گۆشسىز تاماق توغرىسىدا كۆپ ئۇچرايدىغان بەش چوڭ خاتا قاراش
16:21:52 2024-04-15 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

بىرىنچى خاتا قاراش: گۆشسىز تاماق ئاسان قوبۇل قىلىنىدۇ

گۆشسىز تاماقنىڭ ئاسان قوبۇل قىلىنىشى ناتايىن. ئاشقازان- ئۈچەي يولى كېسىلى ئاغرىقلىرىغا گۆشسىز تاماقلارنىڭ ھەممىسىلا ماس كېلىۋەرمەيدۇ. يېڭى كۆكتات، مېۋە ۋە دانلار تەركىبىدىكى يېمەكلىك تالاسىنىڭ مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، ئۈچەيدە ھەزىم بولمايدۇ، قوبۇل قىلىنمايدۇ، شۇڭا بىراقلا «ئوت- چۆپ»نى كۆپ يېگەندە ھەزىم بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېتەرلىك سۇ تولۇقلىغاندىلا، ئاندىن بۇ يېمەكلىك تالالىرىنى ئوڭۇشلۇق چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، كۆكتات، مېۋە تەركىبىدىكى فىتىك كىسلاتا يەنە تۆمۈر، سىنك، كالتسىي قاتارلىق مېتال ئېلېمېنتلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا گۆشسىز تاماق يەيدىغانلار بۇ ئېلېمېنتلارنى قوبۇل قىلىشنى كۆپەيتىشى كېرەك.

ئۆسۈملۈك تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە يەنە بىر قەدەر كۆپ ئوكسالىك كىسلاتا بار بولۇپ، بۆرەكتىن چىقىرىۋېتىشكە توغرا كېلىدۇ، ئەگەر بىر قېتىمدا زىيادە كۆپ قوبۇل قىلىنسا، بۆرەككە يۈك بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

ئىككىنچى خاتا قاراش: گۆشسىز تاماق چوقۇم ساغلام بولىدۇ

گۆشسىز تاماق چوقۇم ساغلام بولىدىغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ ئالدىنقى ئىككىسى ياڭيۇ ياپراقچىسى ۋە ياغدا پىشۇرۇلغان ياڭيۇ بولۇپ، ئۈچىنچىسى ئاندىن پىششىقلانغان گۆش تۈرىدىكىلەر ئىكەن، ھالبۇكى بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئىچىملىكلەر بولسا شېكەرلىك ئىچىملىك ۋە %100لىك شەربەتلەر ئىكەن. ياڭيۇ ياپراقچىسى، شېكەرلىك ئىچىملىكلەرنىڭ ھەممىسى گۆشسىز، يەنە نۇرغۇن پىششىقلانغان گۆشسىز يېمەكلىككە گۆشنىڭ تەمىنى چىقىرىش ئۈچۈن، كۆپ مىقداردا ماي ۋە خۇرۇچ قوشۇلىدۇ، بۇ يۇقىرى دەرىجىدە پىششىقلانغان ئۆسۈملۈك تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر گەرچە گۆشسىز بولسىمۇ، ئەمما ئازراقمۇ ساغلام ئەمەس، پەقەت «كۆپچىلىكنىڭ گۆشسىز تاماق ساغلام بولىدۇ» دەيدىغان پىسخىكىسىدىن پايدىلىنىلغان، شۇڭا گۆشسىز تاماق تاللىغاندا، ساغلام گۆشسىز تاماق بىلەن ساغلام بولمىغان گۆشسىز تاماقنى پەرقلەندۈرۈش كېرەك، گۆشسىز تاماق ≠ ساغلام. يەنە تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، ساغلام بولمىغان گۆشسىز تاماق يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن، ھەتتا گۆش يېگەنگە قارىغاندا تېخىمۇ ئېغىر بولىدىكەن.

