«جاڭغىر»نى «ياشلارغا خاس ھالەت»تە ئورۇنلاش
23:52:43 2024-04-07 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

−2023- يىللىق «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بويىچە يىللىق شەخس» نامزاتى دورجى نىما توغرىسىدا

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ خەيبو

3- ئاينىڭ 28- كۈنى، قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەلىك جاڭغىر سەنئەت ئۆمىكىنىڭ رېپېتىتسىيە زالىدا، «دالىن توپچى» دەپ ئاتالغان مۇزىكا ئەترىتى «جاڭغىر»نى ئورۇنلاۋاتاتتى، ئات باشلىق غېجەكنىڭ لەرزان كۈيى ياڭراپ، «جاڭغىر» ساداسى يىراقلارغا تارقالدى.

مۇزىكا ئەترىتىنىڭ قۇرغۇچىسى دورجى نىما دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك تۈرى بولغان «جاڭغىر»نىڭ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ۋەكىللىك ۋارىسى. ئۇ «جاڭغىر» ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، بوۋىسى جاجۇنەي داڭلىق «جاڭغىر» سەنئەتكارى ئىدى، كىچىكىدىن باشلاپلا قۇلىقىغا سىڭىپ كەتكەچكە، دورجى نىما جاڭغىرچى بولۇپ يېتىشىپ چىقتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ تىپتىكى مەدەنىيەت- ساياھەت كۆرىكى ۋە تونۇشتۇرۇش پائالىيەتلىرىدە، ئۇنىڭ بىلەن مۇزىكا ئەترىتى ئەزالىرىنىڭ مودا، يېڭىچە ئورۇنلاش ئۇسلۇبىدا «جاڭغىر» ئېيتىۋاتقانلىقىنى دائىم كۆرگىلى بولىدۇ. يېقىندا دورجى نىما 2023- يىللىق «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بويىچە يىللىق شەخس»نىڭ 100 نامزاتى ئىسىملىكىگە تاللاندى.

«مەن كىچىكىمدىن تارتىپ بوۋام بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈردۈم، يەتتە ياش ۋاقتىمدا ئۇنىڭدىن <جاڭغىر> ئېيتىشنى ئۆگەندىم، ئۇ چاغدا پەقەت قىزىقارلىق تۇيۇلاتتى.» دورجى نىما مۇنداق دېدى: مەن نارېنخوبوگ چارۋىچىلىق مەيدانىدا تۇغۇلغان، ئۇ يەرنىڭ «جاڭغىر» مەدەنىيەت كەيپىياتى قويۇق بولۇپ، بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ «جاڭغىر» ئېيتىۋاتقىنىغا نەچچە يۈز يىل بولدى، چارۋىچىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بىرنەچچە مىسرا ئېيتالايدۇ. «مەن 12 ياشقا كىرگەن يىلى، بىر قەھرىتان قىش كېچىسىدە، بوۋام توبشۇرنى يېنىك چېلىپ، جاڭغىرنىڭ قاتمۇقات سىناقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، كۆڭلىدىكى قىزغا ئۆيلەنگەنلىكى توغرىسىدىكى ئارىيەنى ئېيتىپ بەردى. شۇ دەقىقىدە، مېنى <جاڭغىر>نىڭ ئەگرى- توقايلىققا تولغان ھېكايە ۋەقەلىكى جەلپ قىلىۋالدى.» شۇنىڭ بىلەن مەن بوۋامنىڭ ئىزىنى بويلاپ «جاڭغىر» ئۆگىنىشكە بەل باغلىدىم.

شۇنىڭدىن باشلاپ، دورجى نىما ھەر كۈنى مەكتەپتىن قايتقاندىن كېيىن، دەل ۋاقتىدا بوۋىسىنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ، «جاڭغىر»نى مىسرامۇ مىسرا ئۆگەندى. «ھەر كۈنى ئاز دېگەندە بىر سائەت ئېيتاتتىم، ئاندىن كىيىنكى كۈنلەردە تەكرارلاش ئۈچۈن ئۆگەنگەن مەزمۇنلارنى دەپتەرگە خاتىرىلەيتتىم.» دورجى نىما مۇنداق تونۇشتۇردى: «جاڭغىر» قەھرىمانلىق ئېپوسى بولۇپ، ئاساسلىقى ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈش شەكلىدە تارقالغان، كۆچۈرۈلمە نۇسخىسى ۋە ئويما نۇسخىسىمۇ بار. بۇ ئېپوستا جاڭغىر باشچىلىقىدىكى 12 باتۇر سەركەردىنىڭ نەچچە مىڭ ئەزىمەت بىلەن بىرلىكتە ماكانىنى قوغداش ئۈچۈن رەزىل كۈچلەرگە قارشى جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلغانلىقى ھەم ئاخىرىدا غەلىبە قىلغانلىقى ھەققىدىكى ھېكايە تەسۋىرلەنگەن، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇش غايىسى ۋە گۈزەللىك ئىنتىلىشى چوڭقۇر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، زور بەدىئىي قىممەتكە ئىگە.

