دېلو ئارقىلىق قانۇن سۆزلەش | مەست كىشى ئۆلۈپ كەتسە، مەسئۇلىيەتنى كىم ئۈستىگە ئالىدۇ؟
16:22:34 2024-04-08 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 دېلو ئەھۋالى

 2023- يىلى 7- ئايدا، ۋاڭ x دۇ x بىلەن جوۋ xنى ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونىدىكى مەلۇم يېمەك- ئىچمەك دۇكىنىغا تاماققا تەكلىپ قىلدى. رومكا ئۈچ قېتىم ئايلانغاندىن كېيىن، ۋاڭ x مەست بولۇپ قالدى، دۇ x بىلەن جوۋ x ھېسابات قىلىۋېتىپ كېتىپ قالدى. ئاشخانا لوبىنى تاڭ x قاتارلىقلار مەست بولۇپ كەتكەن ۋاڭ xنى يۆلەپ دۇكان سىرتىدىكى بىر بۇلۇڭغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى. كېيىن ۋاڭ x ئۆلۈپ كەتتى، گۇڭئەن ئورگىنى ئۆلۈش سەۋەبىنى ئىسپىرتتىن زەھەرلەنگەن، دەپ بېكىتتى. ۋاڭ xنىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلىرى ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ھاراق ئىچكۈچىلەر ۋە ئاشخانا ئۈستىدىن ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىپ، ئۆلۈم تۆلەم پۇلى، روھىي زىيان تەسەللى پۇلى قاتارلىق تۈرلۈك ئىقتىسادىي زىيان ئۈچۈن جەمئىي 1 مىليون 60 مىڭ يۈەن تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

 قانۇن ماددىلىرى

 «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نىڭ 1165- ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: خاتالىق ئۆتكۈزۈپ باشقىلارنىڭ ھەق تەلەپ ھوقۇق- مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن ھەرىكەت ئىگىلىرى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە خاتالىقى بار دەپ قارالغان ھەرىكەت ئىگىلىرى ئۆزىنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزمىگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىسە، ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

 «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نىڭ 1198- ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: مېھمانخانا، سودا ساراي، بانكا، بېكەت- ۋوگزال، ئايرودۇرۇم، تەنتەربىيە مەيدان- سارىيى، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى قاتارلىق تىجارەت سورۇنلىرى، ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ تىجارەتچىسى، باشقۇرغۇچىلىرى ياكى ئاممىۋى پائالىيەتنىڭ تەشكىللىگۈچىلىرى بىخەتەرلىكنى كاپالەتلەندۈرۈش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي باشقىلارغا زىيان يەتكۈزگەن بولسا، ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

 3- كىشىنىڭ قىلمىشى سەۋەبىدىن باشقىلارغا زىيان يەتكەن بولسا، 3- كىشى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ تىجارەتچى، باشقۇرغۇچى ياكى تەشكىللىگۈچىلەر بىخەتەرلىكنى كاپالەتلەندۈرۈش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان بولسا، مۇناسىپ قوشۇمچە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. تىجارەتچى، باشقۇرغۇچى ياكى تەشكىللىگۈچىلەر قوشۇمچە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالغاندىن كېيىن، 3- كىشىدىن تۆلىتىۋالسا بولىدۇ.

 قاراش

 «پۇقرالار ساغلام ياشاش ھوقۇقىغا ئىگە، خاتالىق ئۆتكۈزۈپ باشقىلارنىڭ ھەق تەلەپ ھوقۇق- مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن ھەرىكەت ئىگىلىرى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك». بۇ دېلونى بېجىرىشنى ئۈستىگە ئالغان ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى ھەق تەلەپ 1- سوت كوللېگىيەسىنىڭ سوتچىسى نا نا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاشخانىنىڭ كۆزىتىش سىن لېنتىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، دۇ x، جوۋ xلەر نەچچە رەت ۋاڭ x بىلەن ھاراق قۇيۇشۇپ، رومكا سوقۇشتۇرغان، بۇ قېتىمقى ھاراق ئىچىش، تاماق يېيىش كىمنىڭ تەكلىپى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، دۇ x، جوۋ xنىڭ ھەقىقەتەن ۋاڭ x بىلەن بىللە ھاراق ئىچكەنلىكىنى ئىسپاتلىغىلى بولىدۇ. كۆرۈنمە سىندا، ۋاڭ x ئورنىدىن تۇرغاندا بەدىنى چايقىلىش، قەدەملىرى مۇقىم بولماسلىقتەك مەست بولۇش ئەھۋالى روشەن كۆرۈلگەن، ئىككىيلەن ئۇنى يېمەك- ئىچمەك دۇكىنىغا قويۇپ ئالدىن كېتىپ قالغان، بىللە ھاراق ئىچكۈچىلەرنىڭ مۇۋاپىق بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىش مەجبۇرىيىتى ۋە ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان، ئۇلار ۋاڭ xنىڭ ئۆلۈش نەتىجىسىدە مۇناسىپ سەۋەنلىك جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك ئىكەن.

 شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ۋاڭ x تولۇق ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە ئادەم بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى، ھاراق كۆتىرىش مىقدارى قاتارلىق ئەھۋالىنى ئېنىق بىلىشى كېرەك، ھەر بىر پۇقرانىڭ ئۆزىنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىغا نىسبەتەن زۆرۈر بىخەتەرلىك مەجبۇرىيىتى بار، ۋاڭ x ئەڭ ئاخىرىدا ئىسپىرتتىن زەھەرلىنىپ ئۆلۈپ كېتىشىدە ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 

 يېمەك- ئىچمەك دۇكىنىنىڭ تىجارەتچىسى ۋاڭ xنىڭ مەست بولۇپ يېتىپ قالغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، مۇۋاپىق قۇتقۇزۇش ئۇسۇلىنى تاللىماي، پەقەت دۇكان خىزمەتچىسىنى ۋاڭ xنى يۆلەپ دۇكان سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ قويۇشنى بۇيرۇغان، بۇ قىلمىشتىن تىجارەتچىنىڭ بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىقى ئېنىق چىقىپ تۇرىدۇ، ئۇ ۋاڭ xنىڭ ئۆلۈش ئاقىۋىتىنىڭ يۈز بېرىشىدە مۇناسىپ سەۋەنلىك جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

 سوت مەھكىمىسى ئەڭ ئاخىرىدا مۇنداق ھۆكۈم چىقاردى: ۋاڭ x سەۋەنلىك جاۋابكارلىقىنىڭ %75ىنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ دۇ x، جوۋ x بولسا %5 سەۋەنلىك جاۋابكارلىقىنى ئورتاق ئۈستىگە ئالىدۇ، 41 مىڭ يۈەن تۆلەم تۆلەيدۇ؛ يېمەك- ئىچمەك دۇكىنى بولسا %20 خاتالىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، 165 مىڭ يۈەن تۆلەم تۆلەيدۇ. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ياڭ شۇخەن، پىراكتىكانت مۇخبىر گې يەننىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر دۇڭ ۋېنجيې رەتلىگەن) 

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125