ۋاڭ شۇمىڭ
نەۋرەم ئەنئەن ئۈچ ياش، ئۆيى ۋۇشىدا. ھەر كۈنى چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا، ئۇ بىز بىلەن سىنلىق كۆرۈشۈپ، ئۆزى يېگەن تاماقلارنى كۆرسىتىپ، بىزگە ئۆزىنىڭ مەززىلىك تائاملىرىنى كۆزىمىز بىلەن تېتىتقۇزىدۇ. ئاخىرىدا: «موما، يېگۈڭىز بارمۇ؟» دەپ سوراشنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. ئايالىم: «مەن يىمەيمەن، مەن كۆرۈپ باقساملا بولدى، ئەنئەن كۆپرەك يەڭ، بويىڭىز ئېگىز ئۆسسۈن»، دەپ جاۋاپ بېرىدۇ.
ئايالىمنىڭ جاۋابى خۇددى ئانامنىڭ ئەينى يىلى ماڭا بەرگەن جاۋابىغا ئوخشاش.
مەن ئۆيدە بالىلارنىڭ كىچىكى ئىدىم، ئاكام، ئاچام ماڭا يول قوياتتى، ئاتا- ئانام مېنى ئەركە ئۆگىتىپ قويغانىدى. مەن يەتتە ياشقا كىرىشتىن ئىلگىرى، كەنتىمىزدە شال تېرىلمىغان بولۇپ، گۈرۈچ تامىقى ئاز ئۇچرايتتى، لېكىن ئانام ماڭا ئايرىم تاماق ئېتىپ بېرەتتى، مەن دائىم مەززىلىك شوۋىگۈرۈچ ئىچەلەيتتىم. ئۇ شوۋىگۈرۈچ كىچىك كوزىدا ئوچاقنىڭ ئىچىگە سېلىپ پىشۇرۇلاتتى، كومزەكنىڭ ئاغزىنى ئاچقاندا ئۆينىڭ ھەممە يېرى گۈرۈچنىڭ خۇشبۇي ھىدىغا تولۇپ كېتەتتى. شوۋىگۈرۈچ ئىچكەندە، مەن بەزىدە بىر قوشۇق ئۇسۇپ، ئانامنىڭ ئاغزىغا ئاپىرىپ، ئانامغا تېتىتىپ قوياتتىم، لېكىن ئانامنىڭ تېتىپ بېقىشقىمۇ كۆزى قىيمايتتى، ئۇ ھەمىشە مۇلايىملىق بىلەن بېشىنى چايقاپ: «بالام سىز يەڭ» دەيتتى. بەزىدە ئۇ مېنى گەپكە كىرگۈزەلمەي، يالغاندىن ئاغزىنى ئېچىپ بىر يالاپ قويۇپلا: «ھىم، نېمىدېگەن مەززىلىك! بەك ئوخشاپتۇ!» دەيتتى.
كېيىن مەن سەل چوڭ بولدۇم، ئۆيدە ئاندا- ساندا بىرەر قېتىم تۇزلانغان سەيدە پىشۇرۇلغان كىچىك بېلىق، گۆش قورۇمىلىرى قورۇلاتتى، ئانام قورۇمىلارنى ئۇسۇپ ئۈستەلگە قويۇپ، ئۆزى ئوچاق تەرەپتە يانچە ئولتۇراتتى. ئۇ بىزنىڭ چوكىلىرىمىزنىڭ تەخسىدە توختىماي ئۇچۇپ يۈرۈشىگە خۇشاللىق بىلەن قاراپ تۇراتتى. بىر تەخسە قورۇمىنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئاندىن ئانىمىزنىڭ چوكىسىنى سۇنۇپ باقمىغانلىقىنى ئەسلەپ، خىجىللىق بىلەن: «ئاپا، سىزمۇ يەڭ»، دەپ نەسىھەت قىلاتتۇق. ئانام دائىم كۈلۈپ تۇرۇپ: «سىلەر يەڭلار، سىلەر يەڭلار، مەن كۆرۈپ باقساملا بولدى، مەن قازاندا پۇراپلا تويۇپ قالدىم»، دەيتتى.
ئانام مانا مۇشۇنداق، كۆزى بىلەن لەززەتلىك تائاملارنى تېتىش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەن. مەن سىرتقا چىقىپ خىزمەت قىلغاندىن كېيىنمۇ، ئۇ يەنىلا شۇنداق. مەن ھەر قېتىم ئۆيگە قايتقاندا، ئۇ يىغىپ ساقلىغان، يېيىشكە كۆزى قىيمىغان نەرسىلەرنى بىر- بىرلەپ تېپىپ چىقىپ، بىر ھازا پايپېتەك بولاتتى، ئۆزى ناھايىتى ئاز يەيتتى، لېكىن مېنى تاماق يېيىشكە، كۆپرەك يېيىشكە توختىماي زورلاپ، «سىرتتىكى تاماقلار نەدىمۇ ئۆيدە ئەتكەن تاماقتەك يېيىشلىك بولسۇن»، دەيتتى.