«<جاڭغىر> 70 نەچچە بۆلەكتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بىر بۆلەكنى ئېيتىشقا ئەڭ قىسقا بولغاندىمۇ يېرىم سائەت ۋاقىت كېتىدۇ، ئەڭ ئۇزاق بولغاندا ئىككى سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت كېتىدۇ.» تا ھازىرغىچە، دورجى نىما بارلىق بۆلەكلەرنى تېخى تەلتۆكۈس ئۆگىنىپ بولالمىدى.

«2012- يىلى، مەن يۇرتقا قايتىپ، جاڭغىر سەنئەت ئۆمىكىدە خىزمەت قىلدىم، شۇ چاغدا مەن <جاڭغىر>نىڭ ئەنئەنىۋى ئورۇنلاش ئۇسۇلىغا ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزگىلى بولارمۇ، دەپ ئويلىدىم.» شۇنىڭ بىلەن دورجى نىما ئۈچ يېقىن دوستى بىلەن «دالىن توپچى» مۇزىكا ئەترىتىنى قۇردى، بۇ «<جاڭغىر>نىڭ 70 بۆلىكى» دېگەن مەنىدە ئىدى. «جاڭغىر»نى قوغداش ۋە ئەۋج ئالدۇرۇش ئىرادىسى بىلەن، ئۇ مۇزىكا ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن مۇزاكىرىلىشىپ، ئېيتىشىش شەكلىنى ئاساس قىلىپ، خۇمەي، تۇۋا دۇمبىقى، ئات باشلىق غېجەك قاتارلىقلارنى كىرىشتۈرۈپ، چەكلىك ۋاقىت ئىچىدە، «جاڭغىر»نىڭ مەنىۋى ئىچكى يادروسىنى ئىمكانقەدەر «ياشلارغا خاس ھالەت»تە ئورۇنلىدى.

دورجى نىما «جاڭغىر»نى ئورۇنلاش شەكلى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى، مۇزىكا ئەترىتى مۇزىكا ساھەسى ئىچى- سىرتىدا تەدرىجىي باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، خېلى نام چىقاردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇلار پات- پات شىنجاڭدىن چىقىپ، پىروگراممىلارنى سۈرەتكە ئېلىشقا قاتنىشىش ياكى تۈرلۈك مۇسابىقە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش ئارقىلىق، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كۆرۈرمەنلەرگە ئۆزگىچە «جاڭغىر»نى سۇندى، «بۇلتۇر بىز مەركىزىي رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ <يىراقتىكى ئائىلە> باش تېمىسىدىكى مۇزىكا كېچىلىكىدە ئويۇن قويۇپ، مىليونلىغان تورداشنى جەلپ قىلدۇق، ئويۇن ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى».

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دورجى نىما يۇرتىدا «جاڭغىر» ئېيتىش كۇرسى ئېچىپ، 200گە يېقىن «كىچىك جاڭغىرچى»نى يېتىشتۈردى. ئۇ ئەڭ ئاساسىي تەلەپپۇزدىن باشلاپ ئۆگىتىپ، ساز چېلىش، ئورۇنلاش قاتارلىقلارغا قاراپ تەدرىجىي چوڭقۇرلاشتۇردى. بايىنسەر تۆت يېشىدىن باشلاپ ئۆگەنگەن بولۇپ، ھازىر 1- يىللىققا چىقتى، «ئىلگىرى پەقەت ئوقۇتقۇچىغا ئەگىشىپ غىڭشىپ ئېيتاتتىم، ھازىر چېلىپ ئېيتالايدىغان بولدۇم».

«بوۋام ئىلگىرى <جاڭغىر>نى ئۆگەنمىسەڭ پۇشايمان قىلىسەن، دەيتتى. ھازىر مەن بوۋامنىڭ مەقسىتىنى چۈشىنىپ يەتتىم» دېدى دورجى نىما ھاياجانلانغان ھالدا. بۇ يىل مۇزىكا ئەترىتى چەت ئەلگە چىقىپ ئويۇن قويۇشنى پىلانلىدى، بۇنىڭدىن باشقا، دورجى نىمانىڭ يەنە مۇنداق يېڭى ئويى بار: «بىز بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ئىجاد قىلغان ئېيتىشىش شەكلىدىكى ئون نەچچە <جاڭغىر> ناخشىسىنى پىلاستىنكا قىلىپ ئىشلەپ، ھەرقايسى چوڭ مۇزىكا سۇپىلىرىدا ئېلان قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى بۇ ئېپوسنى ئاڭلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى ئويلاۋاتىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125