قەلبنى ئىللىتقان دەملەر| يامغۇردىن دالدىلىنىش
15:01:34 2024-04-15 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 گاۋ دەييا

 يازنىڭ يامغۇرى شەپىسىزلا يېتىپ كەلدى، يامغۇر تامچىلىرى خۇددى جىددىي ئۇرۇلغان دۇمباقنىڭ ئاۋازىغا ئوخشاش يەرگە تاراسلاپ قاتتىق ئۇرۇلۇشقا باشلىدى.

 گەرچە بۇ يامغۇر رومانتىك بولمىسىمۇ، مەن ئەسلىدە يامغۇردا كۈنلۈك تۇتۇپ سەيلە قىلغاچ، بۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيانقى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا بەدىنىمدە يىغىلىپ قالغان قۇرغاقچىلىقنى يوقاتماقچى بولغانىدىم. لېكىن كۈنلۈك بېشىمدا ئۇيان- بۇيانغا قېچىپ، يەنە پات- پات بوراندا تەتۈر ئۆرۈلۈپ قالغىلى تۇردى. يەر يۈزىدە دەريا بولۇپ ئېقىۋاتقان سۇ پۇتنى چۆكۈرگىدەك بولۇپ قالغانىدى، ھۆل بولۇپ كەتكەن يوپكام پۇتۇمغا چاپلىشىپ قالدى، بۇ چاغدا مېنىڭ سالاپىتىمنى ئويلاشقا رايىممۇ قالمىدى، بىر تەرەپتىن ئېھتىيات قىلغاچ بىچارىلەرچە ئالدىغا قاراپ مېڭىپ، يەنە بىر تەرەپتىن يامغۇردىن ۋاقتىنچە دالدىلانغىلى بولىدىغان جاينى ئىزدىدىم.

  مەن پېشايۋىنى كەڭرەك بىر پەلەمپەيگە چىقىۋالدىم، بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام مىشيەن ئاشخانىسى ئىكەن، مەن دەرھال ئاشخانىغا كىردىم. ئاشخانا چوڭ ئەمەس، پاكىز، رەتلىك بولۇپ، تۆت ئادەم بار ئىكەن. پوكەينىڭ كەينىدە بىر ئوتتۇرا ياشلىق ئەر ئولتۇرغان بولۇپ، ياداڭغۇ، سوزۇنچاق يۈزى مۇلايىم بولۇپ، سىرتتىكى يامغۇرغا قاراپ تۇراتتى. بىر ياش قىز ئىشىككە كەينىنى قىلىپ تاماق يەۋاتاتتى، ئانا- بالىدەك كۆرۈنىدىغان ئىككەيلەن يولغا قاراپ بۇ قاتتىق يامغۇرنىڭ رەھىمسىزلىكىدىن ئاغرىنىۋاتاتتى، ئۇلارنىڭ ئۈستىبېشىدا يامغۇردا قالغانلىقىنىڭ ئىزنالىرى بار ئىدى.

  بۇ چاغ چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچ ئەتراپىدىكى ۋاقىت بولۇپ، چۈشلۈك تاماققا بەك كېيىن، كەچلىك تاماققا بەك بالدۇر ئىدى، مەن ئىككىلەنگەن ھالدا بېشىمنى كۆتۈرۈپ تامغا چاپلانغان تاماق تىزىملىكىگە قارىدىم، مىشيەن ئالسام بولارمۇ ياكى مىفېن ئالسام بولارمۇ، دەپ ئىككىلىنىپ قالدىم. لوبەن مېنىڭ ئوڭايسىزلىنىۋاتقىنىمنى بايقىغان بولسا كېرەك، يۇقىرى ئاۋازدا: «ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتتا چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچ ئەتراپىدا ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغىدۇ دېگەن، بۇ مەلۇمات ھەقىقەتەن توغرا ئىكەن، بۇ يامغۇر مۆلچەرىمچە بىردەمدىلا ئۆتۈپ كېتىدۇ، سىز شۇ يەردە ئولتۇرۇپ بىردەم ساقلاپ تۇرۇڭ»، دېدى. مەن لەپپىدە يېنىكلەپ قالدىم، كۆڭلۈمدە: «ئەگەر لوبەن  مەندىن قانداق تەمدىكى مىشيەن يەيسىز، دەپ سورىغان بولسا، مەن بىر كىشىلىك بۇيرۇتمىسام بولمايتتى، راستىمنى ئېيتسام، شۇ تاپتا گېلىمدىن بىر يۇتۇم شورپىمۇ ئۆتمەيتتى»، دەپ ئويلىدىم. رەھمەت ئېيتقاندىن كېيىن، مەن سەل خىجىل بولغان ھالدا ئىشىك ئالدىدىكى بىر يالغۇز كىشىلىك ئۈستەلنىڭ يېنىدا ئولتۇردۇم، ئەينەك ئىشىكتىن يامغۇرنىڭ بايىقىدىنمۇ قاتتىق يېغىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.

  بىردەمدىن كېيىن، دۇكانغا يەنە يامغۇرغا قارىماي مىشيەن ئالىدىغان، ماڭا ئوخشاش يامغۇردىن دالدىلىنىدىغان بىر نەچچەيلەن كىرىپ كەلدى. لوبەن يەنىلا ئېغىر- بېسىق بولۇپ، دۇكانغا كىرگەنلەردىن نېمە يەيدىغانلىقىنى سورىمىدى، يامغۇردىن دالدىلانغانلارمۇ خاتىرجەم ھالدا ئۈستەل يېنىدا ئولتۇردى.

  يازنىڭ يامغۇرى ئەزەلدىن سۆرەلمىلىك قىلمايدۇ، بىردەمدىلا يامغۇر پەسەيدى. يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتقاندىن كېيىن، مەن دۇكاندىن چىقىپ كەتتىم. بۇ چاغدىكى يامغۇر خېلى ياۋاشلاپ قالغانىدى، ھاۋادىن ساپ تىنىق كېلىپ تۇراتتى. 

 ئاپتورنىڭ ئادرېسى: سەنشى ئۆلكىسى جىنچېڭ شەھىرى شەھەر رايونى خۇيجيا باشلانغۇچ مەكتىپى 

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125