ئۈچىنچى خاتا قاراش: ھايۋانات يېغىنى چەكلەپ، سۇ ماينى چەكلىمەسلىك

نۇرغۇن كىشى ھايۋانات يېغى (چوشقا يېغى، كالا يېغى) قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىش كېسىلى، يۈرەك كېسىلىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبكارى، سۇ ماي (ئۆسۈملۈك مېيى)نىڭ ھەممىسى ساغلام دەپ قارايدۇ، شۇڭا گۆشسىز تاماق ئېتىش جەريانىدا ھايۋانات مېيىدىن ئېھتىيات قىلىدۇ، ئەمما سۇ مايغا چەك قويمايدۇ. بۇ دائىم كۆرۈلىدىغان خاتا قاراش، ئەمەلىيەتتە ھەر خىل ئۆسۈملۈك ياغلىرىنى پىششىقلاش جەريانىدا ئاسانلا تەتۈر شەكىللىك ياغ پەيدا بولىدۇ، ھىدروگېنلاشقان ئۆسۈملۈك يېغى ۋە ئۆسۈملۈك سېرىق يېغى، ئۆسۈملۈك قايمىقى ئىچىدە تەتۈر شەكىللىك ياغ تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. تەتۈر شەكىللىك ياغ ھايۋانات يېغىنىڭ تەركىبىدىكى تويۇنغان ياغقا قارىغاندا ئادەم بەدىنىگە تېخىمۇ زىيانلىق بولۇپ، يۈرەك ساغلاملىقىنىڭ «قاتىلى» ھېسابلىنىدۇ.

تۆتىنچى خاتا قاراش: قوشۇلغان شېكەرگە سەل قاراش

نۇرغۇن سودىگەر ئۆسۈملۈك تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ تەمىنى تېخىمۇ ياخشىلاش ۋە سېتىلىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن شېكەر قوشىدۇ. مەسىلەن، گۆشسىز تاماق يەيدىغانلار سۈت ئىچسە بولمايدۇ، دەپ تەشۋىق قىلىدۇ، شۇڭا نۇرغۇن زاۋۇت ئۆرۈك مېغىزى سۈتى، گۈرۈچ بوتقىسى، پۇرچاق سۈتى قاتارلىقلارنى سۈت ئورنىدا ئىشلەپچىقىرىدۇ، ئەمما بۇ ئۆسۈملۈك سۈتلىرىنىڭ تەركىبىدە شېكەر بار. تەكشۈرۈشتىن بايقىلىشىچە، بازاردا سېتىلىۋاتقان بىر ئىستاكان ئۆرۈك مېغىزى سۈتىدە پەقەت 1 گىراملا ئاقسىل بار ئىكەن، لېكىن 16 گىرام شېكەر بار ئىكەن. شۇڭا گۆشسىز تاماق تاللىغاندا يەنە شېكەرنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن- كەتمىگەنلىكىگە دىققەت قىلىش كېرەك. ئوخشاشلا گۆشسىز پېچىنە- پىرەنىك، تورت، دانلىق زىرائەت چوكىسى، ئىچىملىك قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە قوشۇلغان شېكەر ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىش مەسىلىسىنىڭ بار- يوقلۇقىغا دىققەت قىلىش كېرەك، گۆشسىز تاماق يەيدىغانلار ھەر كۈنى قوبۇل قىلىدىغان شېكەر مىقدارىنى ئەڭ ياخشىسى 25 گىرام ئىچىدە تىزگىنلىشى كېرەك.

بەشىنچى خاتا قاراش: گۆشسىز تاماق بارلىق ئوزۇقلۇق ماددا بىلەن تەمىنلەيدۇ

گۆشسىز تاماق يەيدىغان نۇرغۇن كىشى، بولۇپمۇ ياشانغانلار «يېتىلىش دەۋرىمدىن ئۆتۈپ كەتتىم، ئۇنچە كۆپ ئوزۇقلۇق ماددىغا ئېھتىياجلىق بولمايمەن» دەپ قاراپ، گۆشسىز تاماق يېسىمۇ، باشقا ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تولۇقلاشقا دىققەت قىلمايدۇ. بۇنداق قاراش توغرا ئەمەس، گۆشسىز تاماقنىڭ ھەقىقەتەن ئوزۇقلۇق ئىلمى جەھەتتىن كەمتۈكلۈكى بار، تۆمۈر، سىنك، كالتسىي، ۋىتامىن D ۋە ۋىتامىن B12 قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى گۆشسىز تاماق تەمىنلىيەلمەيدىغان ئوزۇقلۇق ماددىلار بولۇپ، باشقىدىن تولۇقلاشقا توغرا كېلىدۇ، بولمىسا قان ئازلىق، سۆڭەك شالاڭلىشىش قاتارلىق مەسىلىلەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. ياشانغانلارنىڭ ئاشقازان- ئۈچىيىنىڭ قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كەتكەچكە، ئەكسىچە بۇ مىكرو ئېلېمېنتلار ۋە ۋىتامىنلارنى قوبۇل قىلىش مىقدارىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125