دورا يېگەندە زادى سۇنى قانداق ئىچىش كېرەك؟ نۇرغۇن كىشى توغرا قىلالمىدى!
18:25:26 2024-04-08 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئاغرىپ قېلىپ دورا ئىچكەندە، سوغۇق سۇ بىلەن ئىچىش كېرەكمۇ ياكى ئىسسىق سۇ بىلەنمۇ؟ سۇنىڭ ئورنىغا چاي ياكى ئىچىملىكلەرنى ئىچىشكە بولامدۇ؟ ئەمەلىيەتتە، دورىنى سۇ بىلەن ئىچىشتىمۇ دىققەت قىلىدىغان ئىشلار بار، قانداق سۇ بىلەن ئىچىش، سۇ مىقدارىنىڭ ئاز- كۆپلۈكى، سۇ تېمپېراتۇرىسىنىڭ يۇقىرى- تۆۋەنلىكى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دورىنىڭ ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن.

دورا ئىچىشتە بۇ بىرقانچە ئىچىملىكنى تاللىماڭ

دورىنى ئىلمان قايناقسۇ بىلەن ئىچىش ئەڭ ياخشى، ئالاھىدە دورىلاردىن باشقىلارنى، ئادەتتە چاي، شەربەت، سۈت، ھاراق بىلەن ئىچىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.

چاي. چاي تەركىبىدە كۆپ مىقداردا تاننىن بولۇپ، ئاسانلا دورىدىكى تەركىبلەر بىلەن تەسىر كۆرسىتىشىپ قالىدۇ، مەسىلەن، چاي بىلەن تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىقنى داۋالايدىغان دورىلار (مەسىلەن، تۆمۈر فۇمارىك كىسلاتا، تۆمۈر <Ⅱ> سۇلفات قاتارلىقلار)نى ئىچكەندە چۆكمە ھاسىل قىلىپ، تۆمۈرنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، دورىنىڭ ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، چاي تەركىبىدە يەنە كوففېئىن، تېئوفىللىن قاتارلىق تەركىبلەر بولۇپ، مەركىزىي نېرۋىنى روھلاندۇرۇش رولىغا ئىگە، تىنچلاندۇرۇش، ئۇخلىتىش دورىلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

شەربەت. شەربەتتە مېۋە كىسلاتاسى مول بولۇپ، قىسمەن دورىلار بىلەن خىمىيەلىك رېئاكسىيە پەيدا قىلىدۇ، بۇ، دورىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا پايدىسىز. مەسىلەن، ئۈزۈم شەربىتى قان بېسىمىنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلار (فېلودىپىن، نىتروبېنزېن دىپىن، نېكاردىپىن)نىڭ بىيولوگىيەلىك پايدىلىنىش دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تۆۋەن قان بېسىمى ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

سۈت. كالا سۈتى تەركىبىدىكى كالتسىينىڭ مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، بىر قىسىم باكتېرىيەگە قارشى دورىلار (مەسىلەن، سىخۇەنسۇ، توۋباۋچۈسۇڭ، نوفۇشاشىڭ، زوياڭفۇشاشىڭ قاتارلىقلار)نى كالا سۈتى بىلەن بىللە ئىستېمال قىلغاندا، كالا سۈتىدىكى كالتسىي بىلەن رېئاكسىيەلىشىپ، ئېرىمەيدىغان خېلات ھاسىل قىلىپ، باكتېرىيەگە قارشى تۇرۇش رولىنى تۆۋەنلىتىپ، دورىنىڭ داۋالاش ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، ھەتتا پۈتۈنلەي يوقىتىۋېتىدۇ.

ھاراق. ھاراق كۆپ خىل دورىنىڭ بەدەندە مېتابولىزم بولۇش جەريانىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، ھاراق ئىچكەن مەزگىلدە ئەگەر بىر قىسىم توۋباۋ تۈرىدىكى دورىلار (مەسىلەن، توۋباۋچۈسۇڭ، توۋباۋپەيتۇڭ قاتارلىقلار) ئىستېمال قىلىنسا، دىسۇلفىنسىمان رېئاكسىيەنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، ئېغىر بولغاندا ئۆلۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

سۇ مىقدارىنىڭ قانچىلىك بولۇشىدىمۇ دىققەت قىلىدىغان ئىشلار بار

كۆپ قىسىم تابلېت دورا، دانىچە دورىلارنى ئىچكەندە، ئالدى بىلەن بىر يۇتۇم سۇ ئىچىپ، يۇتقۇنچاق- كېكىردەكنى نەمدەپ، ئاندىن 150 ~ 200 مىللىلىتىر سۇ بىلەن ئىچسە بولىدۇ.

بەزى دورىلارنى ئىستېمال قىلغاندا كۆپ مىقداردا سۇ ئىچىشكە توغرا كېلىدۇ، مەسىلەن: سۇلفونامىدلار تۈرىدىكى دورىلار ۋە زوياڭفۇشاشىڭ، موشىشاشىڭ قاتارلىق باكتېرىيەگە قارشى دورىلار، ئۇلارنىڭ مېتابولىزم ھاسىلاتلىرىنىڭ سۈيدۈكتىكى ئېرىش دەرىجىسى تۆۋەن، يەللىك بوغۇم ئاغرىقىغا قارشى دورىلار سۈيدۈك كىسلاتاسىنىڭ چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئاغرىقلار يۇقىرىقى دورىلارنى ئىستېمال قىلغاندا، كىرىستال شەكىللىنىپ، سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىدا تاش پەيدا بولۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن كۆپرەك سۇ ئىچىش كېرەك.