يىللار ئۆتۈپ، بىز ئاتا- ئانا بولغاندىن كېيىن، ئاندىن كۆزىمىز بىلەن مەززىلىك تائام تېتىشتىكى بەختنى بىلدۇق.
ئايالىم كۆكتات سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن دائىم: «نېمە كۆكتات ئالسام بولار، بالا بۇنى يەۋېرىپمۇ زېرىكتى، ئۇنى يەۋېرىپمۇ زېرىكتى»، دەيتتى. راك، گۈللۈك قۇلۇلە، كىچىك سېرىق بېلىق قاتارلىق دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى بالىلار بىر قەدەر ياخشى كۆرىدۇ، گەرچە قىممەت بولسىمۇ، ئايالىم كۆكتات سېتىۋالغاندا قىلچە ئىككىلەنمەي ئارىلاپ- ئارىلاپ ئازراق سېتىۋالىدۇ. تاماق ئۈستىلىدە، بالىلار يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغان تاماققا ئۇ چوكىنى ناھايىتى ئاز سۇنىدۇ. بالىلار كۆرۈپلا قالسا: «ئاپا، ياقتۇرسىڭىز يەڭ، قىيماي قالماڭ»، دەيدۇ. ئۇ مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ: «مەن قىيالمىدىم ئەمەس، مەن پەقەت يېيىشنى ياخشى كۆرمەيمەن، خالاس»، دەيدۇ. ئۇنىڭ قورۇغان قورۇمىلىرىنى بالىلارنىڭ كۆرۈپ خوشال بولغىنىنى كۆرسە، ناھايىتى خۇشال بولىدۇ. بالىلار ياقتۇرمايدىغان قورۇمىلارنى ئۇ ئۆزى «ياخشى كۆرىدۇ».
بالىلار يەپ ئېشىپ قالغانلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى ئۇ ئۆزى پاك- پاكىز تۈگىتىدۇ. بەزىدە بىر ۋاقلىق تاماقتا يەپ بولالمىغاندا، توڭلاتقۇغا سېلىپ قويۇپ، كېيىنكى ۋاقلىق تاماقتا ئېلىپ چىقىدۇ، باشقىلار يېڭى قورۇغان قورۇمىنى يېسە، ئۇ ئۆزى يالغۇز ئېشىپ قالغان قورۇمىلارنى يەيدۇ. قىزىم بۇنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا يېڭى ئەتكەن تاماقنى يېيىشنى ئېيتسا، ئۇ پەقەتلا ئاڭلىمايدۇ؛ ئۇنىڭ ئاشقازىنىنى بۇزۇۋېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنىڭغا تۆكۈۋېتىشنى ئېيتسا، ئۇ دائىم: «نېمە بولاتتى، ئىلگىرى يازدا تاماق بۇزۇلۇپ قالسا، كەچتە جۈسەي يوپۇرمىقى بىلەن قاينىۋېتىپلا يەۋېرەتتۇق، يېسەكمۇ ھېچنىمە بولمايتتۇق»، دەيدۇ.
ئىككىنچى قىزىمىزنىڭ ئۆيى ۋۇشىدا بولۇپ، بىر كۈنى ئاپىسى بىلەن پاراڭلىشىپ، مانتا، نېلۇپەر قاتلىمىسى يېگۈسى بارلىقىنى ئېيتتى. ئايالىم بۇنى ئاڭلاپ ئىچى ئاغرىپ، ئەتىسى ئەتىگەندىلا مال سېتىۋېلىش ھارۋىسىنى سۆرەپ چىقىپ، ئۇن، كۆك پۇرچاق، نېلۇپەر يىلتىزى سېتىۋېلىپ، گۆش قىيمىسى قىلىپ، ئۆزى يالغۇز ئاشخانىدا بىر چۈشتىن كېيىن ئالدىراش بولدى. كەچلىك تاماقتىن كېيىن يەنە سائەت 10دىن ئاشقىچە ئالدىراش بولدى، بىر نەچچە قاسقان مانتا، بىر تەلەڭگە نېلۇپەر قاتلىمىسى پىشۇرۇپ، مېنىڭ كۆپۈك ساندۇققا قاچىلاپ، مۇز پارچىسى سېلىپ دەرھال تېز يوللانمىدىن ماڭدۇرۇۋېتىشىمنى ئېيتتى.
ئانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەممىسى شۇنداق، ئۇلار بالىلىرىنىڭ ئاشقازىنى ئۈچۈن غەم يەيدۇ، بالىلىرى مەززىلىك تائاملاردىن بەھرىمەن بولغاندا، كۆزى بىلەن بالىلىرىنىڭ خۇشاللىقى ۋە رازىمەنلىكىنى تېتىيدۇ، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ بەختى ۋە خۇشاللىقىنى تېتىيدۇ، ئۆزىنى ئىللىتىدۇ، بالىلىرىنىمۇ ئىللىتىدۇ.
ئاپتورنىڭ ئادرېسى: جياڭسۇ ئۆلكىسى يەنچېڭ شەھىرى شياڭشۇي ناھىيەلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر- يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)