قىلايلى.

1. ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققىنى بىر يىل ئىچىدە تەكرار تاپشۇرسا قايتۇرۇپ بەرمەمدۇ؟

پىتنە- ئىغۋانىڭ تارقىلىش دەرىجىسى: ★★★★ قايمۇقتۇرۇش كۆرسەتكۈچى: ★★★★

 

ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس!

شەھەر- بازار ئىشچى- خىزمەتچىلىرىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ۋە شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار بەلگىلىمە بويىچە ئۇلىسا بولىدۇ.

«شەھەر- يېزا ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئۇلاش ۋاقىتلىق چارىسى»دە مۇنداق بەلگىلەنگەن: سۇغۇرتىغا قاتناشقان خادىملار ئەگەر بىر يىل ئىچىدە شەھەر- بازار ئىشچى- خىزمەتچىلىرىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ۋە شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا تەڭلا قاتناشقان بولسا، ئۇلارنىڭ تەكرار ھەق تاپشۇرۇش ۋاقىت ئارىلىقى (ئاي بويىچە ھېسابلىنىدۇ)دىن پەقەت شەھەر- بازار ئىشچى- خىزمەتچىلىرىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققى تاپشۇرغان يىل چېكىلا ھېسابقا ئېلىنىدۇ ھەم شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققىنى تەكرار تاپشۇرغان ۋاقىت ئارىلىقىدىكى مۇناسىپ شەخسىي تاپشۇرغان ھەققى ۋە كوللېكتىپنىڭ ياردەم پۇلى قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ.

2. جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقان خادىملار ئىلگىرى تاپشۇرغان ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققىنى يېرىم يولدا ئۈزۈپ قويغان بولسا قايتۇرۇپ بېرىلمەمدۇ ؟

پىتنە- ئىغۋانىڭ تارقىلىش دەرىجىسى: ★★★★  قايمۇقتۇرۇش كۆرسەتكۈچى: ★★★★

خاتا!

«< جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قانۇنى>نى يولغا قويۇشقا دائىر بىر قانچە بەلگىلىمە» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقان خادىملار ھەق تاپشۇرۇشنى ئۈزۈپ قويغان بولسا، ئىلگىرى- كېيىن ھەق تاپشۇرغان يىل چېكى قوشۇپ ھېسابلىنىدۇ؛ ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان شەخسلەر قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيەگە چىقىش يېشىغا توشقاندىن كېيىن، جەمئىي ھەق تاپشۇرغان يىل چېكى 15 يىلغا يەتمىسە ھەم شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا يۆتكىمىگەن بولسا، شەخسلەر ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، شەخسىي ئىسچوتتىكى ئامانەت سوممىسى شۇ كىشىگە بىر قېتىمدىلا چىقىم قىلىپ بېرىلىدۇ.

كونكرېت ئەھۋاللار توغرىسىدا 12333كە تېلېفون قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق شۇ جايدىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتلىرىدىن مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ.

پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125