زۇكام بولۇپ قىزىپ قالغاندا دائىم ئىشلىتىلىدىغان قىزىتما قايتۇرۇپ ئاغرىق پەسەيتكۈچى دورىلار (مەسىلەن، برۇفېن قاتارلىقلار)نى ئىچكەندىن كېيىن كۆپ مىقداردا تەر چىقىرىدۇ، سۇنى كۆپ ئىچىش سۇسىزلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق.

سۆڭەك شالاڭلىشىشنى داۋالايدىغان قوش فوسفونات تۈرىدىكى دورىلار (مەسىلەن، ناترىي ئاللېن فوسفونات قاتارلىقلار)نىڭ يۇقىرىقى ھەزىم يولى شىللىق پەردىسىنى غىدىقلايدىغان ئەكس تەسىرى بار، شۇڭا 200 مىللىلىتىر ئەتراپىدا سۇ بىلەن ئىچىش كېرەك.

بەزى دورىلارنىڭ ئۈنۈم بېرىش ئۇسۇلى بىر قەدەر ئالاھىدە بولۇپ، دورا ئىچكەندە سۇنى ئاز ئىچىش كېرەك. ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى قوغدىغۇچى دورىلار (مەسىلەن، ئاليۇمىن تىئوساخارىد، ئاليۇمىن ھىدروكسىد قاتارلىقلار) ۋە ئىچ سۈرۈشنى توختاتقۇچى دورىلار ( مەسىلەن، مونتمورىللونىت تالقىنى قاتارلىقلار)نىڭ ھەممىسى ھەزىم قىلىش يولىدىكى شىللىق پەردىنى يېپىش ئارقىلىق داۋالاش ئۈنۈمىنى ئوينايدۇ، شېكەر قىيامى تۈرىدىكى يۆتەل توختىتىش دورىلىرىنىڭ يۇتقۇنچاق- كېكىردەككە چاپلىشىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا توغرا كېلىدۇ. ئاغرىقلار بۇ دورىلارنى ئىچكەندىن كېيىن، مۇناسىپ ئورۇنغا چاپلىشىپ قالغان دورىلارنى ئېقىتىپ كېتىپ، داۋالاش ئۈنۈمىگە تەسىر يېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئىمكانقەدەر سۇ ئىچمەسلىكى كېرەك.

سۇ تېمپېراتۇرىسىنىڭ يۇقىرى- تۆۋەن بولۇشىدىمۇ دىققەت قىلىدىغان ئىشلار بار

سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەزى دورىلارنىڭ ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇشقىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئادەتتە 40 ~ 50 سېلسىيە گىرادۇسلۇق ئىلمان قايناقسۇ بىلەن ئىچسە ئەڭ ياخشى بولىدۇ. ئەگەر سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە، قىسمەن دورىلار ئىسسىققا يولۇققاندىن كېيىن فىزىكىلىق ياكى خىمىيەلىك رېئاكسىيە يۈز بېرىپ، داۋالاش ئۈنۈمىگە تەسىر يېتىدۇ.

ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدىغان دورىلار، مەسىلەن، ئاشقازان ئاقسىل فېرمېنتى، ترىپسىن، كراخمال فېرمېنتى، كۆپ فېرمېنتلىق تابلېتكا، لاكتازىن، ئېچىتقۇ تابلېتكىسى، مۇرەككەپ ھەزىم قىلىش فېرمېنتى، تىرىك باكتېرىيە ياسالمىلىرى قاتارلىقلار، بۇ تۈردىكى دورىلارنىڭ كۆپىنچىسى فېرمېنت، ئاكتىپ ئاقسىل ياكى ئۆسۈشكە پايدىلىق باكتېرىيە بولۇپ، ئىسسىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئاسانلا قېتىپ ئۆزگىرىپ، دورا ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ، شۇڭا دورا ئىچكەن سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

ۋىتامىن تۈرىدىكى دورىلار، مەسىلەن، ۋىتامىن B1، ۋىتامىن B2، ۋىتامىن C سۇدا ئېرىيدىغان دورىلار بولۇپ، ئىسسىققا يولۇققاندا تۇراقسىز بولۇپ، خىمىيەلىك ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، دورىنىڭ ئۈنۈمى يوقىلىدۇ، دورا ئىچكەن سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسىمۇ بەك يۇقىرى بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، دورىنى تولۇق ئېرىتىش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، بەزى دانىچە جۇڭيى دورىلىرى (مەسىلەن، جىنچيەنساۋ دانىچىسى قاتارلىقلار)نى 80 ~ 100 سېلسىيە گىرادۇسلۇق سۇدا دەملەش كېرەك، لېكىن، تېمپېراتۇرا 40 ~ 50 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشكەندە ئاندىن ئىچىش كېرەك.

پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125