ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى قانداق ئاتچوت قىلىنىدۇ؟ ھۆكۈمەت تەرەپ تەپسىلىي چۈشەندۈردى
12:57:03 2024-04-17 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 مىليونلىغان ئائىلىنىڭ كېسەل داۋالىتىش خىراجىتى چىقىمى ئېلىپ كەلگەن ئىقتىسادىي خەۋپ- خەتەرگە تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، دۆلەت ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى، داۋالاش بويىچە قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت ئۈچ مۇھىم تۈزۈم ئۇنىۋېرسال كاپالەت سىستېمىسىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ داۋالىنىش خىراجىتى يۈكىنى پەلەمپەيسىمان يېنىكلەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى» دېيىلىدۇ) ئاھالىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئاساسىدا، ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلارنىڭ يۇقىرى سوممىلىق داۋالىنىش خىراجىتىگە يەنىمۇ كاپالەتلىك قىلىدىغان تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى ھېسابلىنىدۇ.

 ئېغىر كېسەللەرنىڭ يۇقىرى سوممىلىق داۋالىنىش خىراجىتى ئالدىدا، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى مىليونلىغان ئائىلىنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا تىرەك بولدى، لېكىن نۇرغۇن سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىنىڭ بۇ تۈردىكى تۈزۈمگە بولغان چۈشەنچىسى كەمچىل. جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە قارىتا، دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى بۇ ھەقتە يېقىندا تەپسىلىي چۈشەنچە بەردى.

 سۇغۇرتىغا قاتنىشىشنى ئايرىم ئىلتىماس قىلىش ھاجەتسىز

 سوئال: ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى قانداق ئىلتىماس قىلىنىدۇ، يەنە قانداق ھەق تاپشۇرۇلىدۇ؟

 جاۋاب: تۈزۈم ئورنىتىلغاندىن باشلاپلا، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى تۈزۈمىدە سۇغۇرتىغا قاتنىشىشنى ئايرىم ئىلتىماس قىلىش ھاجەتسىز، ھەق تاپشۇرۇپ شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان بارلىق ئاممىنىڭ ھەممىسى ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىغا قاتناشقۇچى بولۇپ، ئايرىم ھەق تاپشۇرۇشى ھاجەتسىز.

 ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى تۈزۈمى 2012- يىلى نۇقتىدا سىناق قىلىنىپ، 2015- يىلىدىن باشلاپ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى. دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ ئۇچۇرىدا كۆرسىتىلىشىچە، 10 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى جەمئىي 100 مىليونغا يېقىن ئاغرىققا نەپ يەتكۈزگەن. 2023- يىلىدىلا، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىدىن ئاتچوت قىلدۇرغانلار 11 مىليون 560 مىڭ كىشىگە يېتىپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تەخمىنەن 8000 يۈەن ھەق يېنىكلىتىلگەن، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا بىر مىليون يۈەندىن ئارتۇق پۇل ئاتچوت قىلىنغان.

 بۇ بىر مىسال بىزگە ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىنىڭ رولىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ئەنخۇي ئۆلكىسى ئەنچىڭ شەھىرى يۆشى ناھىيەسىدە، 37 ياشلىق چۇ ئەپەندى تۇيۇقسىز يۈرەك مەنبەلىك شوك بولۇپ قېلىپ، كېچىلەپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ قۇتقۇزۇۋېلىندى. كېيىنكى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش يۇقىرى سوممىلىق داۋالىنىش خىراجىتىدىن ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ھەم ئەندىشە قىلدى ھەم بېشى قاتتى. كەنتتىكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مەخسۇس كادىرى ئەھۋالنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئۇلارغا ئەنسىرىمەسلىكنى، چۈنكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بار بولغاچقا، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىدىن ئاتچوت قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. چۇ ئەپەندىنىڭ كېسەلخانىدا ياتقان مەزگىلدىكى خىراجىتىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئۈچ مۇھىم تۈزۈمى بويىچە ئاتچوت قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىدىن ئاتچوت قىلىنغان سوممىسى كۆپ نىسبەتنى ئىگىلەپ، ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى زور دەرىجىدە يېنىكلەتتى.

 (داۋامى بار)

 پايدىلانغان مەنبە: خەلق تورى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125