تۇنجى ئىش غەلىبىلىك باشلاندى! 1- پەسىلدە دۆلىتىمىزنىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش مىقدارى 6 مىليون 600 مىڭدىن ئاشتى
15:51:50 2024-04-11 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 جۇڭگو ئاپتوموبىل سانائىتى جەمئىيىتى 4- ئاينىڭ 10- كۈنى ئېلان قىلغان ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1- پەسىلدە، دۆلىتىمىزنىڭ ئاپتوموبىل كەسپى ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشى مۇقىم باشلىنىپ، ياخشى باشلىنىش ئىشقا ئاشقان.

 بۇ يىل 1- پەسىلدە، ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش مىقدارى ئايرىم- ئايرىم ھالدا 6 مىليون 606 مىڭ ۋە 6 مىليون 720 مىڭ بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم- ئايرىم %6.4 ۋە %10.6 ئاشقان، 1- پەسىلدە تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. بۇنىڭ ئىچىدە، 3- ئايدا ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش مىقدارى بىردەك 2 مىليون 600 مىڭدىن ئېشىپ، ھالقىسىمان سېلىشتۇرغاندىمۇ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندىمۇ تەڭلا ئاشقان.

 پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125