دىيابېت بولمىسىلا قان شېكىرىنى تىزگىنلىمىسىمۇ بولامدۇ؟ بۇ تۆت خاتا قاراشنى يەنە نۇرغۇن كىشى بىلمەيدۇ
16:02:10 2024-04-09 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ھەقىقىي ئەھۋال: قان شېكىرى نورمالسىز بولۇش دىيابېتنىڭ «بېشارىتى»، قان شېكىرى نورمالسىز بولسا ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدۇ! دىيابېتنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى كىشىلەر توپىنى ئۈچ تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ، يەنى ئاچ قورساق ۋاقىتتىكى قان شېكىرى زىيانغا ئۇچرىغان كىشىلەر توپى، ئىختىيارىي قان شېكىرى زىيانغان ئۇچرىغان كىشىلەر توپى ھەمدە ئىككى تۈرنىڭ ھەممىسى زىيانغان ئۇچرىغان كىشىلەر توپى. دىيابېتنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىنىڭ دىيابېتقا تەرەققىي قىلىشىغا تەخمىنەن ئۈچ يىلدىن 10 يىلغىچە ۋاقىت كېتىدۇ، ئەگەر ۋاقتىدا ئارىلاشمىغاندا، تەخمىنەن %93 كىشىلەر توپى دىيابېتقا تەرەققىي قىلىدۇ، بۇنىڭ سالامەتلىككە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ. «قان شېكىرى»نى قانداق قىلغاندا توغرا تىزگىنلىگىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭدا تۆۋەندىكى تۆت خاتا قاراشتىن ساقلىنىشقا توغرا كېلىدۇ:

 بىرىنچى خاتا قاراش: قان شېكىرى يۇقىرى بولسا، ئاساسىي تاماقنى قانچە ئاز يېسە شۇنچە ياخشى بولىدۇ 

 ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ! ئاساسىي تاماقنىڭ قوبۇل قىلىنىشى زىيادە ئاز بولسا، قان شېكىرىنى تىزگىنلەشكە پايدىسىز. دىيابېت ئاغرىقلىرى كاربون- سۇ بىرىكمىلىرى ئىسسىقلىقىنىڭ پۈتۈن كۈنلۈك ئومۇمىي ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ %50- %60ىنى ئىگىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. يەنە ئاساسىي تاماقتا قارا ئاشلىق بىلەن ئاق ئاشلىقنى ماسلاشتۇرۇشقا دىققەت قىلىشى كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا قان شېكىرىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا پايدىلىق بولىدۇ.

  ئىككىنچى خاتا قاراش: قان شېكىرى يۇقىرى بولسا، گۆش يېيىشكە بولمايدۇ

  ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، گۆشلۈك تاماق بىلەن گۆشسىز تاماق ماسلاشتۇرۇلغان يېمەك- ئىچمەك دىيابېت ئاغرىقلىرىنىڭ قان شېكىرىنى تىزگىنلىشىگە تېخىمۇ پايدىلىق. ئەگەر قان شېكىرىنى تىزگىنلىمەكچى بولسىڭىز، تاماق يېگەندە تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە قىلسىڭىز بولىدۇ: ئالدى بىلەن شورپا، مەسىلەن كۆكتات شورپىسى ئىچىڭ، ئاندىن سوغۇق سەي ياكى قورۇلغان كۆكتات يەڭ؛ ئارقىدىن گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ياكى بېلىق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى يەڭ؛ ئەڭ ئاخىرىدا ئاساسىي تاماقنى يەڭ؛ ئىككى ۋاق تاماقنىڭ ئارىسىدا مېۋە يەڭ. 

  ئۈچىنچى خاتا قاراش: قان شېكىرى يۇقىرى بولسا، مېۋە يېيىشكە بولمايدۇ

  ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، قان شېكىرىنى ياخشى تىزگىنلىگەن دىيابېت ئاغرىقلىرى مۇۋاپىق مىقداردا مېۋە يېسە بولىدۇ. مېۋە تەركىبىدىكى يېمەكلىك تالالىرى، مىنېرال ماددىلار ۋە ۋىتامىنلار ئۈچەي يولىدىكى باكتېرىيە توپىنى تەڭشەشكە پايدىلىق بولۇپ، شېكەر- ماي مېتابولىزمىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. لېكىن مېۋىلەرنىڭ شېكەر مىقدارى، شېكەرنى ئۆرلىتىش كۆرسەتكۈچى، يېيىش ۋاقتى ۋە قوبۇل قىلىش مىقدارىغا دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. 

  تۆتىنچى خاتا قاراش: شېكەرنى كۆپ يېسە، دىيابېت بولۇپ قالىدۇ

 ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، نۇرغۇن كىشى تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە ئامراق، لېكىن ھەرىكەت مىقدارى كۆپ، ماينى ئاز قوبۇل قىلىدۇ، تۇرمۇشىمۇ بىرقەدەر قانۇنىيەتلىك، شۇڭا قان شېكىرى ئۆرلەپ كەتمەيدۇ.

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125